كۆرۈش: 9078|ئىنكاس: 2

2011-يىلدا نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 22:56:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2011-يىلدا نېمە ئىش قىلدىڭىز ؟


    تۇرۇپلا ئۈزۈمدىن سەن بۇ ئۈتۈپ كەتكەن 2011-يىلدا نىمە ئىش قىلدىڭ ؟ دەپ سورىغىم كىلىپ قالدى؟ راسىت دىمىىىمۇ بۇ ئۈتۈپ كەتكەن يىلدا مەن زادى نىمە ئىشلارنى قىلدىم ؟يەنە نىمە ئىشلارنى قىلماقچى؟
2011-يىللىق «خىزمەتلەر» دىن قىسقىچە خۇلاسە
مەن ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىريىل  جەرياندا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەردىن خىزمەت قىلدىم .

1. قانۇن تۈزۈم ،كەسپى ئىستىل، پاكلىق قۇرۇلىشى جەھەتتە:

    دۆلەتنىڭ ھەرقانداق قانۇن نىزاملىرنى گەرچە تولۇق بىلمىسەممۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئۈزۈمنىڭ كۈندىلىك ھەركەت قېلىبنامەم قىلدىم. باشلىق ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق ئېشنى پايتمامنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي قىلدىم.
كەسىپنى قەدىرلەپ كەسىپنى سۈيۈپ، گالنى پاكلاپ، ھارامغا يېقىن يولىماي، باشلىق يىىسە مەيلى مەن قەتئى يىمەيمەن دەيدىغان ئىسىل خاھىش بىلەن داۋاملىق ئىشىك تۈۋىدە پوست تۇرۇپ، «تەخسىكەش» دىگەندەك ھىچكىممۇ پۇل بەرسىمۇ ئالمايدىغان بەلكى ئېلىشقا پېتىنالمايدىغان شەرەپكە ئېرىشتىم .

2. ئويۇن تاماشا، شاپاقچىلىق جەھەتتە:

     ئۆيدە بۆرە تېرىسىنى كىيىپ ،سىرىتلاردا مايمۇن كەبى نايناقشىپ، چىرايلىق چوكانلارغا قاش ئېتىپ ، ئېرىدىن، توقماقچىسىدىن تازا تاياق يەپ، «نىمە قىلىسەن دورا ئېلىپ، قىززىق نان چاي ئىچىپ بىر دۈملەنسەڭ ساقىيسەن» دەپ خۇتۇنغا بىرىشكە ئۇنمىغان پۇللارنى كوچا-كويلاردا ساماندەك خەجلەپ، ئۆيگە ئايدا بىر قايتىشنى نۇمۇس بىلىپ ئالتە ئاي ئاندىن كىيىن بىر يىللىق رىكورىت يارىتىپ، باشقىلارنىڭ بالىسىغا دادا بۇلۇپ، مەن خەق بىلەن خۇتۇن باشقىلار بىلەن ئويناپ، «شوۋا» كەش دىگەن چىرايلىق نام ئالدىم.

3.باشقا تەرەپلەردە:

    قىمارخانا، ماجاڭخانىلاردىن گاڭسا-جىسا بولۇپ، «يوقال» دەپ كۆتۈمگە تىپىپ گەجگەمدىن سۆرەپ  قوغلاپ چىقارمۇغىچە قوپماي،مائاش تۈگۈل «شىنيۇڭكا»، «جەزخو» چىلارغىمۇ گەندەنگىچە بۇغۇلۇپ، بارلىق قەرز ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى راۋا كۈرۈپ «سولامچى» دىگەن چىرايلىق نام ئالدىم.
       دىمەك مەن بۇ بىر يىلدا ماڭا ئوخشاش ھايۋان سۈپەت ئىشەكلەردەك يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان بىردەكلكنى ساقلاپ باشقىلارغا قارىغاندا «ئالەمشۇمۇل» شەرەپ ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈم. ھەم بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇ پېتى ئاداققىچە ماڭىمەن.  
     ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار مېنى كۆرگەن ھامان بەش مىتىر تاشلاپ ماڭىدىغان، مەن قەرىز ئىگىلىرنى كۆرسەم 50مىتىر تاشلاپ ئۈركۈيدىغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتىم. شۇڭا بارلىق مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەليەتتىن ئىزلەش پىرىنسىپى، ئادىللىق پىرىنسىپى بويىچە دىمۇكىراتىيىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ بۇ يىللىق ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىم ۋە نەتىنجەمگە ئاساسەن ماڭا « مۇنەۋۋەر ئىشەك» نامىنى بىرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن.

  مەن باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ماڭا بەرگەن « مۇنەۋۋەر ئىشەك  » باھاسىغا قوشۇلىمەن.

2011.يىلى 12.ئاينىڭ 31. كۈنى
ئىمزا : دۆت
تامغا


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1193
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 15:09:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       دۇرۇس، ھەر بىر ئادەم 2012- يىلغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەن 2011- يىلى نىمە ئىشلارنى قىلدىم؟ دەپ ئۆزىگە سۇئال قويۇپ، ئوبدان ئويلىشى كېرەك.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 17:35:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،ھەربىر قەدىمىمىزگە جاۋاپ بىرىش ئۇرنىدا تۇرايلى.ۋاقىت بىزدىن زارلىنىپ قالمىسۇن.


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:04, Processed in 0.070957 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991