مۇشۇنداق مەسلىلەرنى ئويلاپ تاپايلىچۇ !
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ! پەرزەنىت تەربىيىسىدە بالىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ، تەپەككۈر قىلىشقا يېتەكلەش بەك مۇھىم دەپ قارايمەن . مەن مۇشۇنى ئويلاپ خېلى جىق كىتاپلارنى ( بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ) كۆرۈپ باقتىم . مەيلى خەنزۇچە بولسۇن مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ئىشقىلىپ مېنىڭ ئويلىغان يېرىمغا پەقەت يېققىن كەلمىگەندەك ھېس قىلدىم . ئەمما قاراپ باقساق كىتاپ دىگەن ئالامەت جىق ، لېكىن ھەقىقى جانغا ئەس قاتىدىغىنى بەك ئاز بەك ئازكەن ، ئۇيغۇرچە ماتىرياللارغۇ يوق دىيەرلىككەن .خەنزۇچە ماتېرياللارمۇ تايىنلىقكەن ! مەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم تورداشلارنىڭ مەدەتلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ئۆزەمنىڭ ئاز -تولا تەجرىبە ساۋاقلىرىمغا ئاساسەن كىچىككىنە بىر كىتاپچە نەشىر قىلدۇرۇش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم .يەنى 3ياشتىن 7 ياشقىچە بالىلارغا ماس كەلگۈدەك ، ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكلىشىگە ماس كەلگۈدەك بىر كىتاپچە دىمەكچى . ئومۇمى جەھەتتىكى پىلان كاللامدا ئاساسەن پىشىپ بولدى . ئەمدىكى گەپ ئاشۇ كىتاپچىنىڭ ئىچىنى قانداق توشقۇزىمىز دىگەن مەسىلە بولدى . ئىسمى كىتاپچە بولغان بىلەن خېلى كۈچ تەلەپ قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ھازىرقى بازارلاردىكى چوڭ -چوڭ رەسىملەرنى سىزىپ ، تارتىپ ،قوشۇش ،ئېلىش ، قايسى چوڭ قايسى كىچىك ، قايسى رەڭ ، قانچە تال توشقان قانچە تال بۆجەن باركەن ؟ دىگەندەك قىلساققۇ ئاسانكەن لېكىن مەن دەۋاتقىنىم ئادەتتىكى دېھقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئەمەلى ،ئاددى تەجرىبە قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارنى تەپەككۈرگە ، ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىغان مەسىلىلەر بولسا بولاتتى .، مەسىلەن مۇنداق : (ئەتتىگەن بىز ئىشلىگەن تەجرىبە ) ئاغىزى كىچىك قارىقات قۇتىسى بىر تال ، قارىقات قۇتىسىنىڭ ئاغىزىدىن چوڭىراق مۇز پارچىسى بىر پارچە . بالامغا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ سورىدىم : بۇ مۇز پارچىسىنى مۇشۇ قۇتىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ئېلىپ كەتمەكچى بولساق قانداق قىلساق بولا ؟
بالام : مۇزنى ئۇرۇپ كىچىك-كىچىك قىلىپ سالساق بولىدۇ
. مەن : توغرا ،يارايسەن ! يەنە باشقا قانداق ئامال بار ؟
بالام : (ئويلىنىپ ،ئويلىنىپ ) بىلەلمىدىم
مەن: دەرھال مۇز پارچىسىنى ئالقىنىمدا سىقىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ، ئېرىتىپ سۇ تامچىسىنى ھېلىقى قۇتىنىڭ ئاغىزىغا تامچىلاتتىم ....
بالام : تاپتىم ، مۇزنى ئېرىتىپ قۇتىغا قۇيۇپ ئالساق بولىدىكەن !
مەن : يارايسەن !..........
يەنە بىر مىسال : ھېلىقى بىز كىچىك چاغلاردا ئوقۇغان مەسەلدە بارغۇ ،
تۈلكىنىڭ تۇرنىنى مېھمان قىلىشى تەجرىبە سايمانلىرى؛ ئاغىزى كىچىك كومزەك (بوتۇلكا بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ) ، كومزەككە يېرىم سۇ قاچىلانغان ، ئۇششاق تاش پارچىلىرى . تۇرنا (راست تۇرنىڭىز بولسىغۇ ياخشى بولاتتى ، تۇرنىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىز تۇرنا بولىسىز شۇ ) تۇرنا قانداق قىلسا كومزەكتىكى(پوتۇلكىدىكى) سۇنى ئىچەلەيدۇ ؟ يېرىم سۇ قاچىلانغان پوتۇلكىغا ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى سېلىپ ئەمەلى تەجرىبە قىلىمىز .
مۇشۇ مىسالغا ماس ھالدا، مۇنداق مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويساقمۇ بولىدۇ : بالام سېنىڭ پۇتبولۇڭ بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتسە ، بىز ئۇ ئورەككە چۈشەلمىسەك ، قانداق ئامال بىلەن ئالساق بولار ؟ مەن دىمەكچى بولغىنىم، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئويلاپ تاپالايدىغان تورداشلار بولسا مۇشۇ يەردە ئورتاقلاشساق ،نىمىلا دىگەن بىلەن كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەن گەپ . ياخشىراق مەسىللەر ئۇچۇراپ قالسا ئاۋۇ كىتاپچىغا كىرگۈزسەك دىگەن مەقسىدىم بار شۇ . تەلەپ: مەسىلە ئەمەلى ، دېھقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆيىدىلا چۈشۈنۈپ ئەمەلى تەجرىبە قىلالايدىغان ، بالىلارنى بەك قىيناپ كەتمەيدىغانىراق بولسا دىمەكچى . يەنە بىر مەسىلە : نەشىر قىلدۇرۇش جەريانى كىتاپچىنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش دىگەندەك .... بۇ ئىشلاردىمۇ يول كۆرسىتەلەيدىغان دوستلار بولسا بىر ھە ھۇ دىيىشىپ بەرسە دىگەن ئۈمۈدتىمەن !