كۆرۈش: 16592|ئىنكاس: 9

ئاياللار بىلىۋېلشقا تېگىشلىك ئەرلەرنىڭ ئارزۇلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
307
تۆھپە
187
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 21:52:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللار بىلىۋېلشقا تېگىشلىك ئەرلەرنىڭ ئارزۇلىرى

سۈرەييە يۈسۈپ، گۈلبانۇ ئابدۇۋەلى


(سۈرەييە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن)


    پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنىمىزغا كېلىپ، مەسلىھەت ئالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت، نىكاھ  ۋە  تۇرمۇش ئىشلىرىدا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ، مەسلىھەت ئالغىلى كېلىدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشنى ناھايىتى گۈزەل، رومانتىك بولىدۇ دەپ ئويلاپ، شېرىن خىياللارنى قىلىپ، توي قىلىشقا ئالدىرايدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن بولسا، توي قىلىش دېگەننىڭ مۇھەببەتلىشىشكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تەسەۋۋۇرىدىكىدەك رومانتىك بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر كىشى شېرىن مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ ھەم بەختلىك ئائىلىسىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بۇلارغا ئېرىشىش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن، ھەربىر كىشى(ئەر-ئايال)مەلۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
   ئۇنداق بولسا، توي قىلغاندىن كېيىن ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزىنى قايسى تەرەپلەردىن چۈشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئايالىنىڭ چۈشىنىشگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن:
    1. ئەرلەر خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەندە، ئايالىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، يوقىلاڭ ئىشلارنى بانا قىلىپ، يولدىشىدىن ئاغرىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى ئەرلەر خىزمەتنى ۋە ئۆز كەسپىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى يارىتىش ۋە ئوبرازىنى تىكلەشتىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللىشىنى، خىزمەت سەۋەبىدىن ئائىلىسىگە ۋە ئايالىغا تازا ياخشى كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    2 . ئەرلەر ئايالىغا پۇل خەجلەشكە پىخسىقلىق قىلمايدۇ، پەقەت بەزىدە ئايالىنىڭمۇ ئۆز پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پۇل ۋە مال- دۇنيا ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇش ئاتا قىلالىغاندىن باشقا، شۇ ئەركىشىنىڭ ئائىلىدىكى ھوقۇقىنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئايالىغا پۇل خەجلىشى ئەلۋەتتە ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەت، بىراق، قىممەترەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەندە، كۆپىنچە ئەرلەر، ئايالىنىڭ ئۆز پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرى چىرايلىق ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    3 . ئەرلەر ئايالىنىڭ ئاغىىنىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ،  ئىزدىشىپ تۇرۇشىغا قارشى تۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆپىنچە ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىنمۇ،  ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئاغىينىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ئىزدىشىپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئايالىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ يۈز-ئابرۇيغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەرلەرنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى بىرئاز كەڭ بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئاغىينىلىرى بولىدۇ.  شۇڭا ئەرلەر  توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىدىن باشقا يەنە دوستلىرىغىمۇ ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
       4.كۆپىنچە ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتە پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكىنى ياكى شەھۋەتپەرەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئادەتتە، ئاياللار يولدىشىنىڭ باشقا ئاياللارغا قارىشىنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن، ئەرلەرنىڭ باشقا چىرايلىق قىزلارغا قارىشى پەقەت ئۇلارنىڭ بىرخىل پىسخىكىلىق ماھىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  چۈنكى چىرايلىق نەرسىلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرۈپ ئېرىشكۈسى كېلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئەرلەر چىرايلىق نەرسىىلەرنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. ئاتالمىش چىرايلىق نەرسىلەر ئۇلارنى ۋاقىتلىق بىھۇش قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىلسا ئېزىپ كېتىشىنى تامامەن توسىغىلى بولىدۇ.
    5. 《ئويۇنغا بېرىلىش》ئەرلەرنىڭ تەبىئىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئايالىنىڭ چۈشىنىشىگە موھتاج بولىدۇ.  ئەرلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا، بىرخىل بالىلارچە پىسخىكا ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار توپ تېپىش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋە ماركىلىق ياڭراتقۇ، تېلېكامىرا، كومپيۇتېر قاتارلىق نەرسىلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەم بۇنىڭدىن روھىي ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا  بۇ خىل قىزىقىشنىڭ  ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىملىرىنى يېنىكلىتىشىگە ياردىمى بولىدۇ.  لېكىن ئەرلەر مۇشۇ قىزىقىشى تۈپەيلىدىن، بەزىدە ئايالىغا سەل قاراپ قېلىشى، كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكى مۇمكىن.
    6. ئاياللار ئەرلەرنىڭ گەپ سۆزىگە بەك ئېسىلىۋالماي، ئۇنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنى مۇھىم بىلىشى لازىم. ھەممە ئەر كىشىنىڭ كۆيۈمچان، تاتلىق گەپلەرگە ئۇستا بولۇشى ناتايىن، بەزى ئەرلەرنىڭ گەپ –سۆز، ھەرىكەتلىرى بىر ئاز قوپال بولۇپ، ئايالىغا كۆيۈنۈشنى بىلمەيدىغاندەك، بىغەم تەسىر بېرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار، ئېرىنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ۋە ياكى مۇنداقلا دەپ قويغان چاقچاقلىرىنى مۇھىم دەپ ئېسىلىۋالماي، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئادەتتە ئەرلەر ئەقىلگە تايىنىپ مەسىلىلەرگە باھا بېرىدۇ ۋە شۇ ئاساستا ئىش قىلىدۇ، ئاياللار بولسا ھېسسىياتقا تايىنىدۇ. ئەر-ئاياللاردىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئەرلەرنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى، ئوي - خىيالى ۋە بەزى گەپ سۆزلىرى ئاياللاردا ئېرىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشى ۋە بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قىسقىسى، مۇكەممەل نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەر-ئاياللار، بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا يول قويۇشى لازىم. ئۇلى مۇستەھكەم ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپ ئۇزاققىچە قۇربانلىق بېرىشى مۇمكىن، بۇ پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ئەرزىيدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، بەختلىك، خاتىرجەم ئائىلە مۇھىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
    يۇقىرىدا بىز ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋاللار قىسمەن كىشىلەرگە ماس كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، شۇ سەۋەبتىن كۆپ ھاللاردا پىسخىك مەسلىھەتچىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. بۇنداق چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر پىسخىكىدىن مەسلىھەت ئالغىلى كېلىپ، تىنچ مۇھىتتا، پىسخىكىدىن مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ ياردىمىدە، كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، قىسمەن مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشنى ئۆزگەرتىدۇ-دە، كېينكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا بەل باغلايدۇ.
       يىغىپ ئېيتقاندا، مۇكەممەل نىكاھ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، نوقۇل بىرلا تەرەپ ئەمەس بەلكى ئەر-ئاياللار ئورتاق كۈچ چىقىرىشى لازىم.

    دىققەت: بۇ ماقالە پەقەت تەڭرىتاغ مۇنبىرىگىلا مەنسۇپ، باشقا مۇنبەرگە قەتئىي يوللاشقا بولمايدۇ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-12 11:47  


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 22:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بەك ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن. سۈرەييە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىكى سۈرەييە يۈسۈپ، گۈلبانۇ ئابدۇۋەلىلەرگە كۆپ رەھمەت. بۇ يازمىدىن سىلەرنىڭ قانچىلىك ئىنىچكىلىك بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۋالدىم.
     تەكلىپ:  پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورنىڭلارنى ئادرېسنامە سەھىپىمىزگە چىقىرىپ تونۇشتۇرسىڭىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 23:45:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزلار چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك تېما ئىكەن-ھە، بۇ....!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
560
تۆھپە
251
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 00:01:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدىكى مەسىلىنىڭ، زىددىيەت-توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بۇلىدىغان مەسلىھەتلەر ئىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
356
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 10:17:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ، ...
    تېمىنى ئالماشتۇرۇپ ئاياللارنىڭ قەلبىنىمۇ ئەرلەر بىلىپ باقسىكەن دەيمەن


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
725
تۆھپە
471
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 11:42:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە ئەرلەرنىڭ باھانىسىمۇ جىق بولۇپ كەتتى...ئىشلىرى پاش بولسىمۇ، يەنىلا‹ بۇ دىگەن مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ، ئۇ دىگەن مۇنداقلا بىر ئىش ، نەدە يوقىلاڭ نەرسىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ تەتۈرلۈك قىلدىڭ›دەپ ئايالىدىن ئاغرىنىدىكەن...ئۆزلىرىنى ئايالىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقسا نېمە بولار ھە!

توي قىلىپ بولغان ئەرلەرغۇ ھەماقۇل، توي قىلمىغان يىگىتلىرىمىزگە نېمە دەي..بۇ نېمە ئىش دىسە<ئۇ بىر ئەخلەت، مۇنداقلا تېلفۇنلىشىپ قويغان، تاساددىپى تونۇشۇپ قالغان...مەن ئۇ ئەخلەتنى ئالاتتىممۇ؟....> دەيدۇ....ئۇ ئەخلەت بولسا، شۇ يىگىتلىرىمىز ئەخلەت تەرگۈچىما؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-12 11:45  



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
kulke + 1 + 1

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 1 تىللا + 1  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 00:04:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو dilnaray  كارامەت ئوخشىتىۋېتىپسىزغۇ بىز يىگىتلەرنى...ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ جۇما تورداش...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 15:06:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن


Rank: 2

تىللا
64
تۆھپە
17
UID
6275
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 21:26:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇپلا ئۆتۈشى كىرەكمۇ؟ ئائىلىگە قۇربانلىقنى ئاياللارلا بېرىشى كىرەكمۇ؟ ئاياللارنىڭ ئارزۇلىرى ئىتىبارغا ئېلىنمامدۇ؟ ئاياللارمۇ  ئادەم، ئاياللارنىڭمۇ كۆڭلى  كۆڭۈل ناھايىتى نازۇك كۆڭۈل قاپاق پۇچىقى ئەمەس . ئەرلەر  سىلەرگە ئۈن-تىنسىز قۇربان بېرىۋاتقان  شۇ ئاياللارنىڭ نازۇك كۆڭلى ئۈچۈن بەزى ئارزۇلىرىڭلاردىن ۋاز كېچەلمەمسىلەر؟ بۇ سىلەرنىڭ  خاراكتىرىڭلار بولسىمۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
750
تۆھپە
538
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 14:15:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ باشقا ئارزۇلىرممۇ بار ئىدى، لېكىن بۇ تېمىدا ئېيتىلماپتۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:47, Processed in 0.080954 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991