tashqin يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 13:45 
خەقنىڭ بىر نەچچە ئايالغا ئاساسەن « ئۇيغۇر ئەرلىرى بول ...
ئالدى بىلەن ئاياللارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان، ئاياللارنى ھۆرمەتلىمىگەن، تۇيۇق يوللارغا باشلاۋاتقان، ياكى ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىغا يىشىل چىراق يورۇتۇپ بېرىۋاتقان ئەرلەرگە نەپرەت قىلىمىشىز، ئۇلارنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى قاتتىق دۇمبالىشىمىز، بۇنداق ئەھۋاللارغا كۆز يۇمىۋېلىپ، نىمە كارىم دەپ بىلگىنىنى قىلىۋېرىدىغانلارنىمۇ قوشۇپ قامچىلىشىمىز كېرەك، بۇنداق قىلساق ھەرگىزمۇ خاتالاشمايمىز.
ئەمدى مېنىڭ ئىنكاس يېزىشىمدىكى سەۋەب:
1. تېمىدا سۆزلەنگەن ھېكايىلەردە، سىزنىڭ قوشۇپ قويغان ھېكايىڭىزدە مۇنداق ئىككى خىل ئادەم مەۋجۈت.
ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى ئايرىماي تۇرايلى. بىرىنچى خىلى ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پەسكەش ئۇسۇللارنى قوللانغان، ھەرخىل ماددىي شەرتلەرنى قويغان ئازدۇرغۇچى. ئىككىنچىسى، ماددىي بويۇملار، پۇل، ئابرويغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئازدۇرغۇچى قويغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلغۇچى. بۇنداق ئىككى خىل ئادەم ئەرلەردىمۇ، ئاياللاردىمۇ مەۋجۈت. ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن. بۇنى بىلمەي تۇرۇپ قىياس قىلغۇم كەلمىدى.
2. يۇقارقى ھېكايىلەردە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ يارىماسلىقىدىن ئاياللىرىمىز باشقىلارنىڭ قوينىدا يېتىپ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولغان. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىككى، بۇ بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا قويغاندا شۇنچىلىك ئاز بىر ساننى ئىگىلەيدۇ. يارىماس تۇرۇپ گېپى چوڭ ئەرلەر كۆپ، لېكىن ئۇللارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئوغۇل بالىدىن جىگەرلىك، قەيسەر، قەھرىمانغا ئوخشاش ئۆيىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتماي تۇرۇپمۇ ئۆزىنى، ئۆينى باقالايدىغان ئۇلۇغ ئاياللار كۆپ.
جاپادىن قورقۇپ، ھورۇنلۇق قىلىپ، ھەممە ئاياللارنىڭ بېشىغا كېلىپ باقىدىغان تۇرمۇش بېسىمىنى ئۆزىنىڭ نومۇسسىزلىق قىلىشىىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئاياللارمۇ بارغۇ؟ يارىماس ئەرلەرنى تىللايلى، بۇ ھەق! تۇرمۇش بېسىمى دەپ باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتىدىغان، ئاياللارنىڭ يۈزىگە سەت ئىشلارنى «مەن ئاجىزە تۇرسام»، ئېرىم يارىماس تۇرسا، دەپ بانا كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىلدىغان ئاياللارغىمۇ نەسىھەت قىلىشنى، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققىنىنى سۈرۈشتۇرۈشنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
ئاياللىرىمىزنىڭ بەخىتسىزلىكى كۆپىنچىسى ئەتراپىدىكى ئەرلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەرلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ زىيان تارتىدۇ، ئىپپىتىدىن ئايرىلىدۇ، روھىي جەھەتتىن ئازار يەيدۇ... بۇنداق ئەرلەر ھەرگىزمۇ تولۇق ئەركەك ئەمەس! مەن مۇشۇنداق قاراشتىمەن.
ئەر ئاياللار باراۋەر دېگەن شوئارنى قانچە توۋلىغان بىلەن، ئاياللار جەمئىيەتتە يەنىلا ئاجىز ئورۇندا. ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈش، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈش كېرەك. خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئەرلەرنى قامچىلاش، تىللاش كېرەك، خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئاياللارنىمۇ مۇشۇنداق تىللاش كېرەكمۇ؟ بىز مۇنبەردە مۇشۇنداق تىللىشىپ ئۆتسەكلە ئىش پۈتەمدۇ؟ پەقەت باشقىلارنىڭ دىققىتى قوزغىلىدۇ خالاس.
ئەڭ ياخشىسى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللارنى قوغدايلى، يەنى ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى، يېقىن دوستلىرىمىز دېگەندەك. ئاندىن ئەتراپىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشىنى توسايلى. كۆز يۇممايلى.. ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر سوئالنى سورىغۇم كېلىپ قالدى. بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مۇنداقلا سوراپ قوياي ھە ... باشقا نىيىتىم يوق بەك تىللاپ كەتمەڭلار ئەمدى.
خېلى بۇرۇن بىر كىنو رىژىسورى ياۋروپادىكى كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقاندا، ئۆزىنىڭ كىنوسىنى قويۇپ بولغاندا باھالىغۇچىلارنىڭ سوئالىغا مۇنداق دەپ جفۋاب بەرگىنى ئېسىمدە قاپتىكەن. سوئالى ئېسىمدە قالماپتۇ.. ئۇ : بىز ھەممەيلەن پاھىشە، دەيدۇ. پەستىكىلەر ھەممىسى ھەيران قېلىشىدۇ، نىمشقا دەپ سورالغاندا ئۇ يەنە : چۈنكى بىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىمىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىمىز خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. پاھىشىلەرمۇ شۇنداق، بىزنىڭ پەرقىمىز يوق، دېگىنى ئېسىمدە قاپتىكەن...