كۆرۈش: 15725|ئىنكاس: 11

بىز بىلىدىغان لېكىن بىلمەيدىغان ئاتالغۇلار!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
544
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 04:03:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھا ھا ھا ! بەلكىم بۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇ قانداق قاملاشمىغان تېما بولغىيتتى دېيىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بەزى ئىشلار راستلا شۇنداق. ئاخىرىغىچە ئوقۇپ كۆرۈڭ، بەلكىم پىكرىمگە قوشۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ھېچ بولمىغاندا مەقسىتىمنى چۈشىنىپ قالارسىز.
    ئالدى بىلەن گەپنى مەن ئۆزەم دوستىمىز بارسىلونادىن سورىغان سوئالدىن باشلاي.
بىز ھەمىمىز دېربى جېڭى دېگەن گەپنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىنىمۇ بىلىمىز. ئەمىسە بۇ ئاتالغۇ قانداق كېلىپ چىققان، ئەسلىي مەنىسى نېمە؟
    18- ئەسىردە بەيگە مۇسابىقىسى ياۋروپادا ئەۋج ئالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ دېربى ئايمىقى ئۆزىنىڭ ئارغىماقلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېسىل ئارغىماقلىرى پۈتكۈل ياۋروپاغا كەڭ تارقىلىدۇ. 1780- يىلى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرمەيدان چوڭ بەيگە مۇسابىقىسىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەۋەندازلار قاتناشقان بولسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىم ئارغىماقلار دېربى ئايمىقىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا كىشىلەر بۇ مۇسابىقىنى دېربى مۇسابىقىسى ئاتاشقان. كېيىن بۇخىل ئاتاش باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىگىمۇ كېڭەيگەن.
    قالپاق ھۈنىرى- بۇ ئاتالغۇ تۇنجى قېتىم 1858- يىلى ئەنگىلىيەنىڭ پالاق توپ مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھۆرمەت يۈزىسىدىن پالاق توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى، رېپىر، تاماشىبىنلارنىڭ مەيداندا باش كىيىم كىيىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.   1858- يىلىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر تەنھەرىكەتچى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەن، رېپىر شۇ تەنھەركەتچىگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەق مەيداندا بىر قالپاق سوۋغا قىلىپ كىيدۈرۈپ قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپ، قالپاق ھۈنىرى دېگەن ئاتالغۇ كېلىپ چىققان ھەمدە باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىگىمۇ كېڭەيگەن.
    بۈگۈنچە ئېسىمگە كەلگىنى مۇشۇ ئىككى ئاتالغۇ ئىكەن، قالغىنىنى دوستلار بىلەن بىرلىكتە تولۇقلارمىز، تامام. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-11 16:55  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1071
تۆھپە
616
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 10:42:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن، راستىنلا بۇ ئاتالغۇلارنى بىلمەيدىكەن، ئەمدى بىلىۋالدىم.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 13:09:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاتالغۇلارنى مەن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ بىلىۋالدىم تېما ئىگىسگە رەخمەت


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 13:19:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، يەنە بولسا يوللارسىز-ھە!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 4

تىللا
304
تۆھپە
152
UID
1938
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 15:34:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشىنىۋالدىم .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 18:00:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى تىمىكەن، ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئىسپانىيە دېربىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟، بارسىلونا 3:1 نەتىجە بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
544
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 19:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-12-11 18:00
ياخشى تىمىكەن، ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئىسپانىيە دېربىسىنى ...

      كېچىچە كۆردۈم، مېنىڭچە خانلىق مادىرىدقىمۇ غەلبە قىلىش پۇرسىتى بارئىدى. بىرىنچى توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن بارسلونا كوماندىسىمۇ خېلى تەمتىرىگەن ئىدى، لېكىن ئۆزى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.  مېنىڭچە خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بۇ كوماندىدا ھەقىقىي بىر روھىي يولباشچى يوق ئىكەن. رونالدۇ تېخنىكىدا ئېۋەنسىز بولسىمۇ لېكىن روھىي جەھەتتە تەسىرى يېتەرلىك ئەمەستەك كۆۈردۈم.


Rank: 4

تىللا
197
تۆھپە
107
UID
1101
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 20:27:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بۇ ئاتالغۇلارنى بىلمەيدىكەن، ئەمدى بىلىۋالدىم.


نائىلە

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 22:09:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ساۋاتلار ئىكەن . پۇتبولغا قىزىققىنىمىز بىلەن ‹‹ دېربى ئوينىدى ›› ، ‹‹ قالپاق كىيىپتۇ ›› دەپلا ئۆتۈپ كېتىپتۇق  ، نېمىنىڭ دېربى ، نېمىنىڭ قالپاق ئىكەنلىكىنى بىلمەي .
    تەرجىمان باللانىڭ بىلىدىغىنىمۇ تولا بولىدىكەن ، ئاپىرىن !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
544
تۆھپە
183
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 22:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2011-12-11 22:09
بولىدىغان ساۋاتلار ئىكەن . پۇتبولغا قىزىققىنىمىز بىلە ...

   ئاغا، ئۆزىڭىز تەربىيەلەۋاتقان بالىلار بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز ماختماڭ، خىجىل بولىدىكەن ئادەم.  لېكىن بەك كۆڭلىڭىز بولسا قەلەم ھەققىنى ھېسابلىغاندا ئىپادىلىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 02:25, Processed in 0.077897 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991