كۆرۈش: 26724|ئىنكاس: 55

لەقەم ئوينامدۇق ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:59:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لەقەم ئوينامدۇق ؟


    ئۇيغۇر لەقەملىرى ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بىرى كىشى ئىسىملىرى بىلەن بىرىكىپ شۇ كىشىنىڭ تۈرلۈك بەلگە ئالامەتلىرى، پىسخىكىسى، تۇرمۇش ئادىتىنى تەسۋېرلىسە، يەنە بىرتەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى تەنقىد قىلىش، ئادىمىيلىك تەربىيەسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مەن ئۆزۈم ئاڭلىغان بىرقىسىم كىشى ئىسىملىرى ۋە لەقەملەرنى دوسلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشى مەقسىتىدە يوللىدىم. بۇنىڭدا ھىچقانداق شەخسى غەرەز يوق! ئەگەر شۇ ئىسىمدىكىلەر بۇلۇپ قالساڭلار ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر
1. م...... چاپاق- بىزنىڭ قوشنا بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەسلى بوۋىسىنىڭ لەقىمى مۇشۇنداق ئىكەن. شۇڭا بۇ لەقەم بۇ ئائىلىنىڭ ئۇدۇنى سۈپىتىدە چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە مىراس قالدى.
2. س...... دەلدەڭ- تۆۋنكى مەھەلدىكى بىر ھاراقكەش ئادەم بولۇپ دائىملا دەلدەڭشىپ يۈرگەچكە باشقىلار شۇنداق دمدىكىن دەيمەن.
3. ن....... جورجى- ئۇستا توخۇۋاز.
4. ئا......  سىيگەك-- ھې ھې قىزىقمىكەن ئىنىمنىڭ بىر ئاغىنىسىنى شۇنداق چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان.
5. د ......  مىس - باش- باش كۈزى ساپ سېرىق بولغاچقا شۇنداق لەقەم قاپتىكەن.
6. ر .....   بودى - بۇ ئاغىنىمىز ماشىنىسىنى خۇددى ئەنگىلىيەنىڭ 5.باشقارما ھەركەتتە" فىلىمىدىكى بودىدەك قارام ھەيدىگەچكە بىز شۇنداق چاقىراتتۇق.
ھە .. مۇشۇنچىلىك يەنە بىلىدىغانلار بولسا مەرھەمەت...
ھە راسىت ئۆزۈمنىڭ قاپتۇ- دۆت- گىئومىتىرىيە ئىمتاھاندا دائىملا ئۆتۈلمەيتىم شۇ رەھمەتلىك مۇئەللىمىم مېنى شۇنداق چاقىرغان پېتى بۇ نام ماڭا لەقەم بولۇپ قالدى. ھې ھې ھې !!!!

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
309
تۆھپە
156
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 13:27:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەھەللىلەردە بىر كەنتنىڭ ئىسمى شۇ كەنتتىكى سان جەھەتتىن كۆپرەك بولغان كىشىلەرنىڭ لەقىمى بىلەن ئاتىلىدىغان ئىشلار كۆپ.
مەسىلەن، توپى مەھەللىسى (توپى بۇ لەقەم)، توپى مەكتەپ
قاسساپ مەھەللىسى، پالانى قاسساپ،
كۇرۇك، پالانى كۇرۇك دېگەندەك... كۆپ



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 13:30:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەقەمسىز ئەر بولماس، ئويماقسىز خوتۇن!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
979
تۆھپە
428
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 14:51:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ يەردە بىر ئادەم بۇلدىغان ئۈزى چارۋىچى ئىسىمى ت- قەلەي .
بۇنىڭدىن5-6يىل بۇرۇن تاغقا ئات مىنىپ چىقىپتىكەنمىش مىنگەندىمۇ ئىگەرسىز  2-3كۈن مىنەركەنمىش،باشقىلار ئۇنىڭغا بۇنداق مىنىۋەرسىلە سۆڭگەچ- پۆڭگەچ ئاغرىمامدۇ دىسە ياق كۈنۈپ قاپتىمەن دەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇنى فامىلىسنى قوللانماي قەلەي دەپ ئاتايدىكەن ھازىرمۇ شۇنداق ئاتايدۇ  توي نەزىر -چىراقلارغا  چاقىرسىمۇ ت -قەلەي  دەپ يازىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-19 15:14  



مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2950
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 14:55:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ئىسمىڭىز سىزنىڭ لەقىمىڭىز ئەمەستۇ؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
648
تۆھپە
387
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 15:20:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ لەقەملىرىنى بىلگىنىمدە ، ساۋاقداشلار نىمانداق ماسلاشتۇرۇپ قويغاندۇ دەپ ھەيرانلا قالدىم .  بىرقانچىسىدىن ئارىيە :

تولا گەپ قىلىدىغان بىر قىز بار ،  ت ...  قۇشقاچ .
ئانچە-مۇنچە ياتاقلاردا 1-2 مودىن ئويناپ قۇيىدىغان بىرسى بارتى ،  ر... چوتا.
قىز بالىدەكلا بىرى بارتى ،   ق ... نازۇك .
ئوغۇل بالىدەكلا بىر قىز بار ئىدى ،  ش ... ئارتۇق .
ياسىنىپ ، تولغاپ ماڭىدىغان بىرى بار ئىدى ھ ... سەتەڭ ،


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 15:21:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2011-12-19 14:55
مۇنبەردىكى ئىسمىڭىز سىزنىڭ لەقىمىڭىز ئەمەستۇ؟

بىلىۋاپسىزدە!! شۈ !باشقىلارغا دەپ يۈرمەسسىز ھە؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 15:57:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى لەقەملەر بەك سەت قويۇلۇپ قالغانلىقتىن ئېغىزغا ئالغىلى بولماي قالىدۇ


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 18:11:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئالىي مەكتەپتە  بېندىكىت ، ماشكا ، كاسكاس ، ۋاڭتاز ، سوتو ... دەپ لەقەملىرى بولىدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ . بۇ تېما ئارقىلىق ئۇلارنى ئەسلەپ قالدىم .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 18:56:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2011-12-19 18:11
ئالىي مەكتەپتە  بېندىكىت ، ماشكا ، كاسكاس ، ۋاڭتاز ،  ...

ۋاي بۇ قانداق لەقەم؟ چەت ئەلچە، خەنزۇچەمۇ-يا بەزىلىرى؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:34, Processed in 0.078020 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991