ھارماس قەلەمكەش،تۆھپىكار باغۋەن.
ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى
ئابدىراخمان ئىمىن يارغۇل
ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بۇشۈكى قەدىمى دىيار يەكەندە ياش ھاياتى ساپ ۋەسۇزۇك بۇلاق سۇلىرىدەك زىھنى قۇۋۋىتىنى ئەۋلاتلارنى تەربىلەش،كۇنا قېلىپتىكى ئەنئەنىۋى مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ بالىلارنى يېڭىچە تەپەككۇر ۋە ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە قىلىش مەخسىتىدە تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان ،قەلبىدىكى ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ساماۋى ئىستەكلەرنىڭ يىلىنجتىشى بىلەن ئەدىبى ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ توختاۋسىز ئىلگىرلەۋاتقان بىر ياش بار .ئۇ بولسىمۇ يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمنڭ مۇدىرى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغدۇر.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى ياغاچچىلار كەنتىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. ئىشتىن سىرت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل_ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكۇم ۋە تولۇق كۇرسنى تاماملىغان. ئۇ 2003-يىلى5-ئايدىن باشلاپ مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت 1991-يىلى ‹‹يەكەن گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنغان‹‹تەئەججۈپ››ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدىبى ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغاندىن بىرى ئىلگىرى ئاخىرى‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››، ‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››، ‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى››، <<شىنجاڭ گېزىتى>>،<<قەشقەر گېزىتى>>، <<شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى>>،‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ،<<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> ، <<كۈسەن مەدەنىيىتى>>، قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا << خىلۋەتتىكى يارقىن چۈشلەر>> ،<<تاۋۇس ئەللەيىن>>، <<تور>> ،<<خىلۋەتتىكى مەھەللەم>>،‹‹بىغەرەز›› <<يۇمىلاق خەرىتە>>، <<ئۈزۈلمەس ئېقىن>>، <<بىر يىگىت بىر قىزغا بولغاندا ئاشىق>>، << ئەڭ مەغرۇر تۇيغۇدا چېكىمەن ئازاب>> ‹‹زەڭگەر كۆزلۇك ساددا مەلىكەم›› قاتارلىق 200پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسر، شىئېر ۋە داستانلارنى ئېلان قىلدۇردى. ئەدىبى ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ناھىيە ئىچىدىكى ئەدىبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئىرىشىپ ئۈزىنىڭ بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغان ئىقتىدار ئىگىىسى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى.ۋەكەسىپداشلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ كاتىپلىقىغا سايلاندى.ئۇ ئۆز ئىقتىدارنى ،ئەدىبى ئىجادىيەت ئىشلىرىدا جارى قىلدۇريپلا قالماي ئاخباراتچىلىق سائەسىدىمۇ ئىزدىنىپ <<ئولىمپىك.ئېرا ئەجدەرھاسى. ئالتۇن مېدال>>، <<گۈزەللىك شەيداسىنىڭ ياشلىق ئالبومى>> قاتارلىق چوڭ ھەجىمىك ئەدەبىي ئاخباراتى ۋە 30 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر، ئوبزور، ئىجتىمائىي تېمىدىكى ماقالىلارنى ئېلان قىلدى. <<خلۋەتتىكى مەھەللەم>> ناملىق شېئىرى يەكەن ناھىيەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە <<مۇنەۋۋەر ئەسەر>> مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كەسىپ ئەھلىلىرىگە مەلۇمكى ئەدىبى تەرجىمىچىلك ساھەسى نۇقۇل تىل بىلىشنىلا شەرت قىىلماستىن مول تىل بايلىقى ،مەلۇم دەرىجىدە ئەدىبى دىت ۋە ھىسيات ئامىلىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن قەدەم باسقىلى بۇلىدىغان بىر مۇشەققەتلىك داۋان.تىل بىلىدىغانلارنىڭلا ھەممىسى بۇ ساھەدە خىزمەت قىلالىشى ناتايىن.ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەتنىڭ ئۇقۇغان كەسپى ئۇمۇمى پەن بولسىمۇ خىزمەت جەريانىدا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى بۇشاشتۇرۇپ قويماي جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ <<كۆۋرۈك>>، <<ھېلالئاي>> ، <<رەسىم تېرىش>> ، << سۈيقەست>> ، <<كىچىك بېكەتتىكى ناخشا ساداسى>> قاتارلىق200 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،شېئىر، ئەدەبىي خاتىرەلەرنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ <<ئەدەبىي تەرجىمىلەر>>، <<ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى>>، <<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ تەرجىمە قىلغان <<مەكتەپكە بېرىش يولىدا>> ناملىق تېلېۋېزىيە ھېكايە فېلىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يەكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.ئۇ ئەدىبى تەرجىمىچىلك ساھەسىدىكى بىلىمى، تۇنىشىنىڭ چۇڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن
خەنزۇ تىلىدىكى ئائىلە تەربىيسىگە ئائىت24 باپلىق بالىلارتىمىسىدىكى كىتاپنىڭ تەرجمسىنى ئىشلەپ ئاخىرلاشتۇرۇپ نەشىرگە بىرىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن ‹‹بىر يىگىت بىر قىزغا بولغاندا ئاشىق›› نامىلىق شىئىرلار توپلىمى ۋە بالىلار ئەدىبىياتى تىمىسىدىكى ‹‹ۋاپاسىز قاغا››نامىلىق چۆچەكلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئىزچىل تۈردە مائارىپ تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،<< شىنجاڭ مائارىپى>> ژۇرنىلى، <<شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى>>، <<پەن ۋە تۇرمۇش >>، <<شىنجاڭ ياشلىرى>> ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا <<دەرسلىك يۇمشاق دېتالى لايىھىلەش ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا››،‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق، مېۋە_چېۋە ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى›› ، ‹‹تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك››، <<مەكتەپ مۇزېيىنى قانداق قۇرۇش كېرەك>>، << <چار> سۆزى توغرىسىدا >> قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلدى. ‹‹ئەخلاق تەربىيەنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك›› ناملىق ماقالىسى‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى›› تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر ماقالە››مۇكاپاتىغا‹‹تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك›› ناملىق ئىلمىي ماقالىسى قەشقەر ۋېلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقائېرىشتى.
مەكتەپتىكى ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە تىل-ئەدىبىيات ئۇقۇتۇشنىڭ ساغلام تەرەققى قىلش ئىھتىياجنى نەزەردە تۇتقان ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت مىشايېزىلق ئوتتۇرامەكتەپتەئەدىبى ئىجادىيەت،يىزىقچىلىق كۇرزىكى تەشكىللىدى.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ھەرخىل پالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا ئەمەلى ئىلھام بىرىش مەخسىتىدە ئۈزىمۇ بالىلار ئەدىبىياتى يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ قىسقىغىنە ۋاقىتتا ‹‹كىچىك مۇئەللىم››‹‹شىرچاقنىڭ ئوۋغا چىقىشى››‹‹سازاڭ ئۇرۇق،تۇپراق ››قاتارلىق 30پارچىغا يىقىن ئەسەر يېزىپ ئىلان قىلدۇردى.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر مەزگىللىك تىرشچانلىقى ،ئابدۇرۇسۇل مۇئەللىمنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا كۇرزىكتىكى 10نەچچە ئۇقۇغۇچىنىڭ 40 پاچىغا يىقىن ئەسىرى‹‹تارىم غۇنچىللىرى››‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى››‹‹پەرۋاز››‹‹شىنجاڭ مائارىپ گىزىتى›› قاتارلىق گىزىت زۈرناللاردا ئىلان قىلىنىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى.
ئۇلۇغ ئەدىپ لۈشۈن ئېيتقاندەك‹‹ دونيادا ئەسىلى يول يوق ئىدى،يول ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى ئارقىلق ھاسىل بولغان›› .بىلىم ئېلىش،ئۈگىنىش قانچىلىك ئىزدەنسە كۆز ئالدىدا يەنە شۇنچە مېڭىلمىغان ،ئاياغ بېسىلمىغان يوللارنىڭ بارلىقىنى بايقايدىغان قانائەت قىلىپ يۈرىۋەرسە توختام سۇدەك نەتىجە بىرىدىغان بىرمەرىپەت مەيدانى.ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت بۇ مەيداندا ئىلگىرى يېڭى ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىسىدەك تەمتىرەپ يۈرگەن بولسا ئەمدىلىكتە قانات پەيلىرى قاتقان ،جۇدۇنلاردا تاۋلانغان ،ئىگىز قىياغا قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر بۇركۈتكە ئايلاندى.
ئۇنىڭ يۇقىرقىدەك نەتجىللىرىدىن سۇيۇنگەن كەسىپدىشى مۇقام يۇرتىدىكى ئۇستاز شائىرە ئايسىمە ئىدىرىس خانىم شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى بىر يازمىسىدا ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەتنىڭ ئىجادى پائالىيىتىنى قىسقا لىكىن مىغىزلىق يېزىلغان بۇ شىئىرىدا مۇنداق دەپ يەكۈنلەيدۇ.
شېئىر يېزىپ يەنە تېخى ماقالە،
ئابدۇرۇسۇل بولۇپ قالدى كۆپ قىرلىق،
قايىل قىلدى تەرجىمىسى ھەممىنى،
تىل ئىشلىتىپ دەل جايىدا بەك سىلىق.
ئۇ مۇئەللىم ، مۇنبەر بىلەن ياشىرار،
ھەر تىنىقتا پەرزەنتلەرنى ئويلايدۇ،
بىر كۈن ۋاقتى ئۆتسە بىكار چىدىماي،
يۈرىكىنى ئاچچىق ھەسرەت تىلغايدۇ.
نەگە بارسا گۈل ئۈندۈرۈپ ئىزىدىن،
بارلىقىنى ئەل ئىشىغا ئاتىغان.
مۇقام يۇرتى ئوغلانىغا لايىق ئۇ،
تەرجىمىدە نەچچە تىلدىن ھالقىغان.
پەلسەپىۋى ئەسەرلەرگە قول سوزۇپ،
ھىكمەتلەرنى سۇنار ھەر بىر ئەسەردە،
يوقالمىغاچ ئەسلى ئاپتور پۇرىقى،
مانا بۈگۈن يارىشىپتۇ مۇنبەرگە !
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى ۋە گېزىتى مۇتەخەسىسلەر ئۆمىكىنڭ ئەزاسى، جوڭگۇ پىدائىيلار جەمئىيىتى شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى جەمئىيىتىڭ ئەزاسى، <<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى، يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات_سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.بىزمۇقام دىيارىدىكى بۇ ھارماس قەلەمكەش ،تۆھپىكار باغۋەننىڭ بۇندىن كىيىنكى قەدىمىگە تېخىمۇ يۈكسەكلىك ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمىز.