نىكاھ بۇزۇلۇشتىكى توققۇز بېشارەت
1. ئۆزىنىڭ تاشقى سىياقىغا ھەددىدىن ئارتۇق دىققەت قىلىش. مەسىلەن: ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرۈش، ھۆسن تۈزەش، ئۈنچە- مەرۋايىتقا ھەۋەس قىلىشقا ئوخشاشلار. مانا بۇلار بىر خىل بېشارەت بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىدىن قېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ چىراي- شەكلى تەڭداشسىز دەپ قاراۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن؛
2. ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر ئازلاش. بۇ ئۇلارنىڭ ھازىرقى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن؛
3. ئائىلىدىكى مال- مۈلۈكنى <سېنىڭ- مېنىڭ> دەپ ئايرىش ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل ساقلاش؛
4. ئائىلىنىڭ مۇراسىم ئىشلىرىغا قىزىقماس بولۇپ قېلىش. مەسىلەن: ئۆزلىرىنىڭ توي- تۆكۈننى خاتىرىلەش، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى ئائىلە يىغىلىشلىرىغا قاتناشماسلىق؛
5. ئۆزئارا بىللە بولۇش ئازىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەل- ئاغىنىلىرى بىلەن قويۇقراق مۇناسىۋەت باغلاش؛
6. تۇيۇقسىزلا خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەن بولۇۋېلىپ، ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئاۋارىچىلىقىدىن قېچىش؛
7. ئەر- خوتۇن ئىككىسى كوللېكتىپ سورۇنلارغا بېرىشتىن ئامالىنىڭ بارىچە قېچىش؛
8. تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئائىلىلىرىدىكى ۋاقىتنى ئامالىنىڭ بارىچە ئازايتىش؛
9. ئائىلە ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇۋېلىش.
مەنبە:روھلان تورى