كۆرۈش: 11390|ئىنكاس: 12

مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشىڭىز قانچە پىرسەنت؟!(پىسخىكىلىق سىناق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
557
تۆھپە
67
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:30:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشىڭىز قانچە پىرسەنت؟!(پىسخىكىلىق سىناق)



    بىر كۈنى خىزمەتتىن ناھايىتى ھېرىپ –ئېچىپ قايتتىڭىز. ئۇسساپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆيدە بىر تېمىممۇ قايناق سۇ يوقلىقىنى بايقىدىڭىز.سىرتقا چىقىپ ئەكىرمەكچى بولدىڭىز-يۇ،ماگىزىننىڭ يىراقلىقى ئېسىڭىزگە كىرىپ ھورۇنلۇق قىلدىڭىز.يەنىلا قايناقسۇ قاينىتىشنى قارار قىلدىڭىز.قايناقسۇ قاينىتىۋاتقاچ كىرىسلودا ئولتۇرۇپ گېزىت كۆردىڭىز.<<قاينايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى >>دەپ ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا ئۈستەل ئۈستىدە بىر قۇرۇغدالغان مىنرال سۇ بوتۇلكىسىنى كۆرۈپ قالدىڭىز.<<ھەي...دائىم ئىچىپ بولۇپ يىغىشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىمەن>>دەپ بوتۇلكىنى ئۈستەلنىڭ يېنىدا تۇرغان ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاشنى ئويلاپ تۇرغىنىڭىزدا ،سۇ قايناپ كەتتى.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تېلفون كېلىپ قالدى....
        ئىككى تاشنىڭ ئارلىقىدا نېمە جىق ئش بۇ....سىز قايسى تەرتىپ بىلەن بۇ ئۈچ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىسىز؟
ئا:بوتۇلكىنى تاشلاش_تېلفون ئېلىش_گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش
ب:بوتۇلكىنى تاشلاش-گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش_ تېلفون ئېلىش
س: تېلفون ئېلىش -بوتۇلكىنى تاشلاش- گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش
د: تېلفون ئېلىش- گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش - بوتۇلكىنى تاشلاش
ئې: گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش -تېلفون ئېلىش -بوتۇلكىنى تاشلاش
ف: گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش-بوتۇلكىنى تاشلاش -تېلفون ئېلىش
قېنى تورداشلار،جاۋابىڭلارنى ئىنكاس ئارقىلىق يېزىپ بېقىڭلار~ئىنكاس سانى 10غا بارغاندا(مېنىڭكىدىن سىرت) ئاندىن نەتىجىسىنى ئېلان قىلىمەن~~~

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:42:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېلىفۇننى قۇلۇغىمغا قىستىرىۋىلىپ گازنى ئۈچۈرۈپ،ئاندىن بۇدۇلكىنى تاشلايمەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:50:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈپ ، تېلېفوننى ئالغاچ ، بوتۇلكانى تاشلايمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
726
تۆھپە
358
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 13:24:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ گاز ئوچاقنى ئۆچۇرۇپ بۇلۇپ، ئاندىن تېلفۇننى ئۇنىڭدىن، كىيىن بوتولكىنى تاشلايمەن .


دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2950
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 13:38:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ‹ئى › جاۋاپنى تاللىدىم.مەن مۇ گاز ئوچاقنى ئۆچۇرۇپ بۇلۇپ، ئاندىن تېلفۇننى ئۇنىڭدىن، كىيىن بوتولكىنى تاشلايمەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 15:59:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاخىرقىسىنى قىلىمەن، باشقىلار  تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن قايتۇرۇپ ئۇرسام باشقىلارنىڭ موچەنلىرى تېجىلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟
بۇنىڭغا بىرى گاز ئىسراپ بولماسلىق سەۋەب، بىرى ئەخلەتنى ۋاقتىدا تاشلاپ ئۆينى پاكىز تۇتىدىغان ئادىتىم سەۋەب، يەنە بىرى باشقىلارنى چىقىم قىلدۇرماسلىق سەۋەببولامدىكەن-يا؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
شاتۇت
تىللا
198
تۆھپە
60
UID
3220
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 16:40:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدى بىلەن گازنى ئۆچۈرۈپ ، ئاندىن تېلفۇننى ئالىمەن ، تېلفۇندا پاراڭلاشقاچ بوتۇلكىنى تاشلايمەن ... جاۋابىنى تېزراق ........


Rank: 4

تىللا
557
تۆھپە
67
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 23:22:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى 10ئادەم ئىنكاس قايتۇرغاندا ئاندىن جاۋابىنى يوللاي دېگەن، لېكىن قارىسام كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئانچە قىززىقمىغان ئوخشايدۇ،بۇرۇن جاۋاب يازغانلار ساقلاپ قالمىسۇن،يوللىغاچ تۇراي....
ئا:70پىرسەنت
ب:40پىرسەنت
س:40پىرسەنت
د:60پىرسەنت
ئې:50پىرسەنت
ف:30پىرسەنت

قىسقىچە تەھلىل:
ئا:بوتۇلكىنى تاشلاش_تېلفون ئېلىش_گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش
«ئا»جاۋابنى تاللىغانلار:مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز %70.سىز ناھايىتى پىرىنسىپچان ئادەم،باشقىلارنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ مېڭىشنى خالىمايسىز،ئىش قىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى بىلەن قىلىسىز.ئىگىلىك تىكلەش يولى سىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ ،سىزمۇ ھەم ئاسانلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايسىز!بىراق ،تالانتىڭىز بولغان بىلەن چوقۇم ئۆزىڭىز قىلىشنى خالايدىغان،قىززىقىدىغان ئىشنى تېپىشىڭىز كېرەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم ئىزچىل ۋە چىدامچان بولۇشىڭىز كېرەك.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ،تەبىئىيلا نەتىجىلىرىڭىزنىڭ جۇغلانمىسى سىزنى مۇۋەپپىقىيەت يولىغا ئېلىپ ماڭىدۇ!

ب:بوتۇلكىنى تاشلاش-گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش_ تېلفون ئېلىش
«ب»جاۋابنى تاللىغانلار:سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز %40.سىز ئۆز ئالدىغا يالغۇز ھەركەت قىلىدىغانلارنىڭ تىپىدىن،ئەمما «كاللىسىنىڭ بىر ۋېنتىسى كام»دېگەنلەرنىڭ قاتارىدا.(ئەسلى ئەسەردە مۇشۇنداقكەن جۇمۇ.)گەرچە سىز دائىم باشقىلارنى ھەيران قالدۇرسىڭىزمۇ،ئەمما باشقىلار سىزنى پەقەت« غەلىتە» دەپلا ئويلايدۇ.بەزىدە ھەممە ئىشلار كەپلەشكەندە،« ئاندىن نېمىنى قىلىش،ياكى نېمىنى قىلماسلىق كېرەك »توغرىسىدا ئويلىشىسىز.ئەگەر ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز،ئەڭ ياخشىسى پېشقەدەملەردىن مەسلىھەت ئېلىڭ،ھەرگىز يالغۇز قارار چىقارماڭ،مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايسىز.ps:سىز ئىشخانىدىكى دائىم خوجايىندىن تىل ئاڭلايدىغان ئادەم .

س: تېلفون ئېلىش -بوتۇلكىنى تاشلاش- گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش
«س»جاۋابنى تاللىغانلار:مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز %40.سىز «تۇرۇپلا ساراڭلىقى تۇتۇپ قالىدىغان»لاردىن،گەرچە ئادەتتە ناھايىتى پىرىنسىپچان بولسىڭىزمۇ،ئەگەر تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىپ قالسىڭىز،كاللىڭىزغا نېمە كەلسە شۇنى قىلىدىغانلاردىن.بىراق ،سىزنىڭ بۇ «ساراڭ»لىقىڭىز ناھايىتى تەۋەككۈلچىلىك ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى دائىم ئىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلاشمىغاچقا ،مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز بەكمۇ يۇقىرى ئەمەس.  ps:خىزمەتداشلار ئارىسىدا گەرچە سىز تۇرۇپلا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ قالسىڭىزمۇ ،خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسپىتىڭىز ئۇلاردىن يۇقىرىراق.

د: تېلفون ئېلىش- گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش - بوتۇلكىنى تاشلاش
«د»جاۋابنى تاللىغانلار:مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز %60.سىز بىر ئەقىللىق ۋە ئېھتىياتچان ئادەم،شۇڭا تەۋەككۈلچىلىكنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيسىز.ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارغا بەكرەك ماس كېلىسىز،ئەلۋەتتە سىزدە خوجايىن تاپشۇرغان ھەر بىر ئىشنى ئورۇنداش قابىلىيىتى ۋە ئىشەنچ بار.ئەگەر ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز ،ئىشتىن سىرت ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنى تاللاپ قىلىڭ،ھېچ بولمىغاندا قابىلىيىتىڭىزگە تايىنىپ ،كىچىكرەك بولسىمۇ ئۇتۇق قازىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

ئې: گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش -تېلفون ئېلىش -بوتۇلكىنى تاشلاش
«ئې»جاۋابنى تاللىغانلار:مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز %50،سىز ھەرقاچان «يۇۋاش قوزا»تىپىغا كىرىسىز،ئىگىلىك تىكلەش ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش سىزگە يىراق.ئەمما ئىشخانىدا قولىڭىزغا ۋەزىپە چۈشىشى بىلەنلا ،خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە خوجايىنىڭىزنىڭ ئەڭ قابىل ھەمراھىغا ئايلىنىسىز.بىراق خىزمەتتىن سىرت ئىشلارغا ،سىز ھەردەم يېرىم يارتا.سىزگە تەۋسىيە شۇكى:ئىشتىن سىرت بىلىملەرنى كۆپ ئۆگىنىپ قويۇڭ.

ف: گاز ئوچاقنى ئۆچۈرۈش-بوتۇلكىنى تاشلاش -تېلفون ئېلىش
«ف»نى تاللىغانلار:سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەرىجىڭىز %30.سىز ئاددىي تۇرمۇشقا رازى بولمايسىز،ئەمما دائىم ئويلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە سىز بەلكىم كۆپچىلىككە ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلارنىڭ پىشۋاسى.بەزىدە بىرئاز ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ قالسىز،ئەمما ئۇ ئۇتۇقلارنىڭ ئۆز كۈچىڭىزگىلا تايىنىپ كەلمىگەنلىكىنى سىز ئوبدان بىلىسىز.تەنھەركەت بىلەن كۆپ شۇغۇنلىنىپ ،تويۇنۇپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ،بەلكىم سىزنىڭ ئويلىرىڭىز تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ ،نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزغا ياردەم قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


Rank: 4

تىللا
557
تۆھپە
67
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 23:24:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا مۇقىم تېلىفۇن بولسىچۇ؟!


Rank: 4

تىللا
557
تۆھپە
67
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 23:30:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2011-12-22 13:38
مەن ‹ئى › جاۋاپنى تاللىدىم.مەن مۇ گاز ئوچاقنى ئۆچۇرۇپ ب ...

ۋاي-ۋۇي! باشقىلارنى بەك ئويلايدىكەنسىز-ھە....روھىڭىزدىن ئۆگۈنىشكە ئەرزىيدۇ..


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 04:31, Processed in 0.092034 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991