بىر كىچىك قىزچاق بولۇپ، ئۆزىنىڭ چىرايىغا پەقەتلا ئىشەنمەيدىكەن، ئۆزىنى سەت ھېسابلاپ بېشىنى ساڭگىلىتىپلا يۈرۈيدىكەن.
بىر كۈنى بۇ قىزچاق دۇكانغا مارجان سېتىۋالغىلى كىرىپتۇ. ئۇ بىر مارجاننى تاقاپ سىنىغان ئىكەن دۇكان خوجايىنى ئۇنى بەكلا چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز دەپ توختىماي ماختاپتۇ، قىزچاق دۇكان خوجايىنىنىڭ سۆزىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسمۇ يەنىلا ناھايىتتى خۇش بولۇپتۇ. ئۇ دەرھال مارجاننى سېتىۋاپتۇدە بوينىغا تاقاپ، باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ، ھەتتا دۇكاندىن چىققۇچە باشقىلار بىلەن سوقۇلۇپ كەتكىنىگىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. ئۇ مەكتەپكە بارغانىكەن مۇئەللىمى كۆرۈپ <سىڭلىم، سىز بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ يۈرسىڭىز ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنسىز>، دەپتۇ.
بۇ كۈنى قىزچاق نۇرغۇن ئادەمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپتۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭ ھەممىسى مارجاننىڭ تۆھپىسى دەپ ئويلاپ، مارجىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەككە قارىغان ئىكەن، بوينىدا مارجاننىڭ يوقلۇقىنى بايقاپتۇ. ئەسلىدە قىزچاق دۇكاندىن چىققۇچە باشقىلار بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەندىلا مارجان چۈشۈپ قالغان ئىكەن.