كۆرۈش: 4624|ئىنكاس: 3

مەدەنىي بولۇش ــــ مىزانىڭىز بولسۇن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 14:24:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەدەنىي بولۇش - قىممىتىڭىزگە ئايلانسۇن

كامال جامال



    دېكابىر ئايلىرىنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدا، قىرو باغلىغان دەرەخ شاخلىرى، بەئەينى ئۆرۈك چېچىگىدەك ئاقىرىپ كەتكەنىدى. مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن مەھەللە كوچىلىرى، ئەينەكتەك پاقىراپ تۇراتتى. يولنىڭ چېتى بىلەن ئاۋايلاپ كېتىپ باراتتىم، يېنىمدىن بىرەيلەن ۋېلسىپىت بىلەن ئۆتۈپ، ئۇزۇنغا بارمايلا مۇزدا تىيىلىپ، گۈپ قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن كۈك رەڭلىك پىكاپدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي كۈچلۈك سېگىنال ئۇرۇلغىنى تۇردى. مەن ئىتتىكلا بېرىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرالمايۋاتقان كىشىنى يۆلىدىم. ئەمما شوپۇر يەنىلا ماشىنىسىنى چىقىرىتىپ تۇراتتى.

- ھەي سەن ئادەممۇ ياكى ھايۋانمۇ؟ - دېدىم ئۇنىڭ يولسىزلىقىدىن ئاچچىقىمنى باسالماي - بىر ئادەم يىقىلىپ ئورنىدىن تۇرالمايۋاتسا، ئۇنى يۆلەپ قۇيۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسچە ماشىناڭنى ۋاقىرىتىپ تۇرغىنىڭ نېمىسى ياكى ئارقاڭدا باشقا ماشىنا بولمىسا، سەندىكى مەدەنىيەت مۇشۇمۇ.

ئۇ گېپىمغا پەرۋامۇ قىلمىدى، قاپاقلىرىنى غورىدەك تۇرۇپ، ماشىنىسىنى قوزغاتتى.

- رەھمەت سىزگە - دېدى ئۇ كىشى ۋېلىسىپىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ - بولدى، ئەمدى ئاستا ئۆيۈمگە كېتىۋالاي.

مەن كۆز ئالدىمدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە زىت بولغان بۇ ئىشقا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا، مەدەنىي ئەخلاققا سەلبىي تەسىر بېرىدىغان بۇ خىل ئىللەتلەرگە خاتىمە بەرمىگەندە، مەدەنىيەتنى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. مەدەنىيەت كۆپ قاتلاملىق ۋە ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەتتە كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى دەۋر روھىغا ئىگە قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىناق، ئىجىل، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، باراۋەرلىك، مەجبۇرىيەت ئېڭى تىكلەش تولىمۇ زۆرۈردۇر. مەدەنىيەت ئادەمنىڭ چىن ئېتىقادى، روھىي ھالىتىگە ئەلبۇملانغاندىلا ئاندىن ئادەمدە مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، مەدەنىيەتنى يارىتىش روھىي تىكلىنىپ، ئۇ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. مەدەنىيەت سەھنە، ئېكرانلاردا چاقناپ تۇرىدىغان مەنىۋىيەت ئوزۇقى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ ئادەمنىڭ زېھنىنى بىلەيلەپ، ھاياتلىق مەۋقەسىنى روشەنلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان بىباھا گۆھەردۇر. مەدەنىيەت ئادەم خاراكتېرىگە چوڭقۇر سېڭىپ كىرەلىگەندە ئاندىن ئادەم ئۆز جىسمىدىكى ئاكتىپ ئامىللارنى قېزىپ چىقىرىپ، ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.

يېقىندا، بىر ئاغىنەم بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ سىتالىن كوچىسىدىكى بىر تاماقخانىغا غىزالىنىش ئۈچۈن كىرىپ ئولتۇرۇشىمىزغا، يېنىمىزدىكى شىرەدە ئولتۇرغان بىر نەچچەيلەننىڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى گەپلىرى قۇلاق-مېڭىمىزنى يەپلا كەتتى. ئاشخانا خوجايىنى ئەتراپىدا تاماق يەۋەتقان كىشىلەرنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى بىلدىمۇ - قانداق، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

- خاپا بولماي تۆۋەنرەك ئاۋازدا پاراڭلاسساڭلار بولارمۇ - دېدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئاۋازى پەسلىمىدى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بىر ئادەمگە باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ ئورنى، مەنسىپى قانچىلىك دەرىجىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسى مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدۇ. مەدەنىيەت ئادەمنىڭ تومۇرىدىكى قاندەك قىممەتلىك، ئەگەر تومۇردا قان بولمىسا، ھاياتلىق بولمىغىنىدەك، مەدەنىي ساپا بولمىسا، ئىنساپ، دىيانەت، ئەخلاق كەملەپ كېتىدۇ. مەدەنىيەت ئادەمنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىدىن تاشقى قىياپىتىگىچە ئەينەكلىنىپ تۇرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، بىر دانە گالىستۇك سېتىۋىلىشىمىز ئانچە قىيىن ئەمەس، ئەمما شۇ گالىستۇكنى جايىدا تاقاپ، تاشقى قىياپەتنى گالىستۇكقا ماشلاشتۇرالىغاندا ئاندىن ئادەمنىڭ سالاپىتى ۋە ئوبرازى گەۋدىلىنىدۇ. گەرچە بۇ تاشقى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى بولسىمۇ، ئەمما مۇھىمى ئىچكى-تاشقى مەدەنىيەت بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن مەدەنىيەت قاتلاملىرى تېخىمۇ روشەنلىككە، خاسلىققا ئىگە بولىدۇ.

سەكرا
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1193
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 15:40:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بەك ياخشى تېمىكەن، مەدەنىي بولۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ ھەم ھازىرقى جەمىيەتنىڭ تەلىپى. ھەممىمىز مەدەنىي بولايلى! توردىمۇ مەدەنىي ئىنكاس يازايلى.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:58:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 2

تىللا
91
تۆھپە
32
UID
4926
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 17:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىزدىن ئەنئەنە بۇلۇپ مىراس قالغان مەدىنيەتلىك سۆز-ھەركەتلىرىمىز، كۆپەيمىسە مەيلى.....لىكىن شۇ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ئىلاج قىلمىساق، ئەجداتلىرىمىزغا نېمە دەيمىز؟ ئەۋلاتلىرىمىزغا زادى نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:38, Processed in 0.072181 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991