كۆرۈش: 6749|ئىنكاس: 2

سامساقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:51:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سامساقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

سامساق ئەسلىي ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىدىغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا،خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چىيەن غەرىبىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندا جۇڭگوغا ئالغاچ كەلگەن.
سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق، كۈچلۈك غىدقلىغۇچى پۇرىقى بار بولۇپ، قورۇما تەييارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشەش ماتىريالىدۇر. سامساق كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇ يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
سامساق تەركىبىدەBگۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىنC، شۇنىڭدەك گۈڭگۈرت، سېلېن، كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
سامساق ئىشتىھانى ئېچىش، يېمەكلىكنىڭ كۆڭۈلگە تېگىشىنى يوقىتىش، ئېغىزنى تازىلاش رولىغا ئىگە . بەلكى ئىنتايىن كۈچلۈك باكتىريە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تارقىلىشچان زوكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، جاراھەتنىڭ يۇقۇملىنىشىنى توسىدۇ، قۇرت ھەيدەيدۇ.
سامساق ئۆتكۈر، سوزۇلما ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارا خارەكتېرىلىك كېسەللىكلەر،زەمبۇرۇغ(كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ) بىلەن يۇقۇملىنىش خارەكتېرىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ ھەمھە ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ،بىمارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئورگانىزىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
سامساق قاندىكى ياغ مىقدارىنى تەڭشەيدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆسمە، مېڭىگە قان چۈشۈش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ.
سامساق قاننى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ ۋە سۇيۇلدۇرىدۇ،جىگەرنى ئاسرايدۇ، راك كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،
سامساق يەنە دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ، قېرىشنى كېچىكتۇرىدۇ، ئۈنۈملۈك ھالدا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
سامساق ئاساسلىقى تاماقنىڭ تەمىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كونىلاردا«گۆش يېگەندە سامساق بولمىسا، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كىتەر»دىگەن گەپ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېگەن چاغدا، بىر نەچچە چىش سامساق يېيىشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.سامساقنى خام پىتى ئىستېمال قىلغان ياخشى،پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار بۇزغۇنچلىققا ئۇچرايدۇ.
سامساق بىر قەدەر كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ،شۇڭا ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بارلار، بولۇپمۇ ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بارلار سامساق ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم،بولمىسا قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتكى كىشىلەر سامساقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا،ئېغىز،تىل،ئاشقازاننى كۆيدۈرۈپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىگەر كېسىلى بارلار سامساقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا،جىگەر فۇنكىسىيىسى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،جىگەر كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
كۆپ مىقداردا سامسا ئىستېمال قىلغاندا، كۆزگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىر بولۇپ، ئاسانلا كۆز قاپىقى ياللۇغى، بىرتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىخلىنىپ قالغان سامساقنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
خام سامساقنى كۆكى بىلەن بىللە ئۆرۈپ سالقىن،ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قۇيغاندا، تۆت ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ(ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش مۇمكىن).
مەنبە: 80 خالتا تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1361
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 11:15:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىزگە، مۇڭداش ئەپەندىم،  مۇنبىرىمىز ئەمدىلا ئېچىلىشىغىلا سىز بىر نەچچە پارچە تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبىرىمىزگە يوللاپ، بىزنى تولىمۇ خۇش قىلغانتىڭىز. بىراق سىزنىڭ بۈگۈن سىزنىڭ مېۋە-چىۋە ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولىغا ئائىت ماقالىلىرىڭىز بەك كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ كەتتى. بۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىڭىزنىڭ 80 خالتا مۇنبىرىنى تەڭرىتاغ مۇنبىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىۋېلىش خاھىشى سىڭگەن. يەنە بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ تورىمىزنى خۇددى تېبابەت ھەققىدىكى مۇنبەرمىكىن، دەيدىغان خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.  مېنىڭچە بۇنداق ماقالىلەرنى، تېمىلارنى مۇۋاپىق دەرىجىدە يوللاپ بەرسىڭىز بىز ھەقىقەتەن قارشى ئالىمىز. سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تېمىلارنى بۇنداق تۆكمە قىلىپ يوللىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ناۋادا يەنە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بىز تەستىقلىمايمىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:47:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىلارنى ھاياتلىقىنى قەدىرلەيدىغان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يولللىغان ئىدىم. مېىنىڭ باشقىچە ئۇيۇم يوق؟ بۇ تېمىلاردىن باشقىلار پايدىلىنىپ زوق ئالسا دېگەن ئۈمىتتىمەن. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزۈم يىغىپ ساقلىغان تېمىلار ئىدى بۇ، توغرا چۈشەنگەيسىز؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:16, Processed in 0.071688 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991