كۆرۈش: 21981|ئىنكاس: 25

قارا قۇرۇم ئېتىكىدىكى كارۋان ناخشىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
94
تۆھپە
70
UID
4372

تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 19:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارا قۇرۇم ئېتىكىدىكى كارۋان ناخشىسى


مۇتەللىپ مەتتوختى ماقالىسى ۋە فوتوسى


    بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ماددىي تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشى تۈرتكىسىدە مەنىۋىي تۇرمۇشىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، بەزىبىر تەۋەككۈل قىلىش  خاراكتىرىدىكى تەنتەربىيە  پائالىيەتلىرى بىلەن كۆپلەپ شۇغۇللانماقتا. بۇنىڭ بىر تۇرى بولغان ئىكىسپىدىتسىيە ساياھەت ھەرىكىتى نۆۋەتتە كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئىختىيارىي ھالدا كوللىكتىپ ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىدىغان جۇشقۇن ھالەتنى  شەكىللەندۈرمەكتە. خوتەن ۋىلايىتىدە بولسا بۇ تۈردىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىمۇ خېلى كۆپ تەشكىللىنىدىغان بولدى. ئۇلار ئاساسلىقى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايۇنلىرىدا 《كوئىنلۇن -قاراقۇرۇم 》تاغلىرى ئېكىسپىدىتسىيە ھەرىكەتلىرىنى   جانلاندۇرماقتا.
      بىر قېتىملىق خىزمەت سەۋەبى بىلەن ماڭىمۇ بۇنداق پۇرسەت يار بولدى . تۇنجى قېتىم 2007-يىلى 2-ئاي ۋاقتى بىلەن 《قاراڭغۇ تاغ خاتىرىسى》ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىغا ئەگىشىپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مىتىردىن 4000مىتىرغىچە بولغان، ئۇزۇنسىغا سوزۇلغان تار، تىك قىيا تاغ يوللىرىنى بويلاپ 14ئىشەكلىك كارۋاننى ھاسىل قىلىپ تاغلىق رايۇن قاراڭغۇ تاغ كەنتىگە قاراپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئەجداتلىرىمىز ياڭرىتىپ كېلىۋاتقان كارۋان ناخشىسىنىڭ قارا–قۇرۇم تاغلىرى ئارىسىدىكى سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.
     《قاراڭغۇ تاغ》كەنتى خوتەن ناھىىيىسىگە قاراشلىق قاشتېشى يېزىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ، قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارىسىغا جايلاشقان . ئارانلا 320 نەچچە ئاھالە ۋە 830 نەچچە نوپۇسقا ئىگە چارۋىچىلىق مەھەللىسى ھېساپلىنىدۇ. خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 170 كىلومىتر كېلىدۇ. قاشتېشى يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40كىلومىتر، ئاساسلىقى تىك قىيا شەكىللىك چىغىر يوللار بولۇپ، پۇتۇن مۇساپىنى ئات-ئۇلاغلار بىلەن كۆپىنچە پىيادە بېسىشقا توغرا كېلىدۇ، يول بويى تۆۋەنگە چۈشىدىغان ئىگىزگە يامىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
      يەرلىك خەلىقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشچانلىقى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن بۇ يۇرتنىڭ  تەبىئىي ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئەۋزەك سۇلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات ماياكى قىلىپ، تاغ-داۋانلارنىڭ ياۋايى ئوت-چۆپلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ھەمراھلىرى قىلىپ، قارا-قۇرۇم تاغلىرىنىڭ ھەربىر چوققىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۇنماس-پۈتمەس ئىرادىسىنىڭ سىموۋولى قىلىپ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن بۇ يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ياراتماقتا.
       مۇشۇ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ يىلى يازدا يەنى 7-ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلدىم. يەنىلا ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش يول بويى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغاچ، چوڭ-كىچىك سەپەرداشلارقوشۇلۇپ، قرا-قۇرۇم تاغلىرى ئېتىكىدىكى يەنە بىر كارۋاننى شەكىللەندۈردۇق ھەمدە دوستلىرىم بىلەن بىرگە مۇڭلۇق كارۋان ناخشىسىغا جۆر بولدۇق.
مانا بۇلار شۇ مىنۇتلارنىڭ تۇگىمەس يالدامىلىرى .

08.jpg


تاغ يولىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز نوقتا

تاغ يولىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز نوقتا


ئۇلاغ ئۈستىدىكى تۇرمۇش

ئۇلاغ ئۈستىدىكى تۇرمۇش


ئىچكىرلەش

ئىچكىرلەش


04.jpg


مۇساپە ئوتتۇرلىقىدىكى تۈزلەڭلىك

مۇساپە ئوتتۇرلىقىدىكى تۈزلەڭلىك


قەرەللىك تاغ يولى رېمۇنت قىلىنىدۇ

قەرەللىك تاغ يولى رېمۇنت قىلىنىدۇ


قوي سۈتىدىن سېلىنغان قۇرت

قوي سۈتىدىن سېلىنغان قۇرت


喀拉昆仑山下的绿洲-黑山村.jpg


كەنىتتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىم

كەنىتتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىم


توپىلىق داۋاندىكى ئېلگىرلەش

توپىلىق داۋاندىكى ئېلگىرلەش


13.jpg


12.jpg


تاغلىق ئانىلار

تاغلىق ئانىلار


تاغلىق چوپان

تاغلىق چوپان


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 25 + 25ئىسىل ماتىريال
تەڭرىتاغ + 30 + 30

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 55 تىللا + 55  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
922
تۆھپە
287
UID
3059
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 00:25:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇجايغا يول ياساش ئىمكانىيىتى بولغان بۈلسا ھە.................


Rank: 4

تىللا
454
تۆھپە
114
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 00:54:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىتەن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر ئكەن.يول ياسىغىدەك ئمكانىيەت بولسا  ھوكۈمىتىمىز چوقۇم ياسايتى.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1717
تۆھپە
1082
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 02:13:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىريال سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن .


ما رەسىمدىكى سىنچى مۇ نىمە ؟


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1717
تۆھپە
1082
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 02:16:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ماۋۇ رەسىمىڭىز ئالاھىدە ياخشى چىقىپتۇ ، مۇنبەرنى بەزى جايلىرىغا ئىشلتەي دىگەن ، مەسىلەن سىتون ئۈستىگە دىگەندەك ، رۇخسەت قىلارسىزمۇ ؟
      ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز ئەسلى رەسىمنى بۇ ئىلخەت ئادىرسىغا يوللاپ بەرسڭىز رەھمەت .
  1. rolqi@vip.qq.com
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


rolqi@vip.qq.com


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1717
تۆھپە
1082
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 02:17:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى رەسىمدىكى جاينىڭ ھاۋاسى بەك پاكىزدەك بىلندى ماڭا


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:17:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:19:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ رەسىمىدىكى ئوتتۇردا قوغۇن يەپ تۇرغان كىشى بولسا،مۇشۇ تىمىنىڭ ئاپتۇرى.خوتەن دىيارىدىكى داڭلىق فوتوگىرف ئۇستاز ئۇقۇتقۇچىمىز. مۇتەللىپ مەتتوختى ئاكىمىز بۇلىدۇ.شۇنداقلا ماڭا (  مۇنبەردىكى سەرتۇغ )قا تۇنجى فوتوگىراف دەرسى بەرگەن ئۇستاز،ئۇقۇتقۇچۇم بۇلىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:22:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك سۈزۈم: مۇنبەردە ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرەلىگەنلىكىمدىن خۇرسەن بۇلدۇم.مۇنبەردە ئوقۇغۇچىڭىز سەرتۇغنىڭ ئەسەرلىرىگە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئاخىردا خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق،ئىجادىيەتلرىڭىزگە نەتىيجە.ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 13:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمەدىگەن تەبىئى تارتىلغان ياخشى سۆرەتلەر!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 02:02, Processed in 0.089385 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991