كۆرۈش: 158916|ئىنكاس: 34

ئەخمەت موللەق ۋە ئۇ ئوينىغان ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6100
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 17:27:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

31.jpg


   7–ئاينىڭ 15–كۈنى ، 52 ياشلىق ئەخمەت موللەق بىر مەيدان ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››نى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ، چىلىق–چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى .
   ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىرىدىن بىرى بولۇپ ، مىلادىيە 4–ئەسىردىن 7–ئەسىرگىچە كۈسەن سەنئىتى تازا گۈللەنگەن بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن .قىزىل مىڭئۆيلەردىكى غارلاردىن ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››غا ئوخشاپ كېتىدىغان تام رەسىملىرى تېپىلغان .
   ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› ئاشپۇزۇللاردىكى چاي مەدەنىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ ، بۇ ئۇسسۇلدا ئۇسسۇلچى بېشىغا چوڭ بىر ساماۋەر ۋە 16 دانە پىيالىنى قويۇۋالىدۇ . بېشىدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى سەككىز كىلوگىرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ . ماھىر ئۇسسۇلچىلار يەنە ھەتتا قوللىرىغىمۇ چىنە قويۇۋالىدۇ . بۇ ئۇسسۇل ئۇسسۇلچىدىن ماھارەت بىلەن چىدامچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئەرلەرلا ئويناپ كەلگەن.
   كۇچانىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇلى — ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دا ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ، مېھماندوست ، ناخشا–ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق ئىكەنلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
   نۆۋەتتە ، ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ ، ئەخمەت موللەق كۇچا ناھىيەسىدىكى ساماۋەر ئۇسسۇلىنى تولۇق ئويناشنى بىلىدىغان بىردىنبىر سەنئەتكار .
   2005–يىلى ، ئەخمەت موللەق كۈسەن ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كۇچا ناھىيە ئۇزۇن يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ . خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇ كۇچادىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلار بىلەن بىللە ، مىللىيچە بېزەلگەن رېستۇرانلاردا نومۇر ئورۇنداپ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››نى تەشۋىق قىلىدۇ ھەمدە بىر تۈركۈم ياش ئىز باسارلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە، ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى .
   ئەخمەت موللەق مۇنداق دەيدۇ : مەن كۆپچىلىكنىڭ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇسسۇلىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەخمەت موللەق ۋە ئۇنىڭ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دىن كۆرۈنۈشلەر :

32.jpg


30.jpg


29.jpg


33.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1974
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 13:09:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ھەقىقەت ئىسىل جۇمۇ !


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1556
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 10:37:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساماۋەر ئۇسسۇلى ھەقىقەتەنمۇ ماھارەت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەم ئۇسسۇلنىڭ بىر تۈرىدۇر.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1556
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 10:37:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساماۋەر ئۇسسۇلى ھەقىقەتەنمۇ ماھارەت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەم ئۇسسۇلنىڭ بىر تۈرىدۇر.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 2

ئىسىمى
چىرايلىق
تىللا
99
تۆھپە
22
UID
80
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 19:11:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپ ، ئىسىل ئۇسسۇل


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
5040
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 17:50:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇچا ساماۋەر ئۇسۇلى ھەقىقەتەن چىرايلىق ،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 18:44:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساماۋەر ئۇسۇلى ھەقىقەتەن يۇقۇرى تېخنىكا ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل تۇرى.


Rank: 2

تىللا
105
تۆھپە
22
UID
4992
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 22:57:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ، يەنىلا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى .....


Rank: 4

تىللا
275
تۆھپە
104
UID
3126
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 18:57:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئازراق ھىللە ئىشلىتەمدىكى دەيمەن .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
674
تۆھپە
338
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 21:12:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ   يەنىلا  ئۇيغۇر  ئۇسۇلى بولىدۇ جۇمۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 10:13, Processed in 0.086598 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991