كۆرۈش: 7854|ئىنكاس: 2

ئوغلۇم ئاڭلا، ئېسىڭدە ساقلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
742
تۆھپە
285
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 18:45:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ ، رۇياپقا چىقارغان « ئوغلۇم ئاڭلا ، ئىسىڭدە ساقلا » ناملىق پەندى-نەسەھەت تۈسىنى ئالغان ماقالامنى يوللاشنى قارار تاپتىم. كەڭ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



ئوغلۇم ئاڭلا، ئېسىڭدە ساقلا


ئوغلۇم ، ھەرقانداق ئىشتا ئوڭشىسىزلىققا يولۇقۇپ قالغان چېغىڭدا تەمتىرەپ قالما ، مەيۈسلەنمە ، ئۆزۈڭنى يوقۇتىۋەتمە ، بەلكى ھەسسىلەپ ئۆمۈدۋار بول . كىشلىك جەمىئىيەتتە چىن ئەقىدە ، پاك نىيەت ، ھالا لەۋز ، يىمىرىلمەس ئىتىقاد بىلەن ياشا ، چەكلىك ھاياتىڭدىن چەكسىز مىھنەت ، مۇھاپىقىيەت تامچىلىرىنى تامدۇرۇپ ، ھاياتىڭنىڭ قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىش . تىرىشىش ئارقىلىق ئىرىشكەن مۇھۋپپىقىيەت ساڭا قۇدىرەتلىك جۈپ قانات ئاتا قىلىدۇ !
ئۆزىڭنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەي تاپتىن چىقىپ كەتمە ، ئەرلىك بۇرچۇڭنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى  ، مىللەت ،ۋەتەن ، خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىڭنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھەقىي مەنىسى بىلەن  تونۇپ يەت . ھەر ۋاقىت ئۆمۈد ، ئىشەنچ تۇغى قەلبىڭدە لەيلەپ تۇرسۇن !


دىيانىەت ، ھەقانىيەت ئەركەكنىڭ جېنى ،

دوست تۇتقىن ھەر ۋاقىت ئۆمۈد ، ئىشەنچنى .

ئەل – يۇرتنىڭ ۋاپادار بالىسى بولغىن ،

جان ئوغلۇم ، كۈتىمەن سېنىڭدىن شۇنى .


ھەق بىلەن – ناھەقنى ئايرىغىن ئېنىق ،

شىرىن چۈش قوينىدا ئۇخلىما تاتلىق .

ۋەتەن ھەم مىللەت دەپ ياشساڭ ، ئوغلۇم ،

رازى مەن سېنىڭدىن ئىككى دۇنيالىق .


ئېسىڭدە بولسۇن ، ئاچ كۆزلىك ، سەمىمىيەتسىزلىك ، ئىچى تارلىق ، ئۆزىنى بىلمەسلىك ئادىمىلىك قەدىر – قىممىتىڭنى دەپسەندە قىلىدۇ . شۇڭلاشقا ، دانالارنىڭ نەسھەتىدىن ئەقىل تاپقىن ، پۇشايماندا قالمايسەن . ھەىقىي ھايلتلىققا ئىرىشمەكچى بولساڭ مەنىۋى قىياپىتىڭنى يۈكسەلدۈرىدۇ . ئەجداتلارنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىل ، يىلتىزىدىن تانىدىغان ، ئۆزلۈكىدىن  چانىدىغان مۇخلۇقتىن ساقلان . ئىش قىلغاندا قەتئىي ، تىرىشچان ، تەرتىپلىك ، كەسكىن ، مەسئۇلىيەتچەن ، ئۆمۈدۋار بول . چۈنكى ، ئۆمۈد ئىنساننى گۈزەل مەنزىلگە ئۇلاشتۇرىدۇ ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭنى ئاشۇرىدۇ ، روھىڭنى ئۇرغىتىدۇ ، كۆرۈنمەس جاسارىتىڭنى دولقۇنىتىدۇ .
ئۆمۈد ، ئىشەنچ ، ئۆمۈد – غەلبە . ئۆمۈد بىلەن ياشايدىغان ئادەم – مۈشكۈنلەر ئالدىدا ۋايىسىمايدىغان ، جاپا ئىچىدىن راھەت ، شاتىلىق تاپالايدىغان ئادەمدۇر .
سەن پەك روھ ، ھالال لەۋز ، چىن ئەقىدە ، يىمىرىلمەس ئىتقاد بىلەن ياشىساڭ ، ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىڭ مەڭگۈ جۇلالاپ تۇرىدۇ . نادانلىق ، تەنتەكلىك روھىڭنى چۈشكۈنلەشتىرىدۇ . شۇڭا ، سەن قەدىر – قىممىتىڭنى تۆكۈدىغان ، ئەجداتلىرىڭنىڭ روھىنى قورۇندۇرىدىغان پەسكەش ، چاكىنا ئىشلارنى قەئىي قىلما . قارا نىيەتلىك ئادەمنى ئادىمىلىكتىن يىراقلاشتۇرىدۇ . نىيتىڭگە قارىلىق يولاتما . نۇمۇسسىزلار ئىپلاسلىق بىلەن چالغان ناغرىغا ساما سالما ، يۇتۇڭغا زۇمرەتلىك نىخ سانجىلىدۇ .
ئەجداتلىرىمىزنىڭ باتۇر ، سەزگۈر ، چەپداس ، مەردانە قورقماس روھى ساڭا مەڭگۈ ھەمرا بولسۇن . سەن پارلاق كېلىچەك ئۈچۈن چاپپچىپ تۇرىدىغان جەڭ ئېتى بول .
چىدام ، غەيرەت ، تەۋرەنمەس ئىرادا بىلەن ياشىغىن . ئادەم ئۆمۈد بىلەن ياشايدۇ ، بىلىم بىلەن كامالەت تاپىدۇ . بىلىم ئۈگۈنىش تىرىشچانلىقتىن كىلىدۇ . ئېسىڭدە بولسۇن ، ئالدۇراڭغۇلق ، تەنتەكلىك ، مۇقەددەس ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ روياتقا چىقىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھەقىقى بايلىق مال – دۇنيا ئەمەس ، بىلم ، ئەقىل – پاراسەتتۇر .
ئادىمىلىك قىممەت – ئەقىل ، ۋىجدان ، غورۇر ، ئىنساپ ، پەزىلەت ، ئەخلاق ، ھايا ، ئىمان – ئىتىقاد بىلەن ياشايدىغانلارغا مەنسۇپ ! ؛  ئۆز نەپسى ئۈچۈن ياشايدىغانلارنىڭ ھەيۋاندىن ھېچقانداق پەرقى يوق ، ھەر قاچان ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم !
ئادەملەرنىڭ ئۆز قىممىتىنى جۇلالاندۇرۇشى ئۆزىگە باغلىق . شۇڭا ،  سەن مەيلى باھار ، كۆيدۈرگۈچى تومۇ – ئىسسىق ، مەيلى بوران – چاپقۇن ، قىش – زېمىستاندا بولسۇن ئىرادە ، كەمىرىڭنى يېشىۋەتمەي ئۆمۈد بىلەن ياشا ، ئەقىل بىلەن ئىش كۆر .
بىلم ئۆز قىممىڭنى ئاشۇرۇپ ، ئىستىقبالىڭنى يارتىشتىكى ماياك ، تىرشىپ بىلم ئال ، بىلىم قۇرۇلماڭنى ئىزدىنىپ مۇكەمەللەشتۈر ، ئاندىن تېخىمۇ قۇدىرەت تاپالايسەن . نادانلىق يۈگۈنىگە ئەل بولمايسەن . نادانلىقنىڭ كىرلىرى بىلەن بۇلغانماي دېسەڭ ، ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىغىچە بىىم ئىزدە ، ئۈگەن ، تىرىش . سائادەت يولى بىلىم بىلەن پارلاقتۇر .



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 00:49:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

تىللا
238
تۆھپە
174
UID
5327
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 04:02:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،لېكىن سەل كېڭەيتىلگەن بولسا،مەسىلەن ھاياتنىڭ مەنىسى  توغرىسىدا،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:26, Processed in 0.072642 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991