ئىگىسى: marbiya

مىللىي قەھرىمان __ غېنى باتۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 13:59:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا جەسىدى ياقا يۇرتلاردا قالغان بولغىيتى،دىيارىمىزدا بولغان بولسا قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كىلەتتىم


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 15:14:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 13:14
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئات - كالىلارنى كۆتىرىپلا تامن ...

غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان چاغلىرىدا ئەتراپىدا فاتىخ باتۇر قاتارلىق 6 بۇرادىرى يۈرەركەن، شۇ ئالتە باتۇر بىر بولۇپ غەنى باتۇرغا ئېتىلسا، غەنى باتۇر بارچىسىن تەڭلا پۇرلايدىكەن، بۇنداق چېلىشىشتىن تۇڭگانىي، تىبەت، موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار ياقىلىرىنى تۇتۇشنى بىلمىسىمۇ جاۋغايلىرىغا قونغان چىۋىنلارنى قورۇشنىمۇ ئەسلىرىدىن چىقىرىدىكەن ... بۇنى  مەرھۇم خاۋ گۈەنجۇڭ ئەپەندى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 15:15:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 13:14
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئات - كالىلارنى كۆتىرىپلا تامن ...

يۇرت كاتتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 2

تىللا
119
تۆھپە
37
UID
3157
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:26:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
VESAL بۇرادەر قەبرىسى يۇرتىمىزدا بۇلغان بۇلسا ھېيىت -ئايەملەردە ئاۋۇلاردەك گۈل-دەستىلەرنى قۇيالمىغان ،ئابىدىسىنى تىكلىيەلمىگەن بۇلاتتىققۇ -دەيمەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
رۇزىجان تۇنياز كەسكىن
تىللا
162
تۆھپە
75
UID
4074
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 00:59:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غىېنى باتۇر توغرلۇق پاراڭلار   بار   ..........   غىېنى باتۇر توپاقنى كۈتۈرۈپ قۇتاندىن ئەپچىقىپ كىتىپتۇ.   دىسە يەنە  بەزلىرى غېنى باتۇرغا ئوق ئۆتمەيدكەن .  دىسە   ، بەزىلەر   غېنى باتۇر چاپىنىنى سالسا بەدىنگە ئۆتمىگەن ئوقلار توروكلاپ چۈشدكەن دىگندەك پاراڭلار   بار  ................  ھەي  بەك  سېغندىم   باتۇرۇم  سېنى ،  ياتقان يىرىڭ  جەنەتتە  بولسۇن  .  سىمايىڭ  كۆز ئالدىمدىن  كەتمەيدۇ ،،،،،،،،،،
















Rank: 3Rank: 3

تىللا
261
تۆھپە
21
UID
339
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 22:07:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي  ..ئامىن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 01:28:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tangritag يوللىغان ۋاقتى  2012-1-23 12:26
VESAL بۇرادەر قەبرىسى يۇرتىمىزدا بۇلغان بۇلسا ھېيىت -ئاي ...

ھەكىلىنى قاتۇرالماسلىقىمىز مومكىن،ئەمما قەبرىسىنى ياسىيالايتۇ،قەبرىسىگە گۈل قويالايتۇق.


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 02:02:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېنى باتۇرنىڭ دادىسى مەھەممەت باقىر ئاكىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلىدە خوتەن قاراقاشلىق، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوچىسى ئىمىننىياز  مىراب چىڭ سۇلالىسى 1760-يىلىدىن 1767-يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇچتۇرپان، خوتەن، يەركەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئىلىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىلىك ئادەم كۆچۈرگەندە كۆچۈپ كەلگنلەردىن بولۇپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شېنى ئەشۇ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.

        غېنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇيالماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئون ياشلارغا كىرگەندە، مەھەللىسىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. 15ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ. غېنى كىچىكىدىنلا ئىشچان ۋە كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭ چىقىرىدۇ. غېنى ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈزى قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ.

        1918-يىلى كەچ كۈزدە مەھەممەت باقىر ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن خامانغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، ھويلىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. مەھەممەت ئاكا ھويلىغا چىقىش بىلەن "غېنى قايسىڭ؟" دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. غېنى مەن دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. غېنىنى چاقىرغان بىر چېرىك بولۇپ، چېرىك غېنىنى باغلىماقچى بولىدۇ. شېنى باغلاتماي "ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن" دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا-ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى "مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇرماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن" دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇز تازا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10ئايلىق تۈرمىدە غېنى كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ.

       غېنى تۈرمىدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى توققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە "مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈرىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كەلسەم نېمە دەيسەن؟" دەپ 150 مېتىر ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت " ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم، قىلالمىساڭ تورۇق ئېتىڭنى ماڭا بېرىسەن" دەپ غېنىغا قول ئۇزىتىدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى كۆتۈرۈپ قاراياغاچتىن 100مېتىر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غېنىنىڭ گاڭگۇڭ (نوچى) دېگەن نامى ئىلى رايونىغا تارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇمغا، جازانىخورغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ، يېتىم - يېسىرلارغا بېرىدۇ. شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300دىن تاياق ئۇرىدۇ.

       غېنى 1941-يىلى توققۇز تارا يامۇلىدىن نۇراخۇن دېگەن دوستى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار شۇ قاچقان پېتى شىخۇنىڭ جۇجيەنلۇ دېگەن يېرىگە بېرىپ، داۋۇر، ھاشىم توكۇر دېگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، تۆت يامبۇ، بەش سەر ئالتۇن ئوغرىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۆلۈشىمىز، دەپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئالتۇنلارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، نۇراخۇن بىلەن غېنىنى تۇتۇپ بېرىدۇ. ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇرلار كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن توققۇز تارادا لوزۇڭ مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ.

      نۇراخۇن بىلەن غېنى 12كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ ئاتلىق يەنسىخەيگە كېلىپ، بىر قازاق ئۆيىدە تۇرغاندا، قوغلاپ كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچرايدۇ. غېنى ئۇلارنى ئۇچۇپ يېقىتىۋىتىپ قاچىدۇ. شۇ چاغدا چېرىكلەرنىڭ ئاتقان بىر ئوقى غېنىنىڭ يانپېشىغا تېگىپ، ماڭالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنى تۇتۇلۇپ، ساۋەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ساۋەندە توققۇز كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن چېرىكلەرنىڭ ئىككى ئېتىنى ئېلىپ قېچىپ، نۇراخۇن بىلەن تېپىشىپ، بىر موڭغۇل تونۇشىنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ. كېيىن، ئۇلار ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇردىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن توققۇزتاراغا بارىدۇ. غېنى توققۇز تارادا تۇتۇلۇپ، ناھىيە تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. غېنىنى غۇلجا ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەتىسى غۇلجىغا كېرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. غېنىنى غۇلجىدا 32كۈن سوراقسىز قاماپ، "سەن بەش يىلدىن بۇيان ئون سەر ئالتۇن، 20يامبۇ ئوغرىلاپسەن" دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ 4-تۈرمىسىگە قاماپ قويىدۇ، كېيىن 2-تۈرمىگە يۆتكەيدۇ. غېنى 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنە دۈشەنبە كۈنى 2-تۈرمە (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ئىدى)دىن قېچىپ، غۇلجىغا بېرىپ ھاشىم توكۇر، داۋۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قېچىپ يۈرىدۇ. غېنى ئىز بېسىپ ئۇلارنى قوغلايدۇ.

       شۇ كۈنلەردە، نىلقا ئولاستايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئالتە ئوغرى دەپ ئاتىغان پاتىخ مۇسلۇمۇپ، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسما ئىبرايىموف، سېيت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبۇلۇپ، ھوشۇر مامىتوف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قاچقانلىقتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ-دە، غېنى پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. پارتىزانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، 1-بۆلۈمگە ئەكبەر، 2-بۆلۈمگە غېنى، 3-بۆلۈمگە تۈگمەنچى رۇس ئىۋان مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىنىڭ قىسمىدا 200دىن پارتىزان بولۇپ، نىلقىغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە پارتىزانلار نىلقىغا باستۇرۇپ كېلىپ نىلقىنى ئازاد قىلىدۇ.

      غېنى شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن ئون ماشىنىدا كەلگەن ئەسكەرلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. قورال-ياراغ غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ پاتىخ باتۇر بىلەن بىللە لەنجۇدا 1953-يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. ئۇ 1981-يىىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.
مەنبە :ئۇرخۇن مۇنبىرى


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
رۇزىجان تۇنياز كەسكىن
تىللا
162
تۆھپە
75
UID
4074
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 12:19:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر قۇمۇل تۇرپان ئارا بۇلۇپ ئۆتكەن ئەسكەر غالىپ ،
خۇجنيازيۇ، تۈمۈر خەلپىە ،پاتىخ، غېنى، ئەكبەر، غالىپ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 13:49:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېنى باتۇرنى بەكمۇ كۈچتۈڭگۈر دەپ ئاڭلىغان ئاتنى مۈرىسىگە ئارتىپ بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە كۆتۈرۈپ ئەكېتەر ئىكەندۇق ئاڭلىغان !


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:01, Processed in 0.066279 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991