بالىلار مەسئۇلىيەتچان ئاتىلارغا، پەزىلەتلىك ئانىلارغا مۇھتاج
بالا تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭ بالىسى . ئۇنى ئەقىللىق ، ياراملىق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق قىلىپ تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش ھەر بىر ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى ھەم مەجبۇريىتى . شۇڭا ھەر قانداق بىر ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ ياراملىق چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشى ، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىدە ئۈلگە بولۇشى ، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا يامان تەسىر بېرىدىغان سۆز – ھەركەتلەردە بولماسلىقى لازىمدۇر .
بالىلار ياراملىق ، ئەقىللىق چوڭ بولسا ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۈمىد – ئارمانلىرى چېچەك ئېچىپ ، تارتقان جاپا – مۇشاققەتلىرى بىراقلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ. لېكىن جەمىئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالا تەربىيەلەشتىكى كەمتۈكلىكى ، خاتالىقى ۋە نامۇۋاپىقلىقى بىلەن جەمئىيەتكە بىر تۈركۈم كېرەكسىز تەييارتاپلارنى يۈك قىلىپ بەرمەكتە . بۇ ھەر قانداق بىر ۋىجدان ئىگىسىنى ئەنسىرەتمەكتە ، چۆچۈتمەكتە . شۇنداق ،زامانىۋىلىشىش دولقۇنىدا ئەنئەنىۋىي ئىلغار مەدەنىيىتىمىز ، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئېغىر بوھرانغا دۇچ كەلدى. پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى نۇرغۇن قېتىملىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ، ئىسسىق-سوغۇق ، بوران-چاپقۇنلارنى يېڭىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۇسۇللىرىمىزمۇ پاجىئەلىك خىرىستىن مۇستەسنا بولالمىدى. بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئېسىل مەدەنىيەت ،گۈزەل ئەخلاقىي –پەزىلەت ، قەيسەر روھ بىلەن سۇغىرىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۈمىد-ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېغىشلايدىغان ئاتا-ئانىلار كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ ، بالىلارنىڭ ياراملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەل قارايدىغان ئاتا-ئانىلار كۈنسىرى كۆپەيدى. ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار باركى ، ئۇلارنىڭ روھىنى نادانلىقنىڭ توپا-چاڭلىرى قاپلىۋالغاچقا ،ئۇلار رېستۇران، قاۋاقخانا ، بەزمىخانىلاردا ئالدىراش ، قىمار سورۇنلىرىدا قاتىلاڭ، قاتار چايلاردا ۋە مودا قوغلىشىش يولىدا پاي-پېتەك بولۇپ يۈرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قاتار چايلارغا ۋاختى كۆپ، بالىلىرى بىلەن سىردىشىش ،مۇڭدىشىشقا ۋاقتى ئاز؛ قۇرۇق گەپ سېتىشقا ، غەيۋەت شىكايەت قىلىشقا ۋاقتى بار، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشگە ،كىتاب ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ۋاقتى يوق؛ رېستۇرانلاردا يەپ – ئىچىشكە ، قاتار چاي ، ئولتۇرۇشلارغا بېرىشقا ۋاقتى ۋە پۇلى بار ، بالىلىرىنى كىتاپخانا، كۇتۇپخانىلارغا ئېلىپ بېرىشقا ۋاقتى يوق؛ قاۋاقلاردا ئولتۇرۇپ ئادىمىيلىكتىن ھايۋانىلىققا ئۆزگىرىشىدە ۋاقتى بار ، بالىلىرىنى باغچىلارغا ئاپىرىپ كەڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرنى تاماشا قىلدۇرۇشقا ، كىتاپخانىلارغا ئاپىرىپ ، ئۇلارغا ئەھمىيەتلىك كىتاپلارنى ئېلىپ بىرىپ ، زېھنى - قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ۋاقتى ۋە پۇلى يوق ؛ تۇتۇرۇقسىز، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ۋاقتى بار ، بالىلىرىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشكە، چۆچەك ئېيتىپ بېرىشكە ۋاقتى يوق.
ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ ، بالىلىرىغا مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنە تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈپ ، ئۆز يۈرەك پارىلىرىنىڭ قەلبىنى ۋىجدان ، غورۇر ، ئېتىقاد بىلەن سۇغارغان ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك ، قەھرىمانلىق ، ئىنساپ – دىيانەت ئۇرۇقىنى چاچالىغان ئاتا – ئانىلارلا روھى ئويغاق، ئىدىيىسى ساغلام ، يىراقنى كۆرەر ، لاياقەتلىك ئاتا – ئانىلاردۇر ؛ بالىلىرىنى ۋەتەن ،مىللەتكە ياراملىق ،ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق قىلىپ تەربىيەلەشنى ۋىجدانى بۇرچۇم ھەم قەرزىم دەپ بىلىدىغان ئاتا-ئانىلارلا بالىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالايدىغان ئاتا-ئانىلاردۇر؛ بالىلىرىنىڭ كېچىكىدىنلا ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغان ، ئېسىل پەزىلەتلىك ، ئاخلاقلىق، پاك-دىيانەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ، ئەخلاق-پەزىلىتىگە ،شەرمى-ھايالىق ، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇشىغا ، يۈرۈش-تۇرۇشىغا مەسئۇل بولغان ئاتا-ئانىلارلا بالىلىرىنىڭ بەختىنى ۋەتەننىڭ ، مىللەتنىڭ بەختى دەپ بىلىدىغان روھى ئويغاق ئاتا-ئانىلاردۇر.
بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن ، بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە سەل قارىغان ئاتا-ئانىلار لاياقەتسىز، ساپاسىز ئاتا-ئانىلاردۇر. بۇنداق ئاتا-ئانىلار « مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەپكار » لىرىدۇر. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ مەسئۇلىيەتسىز، ئۆزبېشىمچى ، ھارام تاماق، قىزىل كۆز، تەييار تاپ ، مۇھەببەت-نەپرىتى ئايدىڭ ئەمەس ،يۇمىلاق تاۋۇز چوڭ بولىدۇ. بۇنداق بالىلار ئاقىۋەتتە زېمىن ئۈچۈن ئوشۇقتىن –ئوشۇق يۈك، خەلق ئۈچۈن پۇتلى-كاشاڭ، كۆيدۈرگە، مىللەت ئۈچۈن ئاپەت ،ھاقارەت بولىدۇ. ناباپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قىلغان تەربىيىسىمۇ ناباپ بولىدۇ. ناباپ تەربىيىدە چوڭ بولغان بالىلار ناباپنىڭ نابىپى بولىدۇ. شۇڭا سىز بالا تېپىشنى بىلىپ ، تەربىيەلەشنى بىلمىسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى مەن << دادا >> دەپ ئاۋارە بولماڭ ، سىز بالا تۇغۇشنى بىلىپ ، تەربىيەلەشنى بىلمىسىڭىز مەن << ئانا ! >> دەپ ئاغزىڭىنى تاتلىق ئېتىپ << ئانا ! >> دېگەن مۇقەددەس نامغا داغ چۈشۈرمەڭ . سىز ھەقىقىي دادا ، ھەقىقىي ئانا بولماقچى بولسىڭىز ئۆز مەسئۇلىيتىڭىزنى تونۇپ ، ئۆز قەدىرىڭىزنى ئادا قىلىپ ، روھىي ساپايىڭىزنى ئۆستۈرۈپ ، ۋىجدانىڭىزنى مۇستەھكەملەپ ، ئېتىقادىڭىزنى ساپلاشتۇرۇپ ، ئۆزىڭىزدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈڭ . سىز شۇ چاغدىلا << ئادەم >> نىڭ دادىسى ، << ئادەم >> نىڭ ئانىسى بولالايسىز .
شۇڭا ئاتا-ئانا بېشىنى سىلكىۋېتىپ ، تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت ، ئېتىقاد جەھەتتىكى خاسلىقلارنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ ، ئۇلارنى تىرىشچان، جاسارەتلىك بولۇشقا يىتەكلەشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىشى كېرەك. دوستۇم ئاتا-ئانىلىق قىممىتىگە داغ چۈشۈرىدىغان تۇزكولۇققا يول قويماڭ، مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەت ھەم بۇرچىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. شۇنداق قىلسىڭزلا مەسئۇلىيەتچان ئاتا،پەزىلەتلىك ئانا بولالايسىز.