ئىگىسى: uqkun13

چەت ئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
770
تۆھپە
547
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 00:27:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shexla يوللىغان ۋاقتى  2012-1-17 00:10
مەندەك قاينايدىغانلار باركەنغۇ مانا باياتتىن بېرى كۆ ...

بەلكىم قالغانلار قاينىيالمىغان چېغى، ياكى بولمىسا بەكرەك قايناپسىلىپ «تۇۋىقى ئېچىلىپ» قېلىشتىن قورققان چېغى.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
1
UID
4460
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 00:44:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاچچىقتىن يىغلېۋەتكىلى  تاسلا قاپتىمەن....


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
4480
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 17:39:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ لىكىن مىنى نىمىشقا كەچۈرۈڭلار دەيدىغاندۇ دەپ قالماڭلار بەزى دوسلىرىم بۇ تىمىنى نىمىشقا يوللىدىڭ غۇرۇرۇڭ يوقكەن دەپ بەزى دوسلىرىمىزنى سەل ئەيىپلەپ قويۇپتۇ بۇنىمۇ توغرا دەپ تۇرايلى بىراق ئاشۇ دوستىمىزدەك ئەمەلىيەتتىن رىئاللىقتىن قىچىپ بۇنداق تىمىلارنى كۆرگەندە ئەيىپلەپ يۈرسەك بىزگە ئانچە مۇنچە كۆرگەن بىلگەن ئاڭلىغانلىرىنى ھىچكىم ئىيتمايدۇ ھەم بىز ئۆز غۇرۇرىمىزنى تىخىمۇ ساقلاپ تۇرلماسلىقمىز مۇمكىن ئۇنىڭ ھازىر قىزلىرىمىز مەدەنىيەت دەپلا ئۆز ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇپ غەرىپلىششىكە باشلىدى بۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ خىلىلا كۆپ بۇنداق دىيىش ئارقىلىق قىزلىرىمىزنى ئەيىپلەش ئەمەس بەلكى ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىش ۋە نەسىھەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساق دەپ ئويلايمەن بۇ بىز ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيتى بار دەپ ئويلايمەن
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!


Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
420
تۆھپە
133
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 18:36:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تىما ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىمىز نى ناھايىتى رۇشەن تەسۋىرلەپ بىرىپتۇ.   مىنىڭ يەنە بىر ئىشنى دەپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ،ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بەزى قىز ئوقۇغۇچىلىلىرمىزنى تىلغا ئالىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ  سەپراسىنى ئۆرلىتىدۇ.
   ھازىر بەزى ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىللىرمىز  ھەرەڭ-سەرەڭ ياسىنىپ بەزى پەسكەش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  يۈزىنى تۆكۈۋاتىدۇ.ئەڭ ئاددىيسى سىز شىنجاڭ ۋاقتى 9لاردىن كىيىن ئۈرۈمچىدىكى دۆڭ-كۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا،يەنئەن يۇلى،قاتارلىق جايلەرغا چىقىپ قاراپ باقسىڭىز بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ نىمىش قىلدىغىنىنى ئوبدان بىلىپ قالىسىز ئۇلار نىمىش كىلىدۇ دىمەمسىز ،ئۇلار  ئاشۇ جايلاردا ئۇياق -بۇياققا  مېڭىپ يۇرۇپ ئوغوللارنى ئىزلەيدىكەن،باھادا پۇتۇشكەندىن كېيىن... يېقىن ئەتراپتىكى مېھمانخانىلارغا كىرىپ كىتىدىكەن ،نىمىش قىلىدىغىنى سىلەرگىمۇ ئايان....يەنە بەزىللىرى  ماشىنىسى بارلار بىلەن باھادا پۈتۇشۇپ قاياقلارغىدۇ كىتىدىكەن،ھەي سۆزلىسەم گەپ تۇلا ......ھەي ئۇيغۇر قىزلىرى،يىگىتلىرى سىلەرگە زادى نىمە بولدى......؟؟؟؟؟؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1102
تۆھپە
627
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:24:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېمىنى يازغۇچىنىڭ شۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالمىغىنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇمۇ ئۇنىڭ ئەرەپكە تېگىشى ئۈچۈن تىل ئۆگىتىپتىغۇ. ھېلىمۇ نىكاھلىنىپ تەگمەكچى بوپتۇ، نىكاھسىز يۈرگەنلەرنى نېمە دەيمىز ئەمدى. بىر مىللەتنى ئۇنى بۇنى دەپ چىشلەپ تارتىدىغان ناكەستىلەرنىڭ چوڭ سۆزلەشتىن باشقا قانداق ئارتۇقچىلىقى باركىن ھىچ بىلمىدىم. ئۇيغۇر بالىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوغرىلىق قىلدى دەپ تورلارغا يوللاپ يۈرگەن ئىدى. مەنمۇ لايىقىدا ئىنكاس يېزىپ قويغان، قايسى مىللەت، قايسى دۆلەتتە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، پاھىشۋازلىق يۈز بەرمىگەن؟ توغرا قامچىلاش كېرەك، ئەمما ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ «ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس» دىيىش ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:34:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا سۆزلەنگەن ھېكايە  توقۇلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئىللەتتىن مۇستەسنا ئەمەس!
«ئۆز ئېھتىياجلىرى ئالدىدا پەس كەلمىگەن ئىنسان بۈيۈكتۇر» دەيدىغان بىر جۈملە ئىنسانغا سۈپەتتۇركى، بۇنى  قىلالايدىغان ئىنسان بەكلا ئاز! بىز ھەممىلا ئادەمنى بۇنداق سۈپەت قېلىپىغا سېلىپ يۈرمەيمىز، ئەمما شۇنداق تېمىلار ئۈستىدە مەنمۇ ئۆز ئىنكاسىمنى قايتۇرمىسام غەشلىكتە قالىمەن!

ھۈرمىتى زىيادە ئىنى-سىڭىللەر، ئاغا-ھەدىلەر، سۆزۈم ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ ئەتكەيسىزلەر!

بىزنىڭ 10 مىليون 19 مىڭ ئۇيغۇر ئاتلىق (بۇ سان 2009-يىللىق «شىنجاڭ يىلنامىسى» دە قەيت قىلىندى) بۇ قوۋمنى زامان ئىلغارىغا يېتەكلەپ كېتىۋاتقان ئاتالمىش دەھرىي زىيالى (ئەمەلىيەتتە كادىر)، تەقۋادار سودىگەرلەر ئىچىدە قانچىلىكىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چىشى  قوۋمداشلىرىغا نىيىتى دۇرۇست؟ شەھەر-شەھەرلەرگە تۈرلۈك-تۈمەن ۋەج-سەۋەب ( ئاتالمىش كاماندىروپكا ، سودا-تىجارەت) خۇسۇسىدا بېرىپ، ئىشرەت بەزمىلىرىدە بولمىغانلىرى قانچىلىك؟ نى-نى ساھىبقىران ئەرەن-يىگىتلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە  كېلىپ ياكى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ «ياتاق ئاچمىغىنى» زادى قانچىلىك؟ قانچىلىك تەقۋادار تاشچى-تېرىچى تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ خوتۇنپۇرۇشلۇق قىلىپ خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالمىغىنى، نەسلىگە ۋاپاسىزلىق قىلمىغىنى زادى قانچىلىك؟ بۇنى بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ! مەن 20 يىل ئاخبارات  كەسپى بىلەن  1 مىليون 660 نەچچە مىڭ كۋادراتكلومېتىر يۇرتىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە، نۇرغۇن يېزا-قىشلاقلىرىغا باردىم، يەنە 9 مىليون 600 مىڭ كۋادراتكلومېتىر تېررىتورىيەدىكى ۋەتىنىمىزنىڭ بەزى شەھەرلىرىگە باردىم، بۇ جەرياندا ئۆز قوۋمىمىزدىن بولغان نۇرغۇن  بىچارە ناتىۋان قىز-چوكانلىرىمىزنىڭ ئاشۇ دەھرىي-تەقۋالىقى ئەلچە بار كادىر (زىيالى)-سودىگەرلىرىمىزنىڭ  قولىدىن ئۆتۈپ ئاللىقانداق پۇلدارلار قوينىدا ئىلاجسىز جان باقىدىغانلارنى كۆردۈم.
ماۋۇ مۇنبەردىكىلەرنى ئەلۋەتتە مەن بۇ جەھەتتە پاك-پاكىز، دەپ ئېيتالايمەن، ئەمما سىزلەرشۇنداق بولغان بىلەن يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەندەك ئەھۋاللارنى جەمئىيىتىمىزدە يوق دېيەلمەيمىز، بىر قىسىم دەھرىي كادىرلىرىمىز ياتاق ئاچتۇرغان بىلەن، تەقۋالىقىنى پەش قىلالايدىغان سودىگەر-تىجارەتچىلىرىمىز ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ نازىنىن يۇمرانلارنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۆكتە قوپقان  ئىلگىرىكى ئاغىچا خانىملىرىنى بالىلىرى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ (بۇنداق ئىشلارنى بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ھەممە مىللەتتە بار، دەپ تەسۋىرلەشكە ماھىر)، ئۇلارنىڭ يەنىلا بىزدەك ئىقتىسادىي ئېكولوگىيەسى ئاجىز قوۋمدىن چىققىنىنى تەن ئالماي بولمايدۇ، دېمەككىم، مەن بۇلارنى مىللەتكە ئارتىپ قويالمايمەن، پەقەت مۇشۇ مىللەت ئادەملىرىگە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 22:38  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

تىللا
467
تۆھپە
117
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:49:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار سىلەردىن شۇنى سوغۇم كىلىۋاتىدۇ.بۇ تمىنى يوللغان ئۇچقۇن قاسى مىللەتتىندۇ.ۋەتىنمىزدە قايسى مىللەتنىڭ ئەرلىرى ياراملىقتۇ؟


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
4480
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 23:07:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nabijan38  يوللىغان ۋاقتى 8 مىنۇت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تورداشلار سىلەردىن شۇنى سوغۇم كىلىۋاتىدۇ.بۇ تمىنى يوللغان ئۇچقۇن قاسى مىللەتتىندۇ.ۋەتىنمىزدە قايسى مىللەتنىڭ ئەرلىرى ياراملىقتۇ؟

سىلەر ئۆزۈڭلارنى كىم دەپ ئويلاۋاتىسىلەر ؟ئۆزۈڭلارنى قايسى مىللەتكە سىلىشتۇرۋاتىسىلەر ؟ئويلاپ قويۇڭلار دوسلىرىم بىز بىر ئۇيغۇر !  بۇ ھالىتىمىزدە  باشقىلارغا سىلىشتۇرۇش ئەمەس قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى تۈزەش جەھەتتەئويلاپ قويايلى،  دىمىسىمۇ بىزنىڭ يولدىن ئازغان قىزلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئۇلارغائاللا رەھمەت قىلسۇن!


Rank: 4

تىللا
211
تۆھپە
98
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 23:30:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nabijan38 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-17 22:49
تورداشلار سىلەردىن شۇنى سوغۇم كىلىۋاتىدۇ.بۇ تمىنى يول ...

مەن قاسى مىللەتتىن بولۇشۇمنى ئۆزۈم بەلگىلىمىگەن ئەپەندىم، ماڭا قايلاڭ، ھالال جۈپلەشكەن ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەپتىمەن،،، سىزچە قاسى مىللەتكە تەۋەدىمەن؟ سىزنىڭ ۋەتىنىڭىزنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن شۇڭا ئۇ يەردە قاسى مىللەت ئەرلىرى ياراملىق ئەتراپقا قايلاپ ئۆزىڭىز باھالاڭ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
934
تۆھپە
251
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 23:35:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
好汉子 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-17 17:39
كەچۈرۈڭلار بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ لىكىن مىنى نىم ...


تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق، مۇنبەر ئاممىۋىي سورۇن يۈرۈش تۇرشىڭىزغا دىققەت قىلىڭ!
ئىسمىڭىز ،ياخشى خەن ئۇرقىما؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shexla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 23:37  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 15:11, Processed in 0.093886 second(s), 22 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991