يامانيار يېزىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى
يامانيار يېزىسى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىگە، قىزىل دەرياسى بىلەن پەيزاۋات دەرياسىنىڭ ئوتتورىسىغا، يېڭىشەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ 26.5كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان. شەرقتە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل يېزىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي شىمالدا ياندۇرما يېزىسى بىلەن، جەنۇبتا پەيزاۋات دەرياسىنى پاسىل قىلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى بىلەن، شىمالدا كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاققاش، يېڭىئۆستەڭ يېزىلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قەشقەر- يېڭىشەھەر- پەيزاۋات تاشيولى يامانيار يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. يامانيار يېزىسى « ئىككى دەريا » ئارقىلىق قورشىلىدىغان، ئىككى ناھىيە، ئالتە يېزىغا تۇتىشىدىغان جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. يامانيار يېزىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرت بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇ يېزا تەۋەسىدىكى كۆكچى، بايتوقاي ... قاتارلىق يۇرتلارنىڭ نامىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يامانيار 1860- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پەيزىۋات بەگلىكىگە قاراشلىق بىر مەمۇرىي رايون بولغان ھەمدە تارىختا سۇلې مەھكىمىسى، يېڭىشەھەر ئامبىلىغا قاراشلىق بولغان. 1864- يىللاردا شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بىر مەمۇرىي رايون سۈپىتىدە يېڭىشەھەر بەگلىكىگە قاراشلىق بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن تاكى 1972-يىلغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسىنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدە يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بولغان. يامانيار يېزىسىدا كۆكچى، بايتوقاي، گەمىساڭ، سېغىزلىق قاتارلىق يۇرتلار بولغان. 1972- يىلى يامانيار يېزىسى ياندۇرما يېزىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئايرىم يېزا بولۇپ قۇرۇلۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بولغان. يامانيار يېزىسىدىكى يۇرتلار 15 مەمۇرىي كەنت، 1 مەيدانغا ئايرىلغان. قىزىل دەرياسى بىلەن پەيزاۋات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان يامانيار دىيارى ئۆز باغرىدا رابىيە- سەئدىنگە ئوخشاش فېئودالىزم تۈزۈمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇھەببەت مېلودىيەسىنى ياڭراتقان ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ، تارىخىي مۇھەببەت پىداكارلىرىنىڭ مەقبەرىسىنى ساقلاپ ياتقان زېمىن. قوغۇن- تاۋۇز، ئالما، ئانار، ئۈرۈك قاتارلىق مىۋىلىرى مول بولغان قەدىمىي يۇرت. ھازىر يېزا تەۋەسىدە 15 كەنت، 80 مەھەللە، ئومۇمىي نوپۇسى 17 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يامانيار يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز قاتارلىق ئۈچ مىللەت بار.
《رابىيە- سەئدىن 》 مازىرى
《رابىيە- سەئدىن》 مازىرى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى سۇبھاناللا كەنتىنىڭ 2- مەھەللىسىدىكى 《چاتاق مازار》نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ مازار يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىن 8.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. مازارنىڭ شەرق تەرىپىدە ئائىلىلىك، غەرب تەرىپى ئازنا مەسچىت، جەنۇب تەرىپى قەبرىستانلىق ۋە يول، شىمال تەرىپى قەدىمىي تەلۋىچۈك دەرياسى. بۇ مازار سۇبھاناللا كەنتىدىكى چوڭ يول ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي پاراللېل ″19-″18′21°39، شەرقىي مىردېئان ″25-″24′18°76 قا توغرا كېلىدۇ.
《رابىيە- سەئدىن》 مازىرى يەنە 《چاتاق مازار》،《قوشماق مازار》دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مازاردا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن رابىيە بىلەن سەئدىن – تارىختا ئۆتكەن ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىسىنىڭ سۇبھاناللا كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن.
19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى، مۇتەپەككۇر شائىر، رابىيە – سەئدىن ياشىغان تارىخىي دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن شائىر ئابدۇرەھىم نېزارىنىڭ شۇ دەۋردە يازغان《رابىيە- سەئدىن》 ناملىق مەشھۇر تارىخىي داستانى، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، تەتقىقاتچى، تالانتلىق شائىر ئەھمەد زىيائىنىڭ 1943- يازغان《رابىيە- سەئدىن》 ناملىق ئوپېراسى، 1985- يازغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك《رابىيە- سەئدىن》ناملىق تارىخىي داستانى، دەۋرىمىزدىكى تالانتلىق دىرامماتورگ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىيلار يازغان《رابىيە- سەئدىن》ناملىق دىراممىلاردىكى مەلۇماتلار، ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەر ۋە رابىيەنىڭ ھېلھەم مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ كەلگەن ھايات تۇققانلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، رابىيە تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ بويىدىكى سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت گۈزەل بوستانلىق بولغان سۇبھاناللادىكى ياقۇپباي ئائىلىسىدە، سەئدىن كەمبەغەل دېھقان ئىبراھىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۆز ئارا قۇرداش بولغان رابىيە بىلەن سەئدىن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، شۇ كەنتتىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىپ، مەڭگۈلۈك جۈپ بولۇشقا ئەھدە قىلىشقان. ئۇلارنىڭ پاك مۇھەببىتىدىن خەۋەر تاپقان ئىبراھىم ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ياقۇپباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزگەن. بىراق، ياقۇپباي ئىبراھىمنىڭ ئەلچىلىرىنى رەت قىلىپ، رابىيەنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە نالە- زارىغا قارىماي، تېخىمۇ كۆپ يەر- سۇ ۋە ئابروي- ئاتاققا ئېرىشىش نىيىتىدە، رابىيەنى يۇرت بېگى جابىرغا بەرمەكچى بولغان. مۇرادىغا يېتەلمىگەن رابىيە بىلەن سەئدىن باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تۇتۇلۇپ قالغان. پاك ئىنسانىي تۇيغۇسى خورلانغان، چىن مۇھەببىتى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا ئۇچرىغان، ياۋۇزلار تەرىپىدىن قىينالغان سەئدىن رابىيەنىڭ پىراقىدا مەجنۇن بولۇپ، ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە لەختە- لەختە قان يۈتۈپ، رابىيەنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغان ھالدا سۇبھاناللادا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن. ياقۇپباي رابىيەنى مەجبۇرى ھالدا جابىرغا ياتلىق قىلغان بولسىمۇ، رابىيە بۇ تەڭسىز نىكاھقا باش ئەگمەي، جابىرغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەلگەن ھەمدە سىڭلىسى بىلەن بىللە سۇ ئەكېلىشنى باھانە قىلىپ، قەھرىتان قىش بولۇشىغا قارىماي، تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ كاچكۇلىغا ئۆزىنى تاشلىغان. كىشىلەر بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ، پالتا- كەكە، كەتمەن- گۈرجەكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇزلارنى چوقۇپ رابىيەنى ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان. ياندۇرقى يىلى ئەتىيازدا مۇزلار ئېرىگەندە رابىيەنىڭ جەسىتى سەئدىننىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر لايداڭدىن تېپىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك كىشىلەر 《 ئۇلار ھايات چېغىدا مۇرادىغا يېتەلمىدى، ئەمدى تېنى ۋە روھىمۇ بولسا بىر يەردە بولسۇن، روھى ۋىسالغا يەتسۇن 》 دېيىشىپ، رابىيەنىڭ جەسىتىنى سەئدىننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا يەرلىككە قويۇپ، بىر جۇپ قەبرە ياسىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر- بىرىگە يانداش ياسالغان بۇ جۇپ قەبرىنى 《قوشماق مازار》دەپ ئاتىغان. مازارنىڭ دەسلەپكى ياسالغان ۋاقتى 1830- يىللارغا توغرا كېلىدۇ. مازار دەسلەپتە لاي خىش قۇرۇلمىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئادىتى بويىچە ياسالغان.بۇ مازارنىڭ شەرق تەرىپىگە سەئدىننىڭ قەبرىسى، غەرب تەرەپكە رابىيەنىڭ قەبرىسى ياسالغان. قەبرە ياسىلىپ بىر يىلدىن كىيىن جۇپ قەبرىنىڭ ئوتتورىسىدىن بىر تۈپ يۇلغۇن ئۈنۈپ چىقىپ، شاخلىرى بىر- بىرىگە چىرماشقان ھالدا ئۆسكەن. ياندۇرقى يىلى بۇ يۇلغۇننىڭ بىر تەرىپى قىزىل، يەنە بىر تەرىپى ئاق رەڭدە ئېچىلغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ مازارنى 《چاتاق مازار》دەپ ئاتاشقان. شۇندىن باشلاپ رابىيە- سەئدىن مەقبەرىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلانغان. خەلق《رابىيە- سەئدىن》مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىشنى تەرك ئەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئاپەتلىك 《مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى》مەزگىلىدىكى 《تۆت كونىنى يوقىتىش》 ھەرىكىتىدە 《رابىيە- سەئدىن》مازىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يۇلغۇنمۇ كېسىپ تاشلانغان. كىيىنچە يۇلغۇن قايتا ئۆسۈپ چىققان بولسىمۇ، بىر خىللا ئېچىلغان. 1984- يىلى 10- ئايدا يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قارار ماقۇللاپ، 《رابىيە- سەئدىن》مازىرىنى 《ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى》دەپ ئەنگە ئالغان ۋە 1985- يىلى 《رابىيە- سەئدىن》مازىرىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ چاغدا مازارنىڭ گۈمبىزى پىششىق خىش بىلەن تۇرغۇزۇلغان، قورشاۋ تېمى 2.7 × 3.2 ، قورشاۋ تام ئىچىدىكى قەبرە بۆشۈكى ئېگىزلىكى 35 سانتېمىتىر، يۆنىلىشى جەنۇبتىن شىمالغا بولۇپ، مازارنىڭ قۇرۇلۇشى قويۇق ئۇيغۇر قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا ئىگە قىلىنغان.
《رابىيە- سەئدىن》رىۋايىتى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، تىللاردا داستان بولۇپ بۈگۈنگىچە سېھرىي كۈچىنى يوقاتماي كەلدى ھەمدە 2009- يىلى 《 ۋىلايەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئاغزاكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى》 قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
《رابىيە- سەئدىن》مازىرى كونىراپ، ئەتراپىدىكى قورشاۋ تاملار ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، 2011- يىلى يازدا قايتا ياسىلىشقا باشلىدى.
يامانيار يېزىسىدىكى بىر قىسىم يەر- جاي ناملىرى
يامانيار ۋە كونا يامانيار
يامانيار دېگەن نامنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇنداق بىر تارىخىي رىۋايەت بار: زامانىي ئەۋۋەلدە، ھازىرقى يامانيار تەۋەسى كەڭ كەتكەن قېلىن جاڭگاللىق ئىكەن. يۇرت تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ سۈيى تولىمۇ مول بولۇپ، يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كەلگەن چاغلاردا جاڭگاللىقنىڭ ھەممە يېرىنى سۇ بېسىپ كېتىدىكەن. يۇرتنىڭ ئايىغىدا بىر سۇ ئايرىش توسمىسى بولۇپ، ھەر يىلى كەلكۈن كەلگەندە بۇ توسمىنى بۇزۇۋېتىدىكەن. بۇ توسمىنىڭ ئورنى دەل ھازىرقى ياندۇما يېزىسىنىڭ قىزىلبايراق كەنتى ( 3-كەنت) بىلەن يامانيار يېزىسىنىڭ كونا يامانيار كەنتى ( 15- كەنت) تۇتىشىدىغان چىگرا ئورۇنغا ( قەشقەر- پەيزاۋات تاشيولىنىڭ يامانيار يېزىسىغا قايرىلىدىغان ئايلانمىسىنىڭ 500 مېرىتچە غەرب تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ بۇ جايدىن ئېقىپ ئۆتكەن ئېقىنىنىڭ ئىزناسى ھېلھەم بار.) ھەر يىلى كەلكۈن پەسلىدە خەلق توسمىنى ئوڭشاپ، كەلكۈن بىلەن ئېلىشىپ، تىنماي ئىشلەپ ھالى قالمايدىكەن. شۇڭا كىشىلەر كەلكۈن كەلسىلا《ھېلىقى يامان يارغا ئىشلەيمىز ، ھەي جانغا زۇلۇم يامان يار》دەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ توسمىنىڭ نامى 《يامان يار》 دەپ ئاتالغان. بۇ يارنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان جاي ( ھازىرقى يامانيار يېزىسىنىڭ 15- كەنتى) نىڭ نامىمۇ بۇ توسمىنىڭ نامى بىلەن《يامانيار》 دەپ ئاتالغان.
بۇ يېزىدا ياشىغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئەينى چاغدا يامانيار نامى بىلەن بۇ جاي قەشقەر شەھرى بىلەن پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى مۇساپىنىڭ ئوتتورا بۆلىكى بولۇپ، قەشقەر- پەيزاۋات تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 72 كېلومىتىر، بۇ جاي مۇشۇ تاشيولنىڭ 30-32 كېلومىتىر بۆلىكى ئەتراپىغا جايلاشقان. بۇ جاي قەشقەر بىلەن پەيزاۋات ئارىسىدىكى موھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ جايدا يېقىن ئەتراپتىكى يۇرتلارنى باشقۇرىدىغان موھىم ئورۇنلار بولغان. ( يېڭى جوڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ يەردە جىڭساجۈي بولغان. ) بۇ يەردە ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى بازار، بازار ئەتراپىدا خېلى كۆپ دەڭ- سارايلار بولغان. بۇ يەردىكى دەڭ- سارايلارغا چۈشكەن يولۇچىلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يۇرتلاردىن كەلگەن بازارچىلار قوشۇلۇپ، بۇ بازارنى ئىنتايىن ئاۋاتلاشقان. شۇنىڭ بىلەن، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،《يامانيار》 دېگەن بۇ نام يىراق- يېقىنلارغا تارقالغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كىيىن تاكى 1972- يىلغىچە 《يامانيار》نامى بىلەن ئاتالغان بۇ يۇرت ۋە ھازىرقى يامانيار يېزىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇرت- مەھەللىلەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ياندۇما رايونى ۋە ياندۇما يېزىسىنىڭ مەمۇرى تەۋەلىكىدە بولغان، 1972- يىلى ھازىرقى يامانيار يېزىسىغا تەۋە جايلار ، ياندۇما يېزىسىنىڭ مەمۇرى تەۋەلىكىدىن ئايرىلغان ھەمدە يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق بولغان. شۇ چاغدا يىراق – يېقىنغا تونۇشلۇق بولغان “يامانيار》 دېگەن نام يېڭى قۇرۇلغان يېزىنىڭ نامى قىلىنغان ھەمدە بۇ يېزىنىڭ نامى يامانيار دەپ ئاتالغان. ئەسلىدىكى يامانيار تەۋەلىكى يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 15- كەنتىگە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە كونا يامانيار دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ 15- كەنت1-2- مەھەللىسى ھازىرمۇ كونا يامانيار دەپ ئاتىلىدۇ.
بايتوقاي
بايتوقاي- يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزا تەۋەسىدىكى تەلۋىچۈك، پەيزاۋات دەريالىرى ئارىسىغا جايلاشقان يۇرت نامى، بۇرۇنقى زاماندا ئىككى دەريا بويىغا جايلاشقان بۇ جايدىكى زېمىن مۇنبەت بولغاچقا قويۇق چاتقاللىق، ئورمانلىقلار پەيدا بولغان. ھەمدە بۇ جاينىڭ بىر قىسىم يەرلىرى چارۋا باقىدىغان توقاي ( يايلاق دېگەن مەنىدە ) بولغان. بۇ جايدىكى چاتقاللىق، ئورمانلىقلار ۋە توقاينىڭ ھەممىسى شۇ يۇرتتىكى چوڭ بىر بايغا مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جاي دەسلەپتە باينىڭ توقىيى، كىيىنچە باي توقاي دەپ ئاتىلىپ قالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 7-، 8-، 9-، 15- كەنت تەۋەسىدىكى جايلار بايتوقاي يېزىسى دەپ ئاتالغان. يامانيار يېزىسى ئايرىم يېزا بولۇپ قۇرۇلغاندىن كىيىن، بايتوقاي يېزىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھازىر15-كەنىت3-4- مەھەلىسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
چوكانيار
يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 10 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بىر جاينىڭ نامى. بۇ جايدىكى كۆۋرۈكمۇ 《چوكانيار كۆۋرۈكى》 دەپ ئاتىلىدۇ.
يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 7-كەنت تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريا ئېقىنىنىڭ گەمىساڭ 5- كەنت بىلەن تۇتىشىدىغان دائىرىسىدە ئىنتايىن يامان بىر توسما بولغان. كەلكۈن ۋە يامغۇر پەسلىدە بۇ يار كۆپ قېتىم يار ئېلىپ كېتىپ خەلق دائىم ئۇنى رېمونت قىلىش بىلەن ئاۋارە بولغان. بىر يىلى بۇ توسما يەنە يار ئېلىپ كەتكەن. كىشىلەر بىر مەزگىل خېلى ھەپىلىشىپمۇ يارنى ئېتەلمىگەن، ئەتراپتىكى يۇرتلارغا سۇ چىقماي خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ئىگىلىكى خەۋپكە دۈچ كەلگەن. ئاخىرىدا يەرلىك خەلق مەسلىھەتلىشىپ، يەرلىك ئەقىدىسى بويىچە، تۇختى، تۇرسۇن، تۇردى...... دەپ ئىسمى بار يەتتە يىگىتىنى تۈرمەل ئارىسىغا قوشۇپ ئىنتايىن يوغان بىر تۈرمەل ياساپ، بۇ يارغا باسقان. شۇنىڭ بىلەن يار ئېتىلگەن. يار ئېتىلگەندىن كىيىن، يارنى ئېتىشكە قاتناشقان ئەمەلدارلار ۋە خەلق خۇشاللىقتىن بەزمە قىلىشقان.
يارغا بېسىلغان بۇ يەتتە يىگىتنىڭ بەشىنىڭ ئايالى بولغاچقا، بۇ چوكانلار ئەرلىرىنىڭ يارغا بېسىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى قۇتقۇزماقچى بولغان ھەمدە بۇ بەش چوكان تۈرمەلنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەپىلەشكەن. ئۇلار توپتوغرا بىر كېچە ھەپىلەشكەن بولسىمۇ ئەرلىرىنى قۇتقۇزالمىغان. لېكىن كېچىچە قېيىپ توپلىنىپ ئۇلغايغان سۇ توسمىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىدىن يەنە يار ئېلىپ ئۇلارنى ئېقىتىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يار« چوكانيار » دەپ ئاتالغان.«شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا 1934-يىلى 2–ئاينىڭ 4-5-كۈنلىرى «چوكانيار»دا خوجىنىياز ھاجى توڭگانلار بىلەن جەڭ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
گەمىساڭ
گەمىساڭ - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 10.7 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 5-، 6- كەنتلىرى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ نام توغرىسىدا تەتقىقاتچى ئادىل تۇران تۈزگەن《 قەشقەر مەجمۇئەسى》نىڭ《قەشقەر يەر- جاي ناملىرى》قىسمى (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010- يىل 4– ئاي 1- نەشىرى) دە بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ جايدىكى كىشىلەر ئاشلىقنى گەمىدە ساقلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتىلىپ قالغان》دېگەن بىر مەلۇمات بار. مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. 《گەمىساڭ》 نامى بىلەن ئاتالغان بۇ جايغا تەۋە ئىككى كەنىت ئىلگىرى ئىككى خىل نام بىلەن ئاتالغان. 6- كەنتنىڭ ئىلگىرىكى نامى 《گەمە》 دەپ ئاتالغان، ھازىرمۇ كىشىلەر بۇ كەنتنىڭ نامىنى 《گەمە》 دەپ ئاتايدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى گەمە ئۆيلەردە ئولتۇرغاچقا، بۇ كەنتنىڭ نامىنى 《گەمە》 دەپ ئاتاشقان. 5- كەنتنىڭ ئىلگىرىكى نامى 《ساڭ》 دەپ ئاتالغان، ھازىرمۇ كىشىلەر بۇ كەنتنىڭ نامىنى 《ساڭ》 دەپ ئاتايدۇ. كىيىنچە بۇ ئىككى كەنتنى بىرلەشتۈرۈپ ئاتاش زۆرۈرىيىتى بىلەن، ئىككى كەنتنىڭ نامى بولغان《گەمە》بىلەن《ساڭ》دېگەن ئىسىملار بىرلەشتۈرۈلۈپ《گەمە ساڭ》داپ ئاتالغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ سۆزدە فونتېكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 《گەمە ساڭ》دىگەن ئاتالغۇ تەركىبىدىكى 《ئە》 تاۋۇشى《ئى》 غا ئاجىزلىشىپ، 《گەمىساڭ》غا ئۆزگەرگەن.
كۆكچى
كۆكچى - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىدىن 5 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان يۇرتنىڭ نامى. يامانيار يېزىسى ئايرىم يېزا بۇلۇپ قۇرۇلغانغا قەدەر ھازىرقى 10-، 11-، 12-، 13-، 14- كەنتلەر كۆكچى يېزىسى دەپ ئاتالغان. بۇ يېزىدىكى خەلق قوغۇن تېرىشقا ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، ئاساسلىقى ئاق كۆكچى، قارا كۆكچى، قوتۇر كۆكچى قاتارلىق كۆكچى قوغۇنلىرى تەمىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن يىراق- يېقىنغا تونۇلغان. شۇڭا بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى بۇ قوغۇن نامى بىلەن كۆكچى دەپ ئاتالغان. يامانيار يېزىسى ئايرىم يېزا بۇلۇپ قۇرۇلغاندىن كىيىن، ھازىرقى 11-، 13- كەنتلەر كۆكچى دەپ ئاتالغان.
خادا تىك
خادا تىك - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىدىن 1.1 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان ، ئىلگىرى بۇ جايدا بىر خادا تىكلەپ قويۇلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتىلىپ قالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 10- كەنتى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
خانىقا
خانىقا - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىدىن 6.3 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان. 100 يىل ئىلگىرى بۇ جايدا سوپىزىمچىلار جەرە- ساما سالىدىغان، دۇئا- تىلاۋەت قىلىدىغان بىر خانىقا بولغانلىقى، خانىقا جايلاشقان يۇرت 《خانىقا》 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. بۇ يېزىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ خانىقانىڭ ئورنى ھازىرقى يامانيار يېزا 1- كەنتنىڭ كەنت قوروسىنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ خانىقا يۇرتتىكى سوپىزىم تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشغا ئەگىشىپ كىيىنكى مەزگىللەردە چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، خانىقا》 دېگەن نام جاي ئىسمى بولۇپ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 1- كەنت ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
داۋزا قۇم
داۋزا قۇم - ئەسلى ئاتىلىشى 《دەرۋازا قۇم》بولۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىدىن 3 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان، يامانيار يېزىسى بىلەن يېڭىئېرىق يېزىسى چىگرىسىغا جايلاشقان ئورۇن نامى، بۇ جايدا قۇم دۆۋىللىرى بار بولۇپ، يامانيار يېزا خەلقى بىلەن يېڭىئېرىق يېزا خەلقى ئارىسىدىكى بۇ يەردىن ئۆتىدىغانلار ئېگىز قۇم ئارىسىدىكى يولدىن ئۆتىدىغانلىقى، بۇ يول قۇم دۆۋىللىرى ئارىسىدىكى تەبىئىي دەرۋازا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جاي 《دەرۋازا قۇم》 دەپ ئاتىلىپ قالغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ سۆزدە فونتېكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 《ە》 تاۋۇشى《ئا》غا ئۆزگەرگەن ھەمدە 《ر》،《ئا》 تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن《داۋزا قۇم》دەپ ئاتالغان. ( بۇ يۇرتتىكى كىشىلەر كىرىپ- چىقىدىغان ئورۇننى بىلدۈرىدىغان《دەرۋازا》دېگەن سۆزنى ھېلھەم 《داۋزا》دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. )
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ جايدىكى قۇم بارخانلىرى ئشلىتىلىپ تۈگىگەن بولسىمۇ، بۇ جاي ھازىرغا قەدەر 《دەرۋازا قۇم》 دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
سايغانلىق
يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 1-، 2-، 4-، 5-، 7-، 8-، 15- كەنىتلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان، قەشقەر- پەيزاۋات تاشيولىنىڭ يامانيار يېزىسىنى 15- كەنتى بىلەن 5- كەنتىنىڭ ئوتتورىسىدىكى تەخمىنەت يەتتە كېلومىتىر بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان 30 كۇۋادىرات كېلومېتىردىن كۆپرەك كۆلەمدىكى كەڭ كەتكەن بىر جاڭگاللىق بار بولۇپ، بۇ جاڭگاللىقتا 《سايغان》 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوت- چۆپ كۆپ بولغاچقا، بۇ جاڭگاللىق《سايغانلىق》 دەپ ئاتالغان. ئىلگىرى بۇ تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بۇ جاڭگاللىقنىڭ سۈيى مول بولغاچقا ھەمدە جاڭگال ئىچىدە 《ئايدىڭكۆل》 دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆل بولغاچقا، ئوت چۆپ خېلىلا مول ھەم بولۇق ئىكەن. شۇڭا،《سايغانلىق》 يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 1-، 2-، 4-، 5-، 7-، 8-، 15- كەنتلىرىدىكى خەلق چارۋا باقىدىغان، ئوت- چۆپ يىغىدىغان ئورۇن بولۇپ كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يۇرىتتا سۇ قىس بولۇپ ، 《ئايدىڭكۆل》 قۇرۇپ كەتكەن، بۇ جاڭگاللىقنىڭ يەرلىرى بارغانسىرى شورلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ جاينىڭ《سايغانلىق》 دېگەن ئىسمى ساقلىنىپ قالغان .
سۇبھاناللا
سۇبھاناللا - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 6.1 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان كەنت نامى، سۇبھاناللا - 《خۇدادىن پاناھ تىلەش》 دېگەن مەنىدە. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 14- كەنتى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
بۇ نام توغرىسىدا يەرلىك خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
تەلۋىچۈك دەرياسى بويىغا جايلاشقان بۇ جاي ئىلگىرى زېمىنى مۇنبەت يەر ئېكەن. بۇ جايغا ئەڭ دەسلەپتە گېرىگىت( بۇ ناممۇ ئېنىق ئەمەس، پاكىستاندىكى 《گىرىگىت》 بولۇشىمۇ ئىلگىرىكى《كىنگېت》( ھازىرقى كۇچا) بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.)تىن تۆت ئائىلىلىك كۆچۈپ كەلگەن. خان خوجا پادىشاھىم ( بۇ كىشىنىڭ كىملىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس) يۇرت ئارىلاپ بۇ جايغا كەلگەندە، بۇ تۆت ئائىلىلىك ئىچىدىكى رېھىم بوۋاي ئىسىملىك بىر كىشىنى《سۇبھاناللا، سۇبھاناللا》 دەپ توختىماي تەسبىھ ئېيتىپ كېتىۋاتقان ئۇچراتقان. ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان خان خوجا پادىشاھىم رېھىم بوۋاينىڭ كىملىكىنى، بۇ يۇرتنىڭ نامىنى سورىغان. رېھىم بوۋاي ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ رېھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ يۇرتقا تېخى يېڭىلا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، يۇرتقا تېخى ئىسىم قويۇلمىغانلىقىنى ئېيىتقان. شۇنىڭ بىلەن خان خوجا پادىشاھىم ئۆزىنىڭ نام- ئەمەلىنى ئېيىتقاندىن كىيىن، مەن بۇ يۇرتقا قەدەم بېسىپلا 《سىلىنىڭ توختىماي ‹سۇبھاناللا، سۇبھاناللا› دەپ ئاللاغا تەسبىھ ئېيتىپ يۈرگەنلىكلىرىنى كۆردۈم ھەم ئىشىتتىم. شۇڭا بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى ‹سۇبھاناللا› بولغاي 》 دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ ئىسمى 《سۇبھاناللا》 دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ.
گەرچە بۇ بىر رېۋايەت بولسىمۇ، مۇشۇ يۇرتنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىردىنبىر ئۇچۇردۇر. شۇڭا، بۇ نامنىڭ دىنىي تۈسى قويۇق بولسىمۇ، يەر – جاي ناملىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالاھىدلىكى نوقتىسىدىن ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، ئەلۋەتتە.
سۇپا دۆڭ
سۇپا دۆڭ - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىدىن كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئورۇن نامى، قىزىل دەريانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سۇپىدەك چوقچىيىپ تۇرغان كەڭ كەتكەن ئىدىرلىق بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 2- كەنتىنىڭ بىر جاي ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
سېغىزلىق
سېغىزلىق - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىدىن كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئورۇن نامى، كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا جايلاشقان، يېرى مۇنبەت بۇ يۇرتنىڭ زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى سېغىز تۇپراق بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. يامانيار يېزىسى ئايرىم يېزا بولۇپ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ( 1960- يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر) يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 1-، 2-،3- كەنتلىرى 《سېغىزلىق يېزىسى》( ياندۇما رايونىنىڭ 1- يېزىسى ) دەپ ئاتالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 1-، 2- كەنتلىرى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
شىكەرباغ
شىكەرباغ - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 14 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان كەنت نامى، ئىلگىرى بۇ كەنت تەۋەسىدىكى بۇ يەلەرنىڭ تەبىئىي تۇز مىقدارى كۆپرەك ئىكەن. ( ھازىرمۇ بۇ كەنت تەۋەسىدىكى بەزى يەرلەردە شور تۇز كۆپرەك. ) شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ جايدىكى تېرىشچان خەلق جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە بۇ جايدا خېلى كۆپ باغ ئەھيا قىلغان ئىكەن. بۇ جايدىكىلەر يەنە قوغۇن – تاۋۇزنۇ كۆپ تېرىيدىكەن. يەرلىرىنىڭ تەبىئىي تۇز مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش مەشگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، بۇ جاينىڭ قوغۇن- تاۋۇزلىرى، بولۇپمۇ مىۋىللىرى تاتلىق بولغاچقا، كىشىلەر بۇ جايدىكى باغلارنى شىكەرباغ دەپ ئاتاشقان. كىيىنچە 《شىكەرباغ》دېگەن بۇ نام مۇشۇ جاينىڭ نامى بولۇپ قالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 3 - كەنتى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
قارا جىلغا
قارا جىلغا - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىدىن تۆت كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان كەنت نامى، بۇرۇن بۇ يەر ئەتراپى قاتمۇ -قات ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ كەتكەچكە قورقۇنۇچلۇق كۆرىنىدىغان شۇنداق ئاتالغان. يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 7-كەنتى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئونتاش
ئونتاش - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 8.1 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان كەنت نامى بولۇپ، يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 4- كەنتى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.. بۇ جاي قىزىل دەرياسىنىڭ بىلەن قەدىمىي تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ ئوتتورىسىغا جايلاشقان، قىزىل دەرياسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان 《چوڭ بۇلۇڭ دەرياسى》 بۇ جاينىڭ ئوتتورىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن. بۇ جاي خەلقى دەريا سۈيىدىن موللىقى ۋە باشقا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ دەسلەپتە ئون تاش تۈگمەن ياسىغاچقا، بۇ جاي 《ئون تاش》دەپ ئاتالغان. كىيىنچە كىشىلەر يەنە ئارقا – ئارقىدىن تۈگمەن ياساپ، بۇ جايدىكى تۈگمەن سانى ئاتمىش بەش تاش ئەتراپىغا يەتكەن، ( ئونتاش تۈگمەندە ئوتتوز بەش تاش ئەتراپىدا، بۇ كەنتنىڭ 6- مەھەللىسى دائىرىسىگە جايلاشقان چوڭ بۇلۇڭ تۈگمەندە ئوتتوز تاش ئەتراپىدا بولغان). نەتىجىدە،كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئاققاش، يېڭىئۆستەڭ يېزىللىرى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى ھازىرقى ياندۇما، يامانيار يېزىللىرى، پايزاۋات ناھىيىسىنىڭ شاپتۇل، قىزىلبويى، مىشا يېزىللىرى تەۋەسىدىكى خەلق مۇشۇ جايغا كېلىپ ئۇن تارتىشىدىغان بولغان. تۈگمەن جايلاشقان بۇ جاي بارغانسىرى ئاۋاتلاشقان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈگمەنلەر بارا- بارا يوقالغان بولسىمۇ، بۇ جاي ھازىرغا قەدەر 《ئون تاش》دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-31 19:47