ئىگىسى: uqkun13

چەت ئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ھاجىئەكبەر
تىللا
174
تۆھپە
138
UID
4013
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 16:50:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئۇيغۇر ئەرلىرى‹‹شۇ قاتاردا مەنمۇ بار››مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلاپ ھەتتا كۆرۈپ تۇرۇپيەنە ئويغانماي بىر-بىر مىزنى غاجلاپ ئولتۇرماي تۇزتەيلى .......... ئاددىيسى ئويمىزدىن باشلايى ئاچا-سىڭلىمىزغا ئىگە بولايلى بۇ ئشلارنى مەنمۇ 2009 ئۇرۇمچىدە ئاتالمىش‹ساڭنا›‹جىڭخەيۋەن›‹داشاڭ›‹داخى›دىگەندەك جايلاردا ئاڭلاپ ئىشەنمەي كىرىپ كۆرگەن شۇ قىزلارغا ئۇلۇغ ‹‹ئاللا››ياكى ئىنساپ ياكى ئۆلۇم بىرىپ نەسلى قۇرۇپ كىتەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۆز ئۆيمىزدىن باشلايلى


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
479
تۆھپە
202
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 19:49:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدەننىڭ قايسى يىرىدە كىسەللىك بارلىقىنى دوختۇرغا ئومومىيۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتىشتىن كىيىنلا بىلەلەيمىز،  ۋاي ،مەندە ئانداق كىسەل بۇپقاپتىمەن ،   مۇنداق كىسىلىم  بارئىكەن دەپ داۋراڭ سالساق ھىچكىم بىزنىڭ كىسىلىمىزنىڭ ئازاۋىنى تەڭ تارتىشىپ بىرەلمەيدۇ،   بەقەت ئۆزىمىزلا ئۈمىتۋارلىق بىلەن ياشاپ، كىسەلنىڭ داۋاسىنى قىلىپ، دوختورغا ماسلىشىپ بەرسەكلا كىسىلىمىز ساقىيىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئەكسىچە  بولغاندا كۆز يۇمۇشىمىز تىزلىشىپ كىتىدۇ .
  شۇڭا بىز مەيلى ئەر ، ياكى ئايال بولايلى زادى مەندە قانداق نۇقسان،  يىتەرسىزلىكلەر بار ؟ قېرىنداشلىرىم ،ئۇرۇق -تۇققانلاردىمۇ قانداق نۇقسانلا بار ؟ بۇنى قانداق تۈزىتىشىم  كېرەك دەپ - ئويلاپ،  ئۇنى تۈزىتىشنىڭ ياخشى چارىسىنى تىپىشىمىش لازىم،.  بۇ قۇرۇرۇق گەپ ساتقاندىن كۆپ ئەلا،  باشقىلارنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىپلا بولدى قىلماي،  ئۇنىڭغا ياردەمدە بۇلۇپ ئۇنى ھەل قىلشنىڭ چارىسىنىمۇ تىپىپ بىرىشىمىز زۆرۈر  .
   باشقىلار بىزدە بار ئىللەتنى ئوتتۇرغا قويسائۇنى تۈزۈتىشكە ئالدىرايلى ، بولمىسا ئىبرەت ئالايلى ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ياخشى سۈپەتلىك ۋاقتىدىلا   بالدۇر بايقاپ ، بالدۇر داۋالىتىپ ئىلىۋەتمىسەك ئاخىرىدا بىزنى زاۋانلىققا يۈزلەندۈرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ.  
  مىنىڭ ھازىرچە كالامغا كەلگەن تەكلىپىم :  بىز ئەرلەر خانىم -قىزلىرىمىزنى ئاسرايلى، يامان كۆزلەردىن قوغدايلى، كۆيۈنەيلى، خوتۇن ئىلىپ -خوتۇن قويىدىغان ،ئاشنا ئوينايدىغان ، ئىشتىن ساقلىنايلى، چامىمىزنىڭ يىتىشىچە ئائىلىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى، بۇزۇقچىلىققا باشلايدىغان قىمار، ئىچىش، چىكىش ،پاشۋازلىقتىن زىنھار يىراق تۇرۇپ،  ياخشى كۆرۈشۇپ، نىكا قىلىپ ئالغان ھالال جۈپتىمىز بىلەن كۆڭۈلۈڭ ئۆتەيلى ؛ مۇدا قوغلىشىمەن دەپ ئېرىڭىزنى تەڭ قىسلىققا قالدۇرماڭ،سودا-سېتىقتا يوتقانغا قاراپ پوت سۇنۇىدىغان ئىشنى قىىلڭ  خانىملىرىمىزمۇ ئۆز جۈپتىمىزگە يۈكسەك سادىق بۇلۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئېرىڭىزنى ياخشى كۈرۈپ، ئەرلەرنى كەلسە-كەلمەس ھاقارەتلەشتىن ساقلىنىپ، نازاكەت، يېقىملىق چىراي-خۇلقىڭىز  بىلەن جۈپتىڭىزگە  يېقىن تۇرۇپ،  ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتسىڭىز ئەرلەر  سىزدىن باشقىغا كۆڭۈل بەرمەيدۇ. ئائىلە ئىناق، پەرزەنتلەر ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
789
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 20:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2012-1-18 13:45
بەزىلەر مىللەتنى سۈيىمەن دەيدىغانلار بۇ تېمىدا گاچا ...

سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
__________________________________________________________________________

   ھۆكۇمران ئەپەندى : بىزنىڭ قەشقەردە بىر گەپ بار. : « بۇقىنى تۇغدۇردىغان » دەيدىغان، بۇنداق گەپنى قانداق ئادەملەرنىڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان، ھەرقانداق ئىشتا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدىغان، شۇنچە نەرسە بىلسىمۇ ھۆپۇپتەك ھەممىنى ئىچىگە سولىۋېلىپ ، سېسىق بۇس تارقىتىپ يۈرۈيدىغانلاردۇر. مۇشۇنداق ئادەملەرلا گەپنى دەيدىغاان يەردە دىيەلمەي، ئاخىر ئىچى سېسسىپ كەتكەندە ئاندىن  ژىنىنى چاچىدىۇ.
  مەن بۇ يازمىنىڭ بۇرۇنلاردا قانداق مۇنبەرلەرگە يوللانغىنىنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇيغۇرچە تورلارغا ئەمدىلەتىن چىقىۋاتىمەن.تورغا چىققاندىن بىرى قەلبىمنى زىل- زىلىگە سالغان يوللانمىدىن بىرسى بولدى. نىمە ئۈچۈنلىكىنى مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ بېشىدا كەلتۈرگەن سىتاتىمدىن بىلىۋالغايسىز، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى يارىماس دىگگنلىكى چاك باسمايدىغان گەپ، چۈنكى بىر نەچچە ئادەم ۋە ئىشلارغا ئاساسەن بىر مىللەتكە باھا بەرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن باشقىلاردەك ھاياجانلىنىپ يوللانمىدا دىيىلگەن چەتئەللىكلەرنى تىللاپ كەتمىدىم، تىللىغاندىن نىمە چىقىدۇ ؟ ئاشۇلارنى ھەرقانچە سەت تىللار بىلەن تىللىغانغا پەقەت شۇ تىللىغۇچىنىڭ بىردەم ئاچچىقىلا بېسىلىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئويلاش كېرەك. خەق نىمىشقا بىزنى شۇنداق مازاق قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە ؟
ناۋادا بىزدە قىلچىمۇ نۇقسان بولمىغان بولسا  بىز بۇنچىلىك سەكرەپ يۈرمەيتۇق. بىز نىمىشقا ئاشۇ مەرەزنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىگگ ھاقارەت قىلىش ئاساسى توغرىلىق ئويلىنىپ باقمايمىز.
«سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ».
مېنىڭ سىلەرنى « گاچا بوپ قالدىڭلارمۇ » دەپ خىتاپ قىلىشىمدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى جېنىمغا تەگدى.
بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز زادى قانچىلىك دەرىجىدە ؟ ھۆكۇمران ئەپەندى: سىزمۇ جەنۇپلۇق، جەنۇپنىڭ يېزىلىرىدا ، جەنۇپنىڭ بازارلىرىدا خىزمىتى يوق سەۋەپتىن ئەرلىرى، جېيىن ئاتا، قېيىن ئانىلىرى تەرىپىدىن خارلىنىۋاتقان قىزلىرىمىز  زادى قانچىلىكتۇ ؟ ئېرىڭگە گەپ ياندۇردۇڭ دەپ ئاياللار قۇللىقى تەلەپ قىلىنغاندا ، ئۇنىڭغا بويۇن تولغاش سەۋەبىدىن « تالاق » بوپ كىتىپ بالىلىرى، ئىللىق ئۆيى توغرىسىدا يۈرىكى جان بولىۋاتقان ئاياللىرىمىز زادى قانچىلىكتۇ ؟
يۇرتىدا ئائىلىسى، بالا- چاقىسى تۇرۇپ، باشقا يۈرىتقا بارغاندا « نىكاھ» ئوقۇتىۋېلىپ ئىككىنچى بىر ئائىلە قۇرىۋالغان ئەرلىرىمىز قانچىلىكتۇ ؟
سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
گەپنى ئويلاپ  قىلايلى . مەن دەپ قوياي، مۇسۇلمان دىگەن يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيدۇ، ئۇنداق ئادەملەر نى نىمە دىيىش كېرەك ؟
ئاشۇنداق مىساللار لازىم بولسا مەن بىرەر رومان بولغىدەك مىساللارنى يوللاپ بىرەلەيمەن.
قۇرۇق پو ئاتماڭ دەپسىز، پونى سىزمۇ ئاتماڭ. ھەقىقەت ئىشىكىنى پو ئېتىپ، داۋراڭ قىلغۇچىلار ئەمەس بەلكى ئۈن- تۈنسىز ئىشلىگۈچىلەر تاپالايدۇ. ئاغزىڭىزنى چايقىۋىتىڭ، دادام، ئانامنى تىلغا ئالماڭ، ھەقىقى مۇسۇلمان خەقنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ھاقارەت قىلمايدۇ .


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
4525
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 00:19:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي قىرىندىشىم سىزمۇ ئاشۇ نىجىسلار كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ كىنولىرىنىمۇ كۆرگەن بولسىشىڭىز مۆمكىن . ئەڭ ياخشىسى سېلىشتۇرۇپ بىقىڭ .   باشقىلارغا ئەگىشىپ ئۆزىمىزنى سۇندۇرماڭ.  سىز ئۇچراتقانلار جەمئىيەتتىكى ئاز بىر قىسىم داشقاللار. ئۇلارنى پۇتۇن ئۇيغۇرلارغا چىتىۋالماڭ، يەنىلا ئىنسابلىقلار ناھايىتى كۆپ.


Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
59
UID
2128
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 09:37:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-18 20:59
سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئو ...

ئاشۇ يېزا، چەت جايلاردا ئاياللىرىنى خورلاۋاتقان، ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقان، باشقا يۇرتقا چىقىپلا نىكاھلىنىۋالىدىغانلار مۇشۇ تېمىلارنى كۆرەرمۇ؟ ئۇلار كۆرمەيدىغان تۇرسا، كۆرسىمۇ بىلگىنىنى قىلىۋېرىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئۇلارنىڭ «ئائىلە ئىشى» تۇرسا، بىزنىڭ ھاي دىيىشلىرىمىز ئۆتەرمۇ؟ بىزنىڭ جىلە بولۇشلىرىمىزنىڭ پايدىسى بارمىدۇ؟ مەن مۇنداق ئويلايمەن، بۇ تېما پەقەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىسا، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسا، بىلگەنلەر ئەتراپىدىكىلەرگە ئىپى كەلگەندە دەپ بەرسە، مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرىغاندا نىمە قىلىشنى ئويلىشىپ قويسىلا كۇپايە. چوقۇم مۇنبەرگە ئىنكاس يېزىشى، توۋا دەپ ياقا تۇتقانلىقىنى بىلدۈرىشى كېرەك ئەمەسقۇ؟
ئەمەلىيەتتىغۇ ھەممەيلەن بۇ يەردە مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلساق، بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمىسە دەپ ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن ھەممەيلەننىڭ مۇ مەقسەتكە يېتىدىغان ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ خالاس، بىر-بىرىمىز بىلەن تىللىشىپ كەتمەيلى ئەمدى مەقسەت بىر بولغاندىكىن.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
59
UID
2128
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 09:40:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamitimin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-19 00:19
ھەي قىرىندىشىم سىزمۇ ئاشۇ نىجىسلار كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ ...

بۇ مەسىلىنى ئىلمىي چۈشەنسەك ياخشى بولاتتى، ئەسلى بۇنداق كۆپ ھېسيات ئارىلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، بولمىسا مۇشۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقىپ، بىر-بىرىگە ئازار بېرىپ قويىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدىكەن.


Rank: 1

ئىسىمى
پىرزات
تىللا
13
تۆھپە
4
UID
4530
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 15:37:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەرلىرى ھاراق كۆتىرىدۇ،غورۇر كۆتۈرمەيدۇ.


Rank: 4

تىللا
367
تۆھپە
170
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 16:46:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇخىل ئىشلار ھەممە دۆلەت،ھەممە رايونلاردا جۈملىدىن ھەممە مىللەتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.ھەممە مىللەتلەردە ئەخلاقلىقلار،ئەخلاقسىزلار، ۋىژدانلىقلار، ۋىژدانسىزلار، غورۇرلىقلار غورۇرسىزلار ئوخشاشلا مەۋجۇت. مەسىلە شۇيەردىكى، بىزدە زادى قانچىلىك مەۋجۇت؟مەسىلىنى بايقاش ۋە ئۇنى ئوتتۇرغا قويۇش ياخشى ئىش.ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلىنى بايقىغانلىقى ۋە ئۇنى ياخشى نىيەتتە مۇنبەرگە يوللىغانلىقى ناھايتى ئېنىق تۇرۇپتۇ.ئاخىرىنى قېنى سىلەر دەپ بېقىڭلار دوسلار.


Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
420
تۆھپە
133
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 17:56:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى،ئائىلە تەربىيسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى....ئاتا-ئانىسى مۇشۇ قىزلارنى ياخشى باشقۇرسا بۇنداق بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ؟


Rank: 4

تىللا
200
تۆھپە
105
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 20:27:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەممىمىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن، ئەمما بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ ھەر ئەركەكلىرىمىز بار ئۇنداق  «پۇلدار چەتئەللىكلەر»قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 21:37, Processed in 0.069466 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991