كۆرۈش: 9928|ئىنكاس: 1

بېھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 00:00:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى



بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغانمەشھۇر مېۋىلىك دەرەخ بېھى بولۇپ بۇنىڭ مېۋىسىنىڭ خاسىيەتلىرى ئاز ئەمەستۇر.
تەبئىتى: ھۆل سوغۇق، ئاچچىق-چۈچۈكى قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: كۆڭۈلگە خوشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچسۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى، رېتىمسىزلىقى، مېڭە، ئاشقازان، جىگەرئاجىزلىقى، پەرىشانلىق، بىئاراملىق، ئىشتاھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىپ ياندۇرۇش ، بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللاردىكى سېزىكنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەبىدىن بولغان كۆڭۈلئىلىشىش، قۇسۇش ، تاماق سېڭمەسلىك قاتارلىقلاردا ( بۇنى مەن ئۆز تەجىربەمدىنئۆتكۈزگەن) ، بالىلاردىكى ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكلىرى، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىقلاردائىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى: بېھى شەربىتى ( شەربىتى سەپەرجال) ۋە مۇرابباسى تەييارلاپئىشلىتىلىدۇ. ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ئۆزىنى قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: كۆپ يېسە يۆتەل، ھېق تۇتۇش، تارتىشىش پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، رۇم بەدىيان
ئورۇنباسارى: ئالما
ئەرەبچە ئاتىلىشى:سەفەرجال
پارىسچە ئاتىلىشى: بېھى
ئوردوچە ئاتىلىشى: بېھى
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: Quince
خەنزۇچە ئاتىلىشى:
wen po 温勃
بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق . بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي – ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېھى ئالاھىدە شىپا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500 گرام ئەتراپىدىكى سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش – ئالتە گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە ، قان ئازلىق كېسەللىكى ، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرىنى ئالغان شامال دارىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . - لېكىن يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشلەر بېھى ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ . بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ مۇراببا ياساپ ياكى ھەسل ، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .
بېھى.بېھى تەركىبىدىكى ۋىتامىنcئاپلېسىنغا قارىغاندا، ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بىھى شەربىتى
بىھىنى سېقىپ سۈيى ئىلىنىپ تەييارلانغان بۇ دورىلىق ئىچىملىك يۈرەك-ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ. يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقلىرى، نېرۋا، جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋائىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش، سېزىكنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىچىش ئۇسۇلى:تاماقتىن بۇرۇن 1~2قۇشۇق ئىچىدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 17:31:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پولوغا بېسىپ پىشۇرۇپ يىسە - ھە . بىھى يىمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 02:52, Processed in 0.070233 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991