كۆرۈش: 1015070|ئىنكاس: 172

چەت ئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
211
تۆھپە
98
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 04:41:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چەت ئەللىكلەر : ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس


      روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي
 
       ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئىشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن . ئوچۇقىنى دېسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن  . چۈنكى مەن سىڭىللىرىم ، ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ، كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىغا مەسلىھەتچى ، تۆۋرۈك بولالمىدىم . شۇڭا قىز – ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ، مەسخىرە قىلىش ، ھاقارەتلەشكە قارىتا مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك ، ھىچكىمگە نەسىھەت قىلغۇدەك ، قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم ، سالاھىيىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى قىز – ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى ، ئامالسزلىقى ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى . ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى ، گىزىت – ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسىھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ›› دېگەن ئىدىيىنى ئاساس قىلغان ، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ، ياخشلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى . ئىنتىر تورىدا بولسا ، ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ، ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يېزىلدى . ‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ›› دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان جەمئىيەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نەشىر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي قامچىلىدى ، ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تېخى بولمىدى .  
  

‹‹ئەرەب›› تىن ئاڭلىغانلىرىم!  


2003 – يىلى تور چايخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ، ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ، يولدىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى ، يولدىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم . بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى . كىيىن بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بۇلۇپ يۈردۈم ، شۇ چاغدا خۇددى چولپان بۇلۇشتىن قېچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى . ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنىش مەقسىدىنى سورىدىم ، ئۇ قىز ‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ، ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى . دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى) دىدى . شۇنىڭدىن كىيىن چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن ، ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر ، پاكىستانلىقلار ، ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ‹‹بۇنداق ئىشلار كۆپمۇ نىمە ؟ بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم ، ئەمما ئېنىق مەلۇمات بولمىدى . لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم : بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ ، چەتئەللىككە قىزىقىپ ، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم . بۇ ئىشلار ئۆتتى ، تۈگىدى .
2008 – يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يېقىن بىللە يۈردۈق . بۇ ئەرەب تۇمارىس مېھمانخانىسىدا بولغان پاكىستانلىق ئىككى ئەر ، ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچى) ، بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن)، بىر رۇس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت ئارىلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس ، ئاياللىرى بەك جانلىق›› دىدى ،(كىيىن ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىكەن ، ‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا )   
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق ، مەن تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى چېچىلدىم ، ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىدى : مەن شىنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم ، ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا – كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئېنىق ھىس قىلدىم ، سىلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ ، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ ، ئەگەر ئۇچراشسىلا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، سىلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، ئۇلارنى پۇل تېپىش ، جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويىسىلەر ، قىزلار ئاسىي بولسا ، ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسىلەر ، ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسىلەر،…..بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ . بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ ئۇنىڭ ئىرىنىڭ . ئەگەر خالىمىساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ، مەن ۋە پاكىستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچىسىغا چىقتۇق . ھازىرقى ئېلزابىت مېھمانخانىسى بار دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ،(كىيىن) بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم . كىيىن ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۈنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ، مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ، بالىلىرى بار – يوقلۇقىنى ، يولدىشىنى سورىدى ، ئايال كۈندە 60 – 70يۈەن سودا قىلىدىغانلىقىنى ، ئىككى بالىسىدىن بىرىنىڭ 14 ياش ، بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ، بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ ھاراقكەش ، قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى ، ئاجىرىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئادىرىس ، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ھەم ماڭا تەۋسىيە قىلدى . كونسۇل كوچىسىدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6 -7 نى پاھىشە قىز دىدى ، مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ، تەقى – تۇرقىغا قاراپ 2 – 3 نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم ، ئەمما باشقىسىنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم ، بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگىنىمدە ئۇ يېنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى ، ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ . يالغان دىدىم ئىچىمدە ، لىكىن ئاچچىقىم كەلدى ، غۇرۇرۇم تۇتتى ، تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كېندېجى)غا كىرگۈچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھىشەگە چىقىرىپ ماڭدى ، خەپ ….. دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى ، دەردىمنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمىدىم . كېندېجىغا كىرگەندە پاكىستانلىق ئەلى ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۇنى مەن قىلغان ، لىكىن قىز چىقمىدى ، ماڭا بەك ئامراق ، دوستلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى ، چاڭلېيۈەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى ،4 پاكىستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى›› . چىرايىم ئۆزگەردى ، ئەقلىم قاچتى ، ئەلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم ، ‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان ، كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما ؟ سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟›› ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى ، مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە بىرنى تىزلىدىم ، ھۈسەيىن (ئەرەب) بىزنى ئاجىرىتىۋەتتى ، ئەمما ھېلىقى قىز ھەيران بۇلۇپ كىلىپ ، ئەلىگە خەنزۇچە : ‹‹چىن ئەيدى ، زىمىلى؟ زا خۇيشىر؟ ›› دىدى . مەن : ‹‹يوقىلەۋە قانجىق›› دىدىم ، ئۇ : ‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە ، كاللىسىدىن كەتكەن›› دىدى ، دوستلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى . مەن شۇ پېتى ئۇ پاكىستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ، كىيىن ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە ئالدى – كەينى بۇلۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ ، ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودىسىغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوقۇغۇچىمۇ – ئەمەسمۇ ئېنىقلاشنى تاپىلىدى ، ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ، ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بۇلۇپ ، مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن . ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئېنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بۇلۇپ ، ئالاقىچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق ، باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن . مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم ، نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى ، يىگىت ئاۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرىنى قوللانغان بولسا ، كىيىن ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئويۇن ، كىيىم ، ھۇزۇر ئۈچۈن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينىسا سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ، ھەم قەدىر – قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ، سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل سولانغانلىقىنى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى ، ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر 50 يۈەن بولسا ، بالىسىغا 3-4 كۈنلۈك ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، خىزمەتتىن بىرىنى تېپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ ، بىلىپ تۇرۇپ 50 يۈەن بەردىم . ئەتە مىنى ئىزدەڭ ، ئىش تېپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم ، ئەتىسى ئۇ تېلىفۇن قىلمىدى . شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۈپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئىشلارنى ئەرەب ، پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم ، مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى ، دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى ، كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇپ ، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇشى ، ھەممىسى ھورۇن ، شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن . ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدىن كېتەر چاغدا ئەلىگە شۇنداق دىگەنىدى : سەن جالاپ ئىزلىسەڭ ، دىنسىز پاھىشە ئىزلىمە ، ئۇلارغا ھەم كۈچ ھەم پۇل سەرپ قىلما ، مۇسۇلمان پاھىشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىۋالىسەن . ئۇلارنى دىنسىز يات مىللەت ئەرلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىما . ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا : سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
مەسلە كىمدە؟
    كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم ، بۇلار ھازىر تەسىر قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ ، چۈنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا ، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشىمىز كېرەك ئىدى . كىم نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەەر ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر دادىلار ، ئۇيغۇر ئاكىلار ، ئۇيغۇر ئۇكىلار ، ئۇيغۇر ئەركەكلەر ، مۇشۇلار مەسئۇل! چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ ، ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ، ئەركەكچىلىك ئېڭى كۈچلۈك ، ئۆزىنى ئوغۇلبالا ، بىز نوچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ئەركەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ئەركەك ، ئادا قىلمىسا ، ئەركەك ئەمەس›› ،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى) . ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، پۇل توپلاپ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس ، سورۇندارچىلىق ، شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش ، بىلىم ، ئىقتىساد ، ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۈستۈن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي ، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق ، گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك ، ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش .   
Lمانا ھازىرمۇ ھەر كۈنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ، ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز ، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسىلە – قىز – ئاياللار مەسىلىسى . مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلە زادى نىمە؟ بۇ ئەخلاق مەسلىسى ، قىممەت قاراش مەسىلىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟
ئائىلىدىن باشلاش كېرەك . ھەممە ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشتىن ، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى ، قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك ، خاتالاشقانلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇلار – بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ، سىڭىللىرىمىز ، بىزنىڭ غۇرۇرىمىز .

تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟


    تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى : قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ .
    تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەركەك بولغانىكەن ، چۇقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن . ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ نىمە ئىش قىلدىڭ؟ بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۈزلۈك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن . بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا ، كەينىگە كىرىۋالسا ، ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىكەن . باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن ، ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا ، جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋېتىدىكەن . كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۈرىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئېغىر ئالىدىكەن ، قىزلار خالىسا ، ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن . ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىدىكەن ، تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بۇلۇپ ، ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرىدىكەن ، ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا ، ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن ، ئۇلاردىن سەمىمىيەتسىزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىش شەرەپلىك جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن . ئەرنىڭ ئىززەت – نۇمۇسى ، غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھېسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن .
مەنبە : ‹‹باغداش مۇنبىرى››

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1334
تۆھپە
806
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 15:42:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسز.ھەممىمىز ئويلاشقا تىگىشلىك تىمىكەن بۇ...ھارمىغايسىز..


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
789
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 16:07:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
____________________________________________________________________

  ئاۋۇ سۆزىڭىزنىڭ جېنى بار. مۇشندا مىللەتنى سۆكۈدىغان يازمىلارنى نۇرغۇن تورداشلار خالىمايدۇ، لېكىن « كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمىڭ ئاشكارە»
  مۇشۇ يازمىدىكى غالتەكتە ئالما ساتقۇچى ئايال بىلەن  دۇككاندا ئالما ساتقۇچى ئەر ئوتتۇرسىدىكى سېلىشتۇرۇش ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى، مۇشۇ مەسىلىگە قانچىلىك ئۇيغۇر ئەركىكى دىققەت  قىلالىدى ؟
  سۆزلىسەم گەپ جىق ئىدى. بوپتۇلا ئۆزەمنى ئۇپراتماي. ئۇيغۇرنىڭ « بىلەرمەنلىرى » توپلاشقا مۇنۇ مۇنبەردە مەندەك كۆپۈپ سۆزلەيدىغان  مۇنبەرچىدىن قانچىسى بارتى ؟ شۇنداق ئېسىل تېمىلارنى توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ، ئاياللىرىمىزنى قويۇپ ئۆزۈمىزنى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى. مۇشۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى « زىيالى » ياكى « مۇئاشلىقلار » كەن، مۇنبەردە ياىشى يازمىلارغۇ كۆپ ئەمەس لېكىن ئاشۇ ئازغىنا ياخشى يازمىلار ئۈستىدە بولسىمۇ ئىككى ئېغىز ئىنكاس يېزىشقىمۇ يارىمىسا  يەنە مىللەت، خەلىق ئۈستىدە سۆزلەپ نىمە كەپتۇ !؟



ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 1

تىللا
29
تۆھپە
24
UID
4267
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 18:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 10:53:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قول بوشىغاندا ئايرىم توختالماي بولمايدىغان ئوخشايدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-16 22:51  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
789
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:18:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر يازمىنى مىڭدىن ئوشۇق ئادەم كۆرۇپتۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ تىلى تۇتۇلىپ  « گاچا » بوپ قاپتۇ.   ئەدناسى چاۋاك  چالىدىغان قولىمۇ  « پالەچ » بوپ قاپتۇ.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:22:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 11:18
مەزكۇر يازمىنى مىڭدىن ئوشۇق ئادەم كۆرۇپتۇ، لېكىن ھەمم ...


بىرنەرسە دېيىشكە تاھارەت يوق! ئىلاجسىز چاۋاك چېلىپ قويدۇقا؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-15 11:22  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
789
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:25:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 11:22
بىرنەرسە دېيىشكە تاھارەت يوق! ئىلاجسىز چاۋاك چېلىپ قو ...

بەك ئىھتىياتچان بوپ كەتتۇق دەڭا. مەھەللە بېشى تاھارەتسىز يۈرۈپتۇ دىگەنگە كىم ئىشىنىدۇ.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:28:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 11:25
بەك ئىھتىياتچان بوپ كەتتۇق دەڭا. مەھەللە بېشى تاھارە ...

دەھرىي مەھەللە باشلىرىدىنمۇ بولۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
789
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:39:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 11:28
دەھرىي مەھەللە باشلىرىدىنمۇ بولۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟{:158 ...

دەھرىي مەھەللىدە  مەھەللە بېشى سايلايدىغان ئادەت يوقتۇ.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 12:41, Processed in 0.087070 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991