تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 31501|ئىنكاس: 28

داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ياردىمى يىتىم قىزلارنىڭ كۆڭلىنى شا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5589
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 14:23:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ياردىمى يىتىم قىزلارنىڭ كۆڭلىنى شاتلاندۇردى


      ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ : چاغان مەزگىلىدە ، ئېلىمىزدىكى داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى مەمتىمىن بەكرىنىڭ ھەمرالىقىدا ، قەشقەر شەھەرلىك شەھەر-بازار پاراۋانلىق بېقىلىش مەركىزىگە كېلىپ ، بۇ يەردىكى يېتىم-يېسىر بالىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەمدە بۇ مەركەزدە چوڭ بولۇپ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان مەريەمگۇل قاسىم بىلەن خەيرىسا ئىسمائىلنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئوقۇشى ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى .
    مەريەمگۈل قاسىم بىلەن خەيرىنسا ئىسمائىل كىچىكىدىن تارتىپلا قەشقەر شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بولۇپ ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى . ئۇلار پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە  بۇلتۇر 9- ئايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرىستېتىغا قوبۇل قىلىندى . بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ، بۇ ئىككى قىز ئۆزلىرىنىڭ كونا ئۆيى بولغان قەشقەر شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا قايتىپ كېلىپ ، بىر تەرەپتىن پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشسە ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا بالىلارنىڭ ئۈگۈنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى . ئۇلار داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى ئۈچۈن 30 مىڭ يۇەن ياردەم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تەسىرلەنگىنىدىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى ھەمدە «بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇپ ، دىلبەر ئاچىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز » دېيىشتى.

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
359
تۆھپە
201
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 14:37:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتچىلەرنىڭ ساخاۋىتى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!!! تېمىڭىزغا


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5733
تۆھپە
2911
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 14:51:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامەت بولۇڭ دىلبەر يۇنۇس خانىم! مۇشۇنداق ساخاۋەتنى دائىم قىلىپ تۇرۇڭ!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
508
تۆھپە
198
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 15:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلارنىڭ كۆزى نەم بولمىغاي...
            


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 16:01:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزدىن كۇپلەپ دىلبەر خانىمدەك ساخاۋەتچىلەر چىخسا ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇيالمىغان بەچارى سەبىلەرگە ياردىمى بولاتتى.....


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
457
تۆھپە
151
UID
2744

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 16:37:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ساۋاپلىق ئىشلارنى قىپتۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1319
تۆھپە
952
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 16:42:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ساخاۋەتلىك ئىش بوپتۇ.


Rank: 4

تىللا
340
تۆھپە
103
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 17:33:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلىپتۇ سالامەت بولۇڭ دىلبەر يۇنۇس يۇنۇس خانىم مۇشۇنداق ساخاۋەتنى دائىم قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!


ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلىكتۇر

Rank: 6Rank: 6

تىللا
935
تۆھپە
161
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 18:42:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشىچىمىز ئەمدى تەسىرلىنىپتۇ دە؟؟؟؟؟.................................مەن تېخى بىر ئۆمۈر شۇنداق ناخشا توۋۇلاپ جىملا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
295
تۆھپە
35
UID
289
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 20:01:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئىش قىپسىز؟سىزنىڭ ناخشىللىرىڭىزنى مەن ئانچە كۆپ ئاڭلاپ كەتمىسەممۇ سىزگە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم. ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئىشلىرىڭىزئوڭۇشلۇق بولغاي، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 20:02  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 15:52, Processed in 0.080888 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991