كۆرۈش: 8041|ئىنكاس: 2

خورما ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:52:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خورما ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش

بۇ پالما ئائىلىسىدىكى ھەمىشە كۆكىرىپ تۇرىدىغاندەرەخ خورمىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، << خورما >> نامىدا دورىغائىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى: ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

شىپالىق رولى: ئوزۇق بولۇش، قان كۆپەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، سېمىرتىش ، باھنى ۋە ئومومى بەدەننىقۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، يۈرەك ئاجىزلىقى، بوۋاسىر قاناش، يۇقۇرى قان بېسىمى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەل ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، يۆتەلقاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن سىرت ئوزۇقلۇق سۈپتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سېمىرتىش ئۈچۈن يېڭى سېغىلغان سۈتكە خورمىنىسېلىپ قاينىتىپ ئۈستىگە بادام مېغىزى، چامغۇر ئۇرۇقى، ياڭاق مېغىزى تالقىنىمۇۋاپىق مىقداردا سىلىپ ئۇماچ قىلىپ ئىچكۈزىلىدۇ.
ئۆزىنى مۇۋاپىق تۈردە بىر مەزگىل يەپ بەرسە يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك تەسىرلەرنىبىرىدۇ. ياكى مەجۈن تەييارلاپ يېسىمۇ بولىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 10-40 گىرام
زىيانلىق تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ. تال -جىگەردە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: سىركەنجىۋىل، ئانار سۈيى، كۈنجۈت يېغى، ئاقلانغان بادام بىلەن قوشۇپبىرلىدۇ. يەپ بولغاندىن كىيىن ئىسسىق سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش، بىر قىتىمدا 50 گىرامدىن ئارتۇق يېمەسلىك كىرەك.
ئورۇنباسارى: ياخشى پىشقان ئۆرۈكنىڭ گۈلىسى، ئەنجۈر، ھۆل زەنجىۋىل.
چىقىش ئورنى: ئافرىقا، ھندى، پاكىستان ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئۆسىدۇ.

مەنبە: 80 خالتا تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:55:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە قىلدىڭىز ، سىز قارىغاندا ئوزۇقشۇناس ياكى دوختۇر ئوخشىمامسىز ؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:43:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئادەممۇ ئەمەس؟ ئەمما ھاياتلىقنى سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان ئاددىيغىنە بىر قەلەم ئىگىسى خالاس. بۇ تېمىلارنى ئۇزۇندىن بۇيان يىغىپ ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 02:48, Processed in 0.071017 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991