- 出生县
- 哈密市
- 生日
- 1986 يىل 12 ئاي 26 كۈن
- 出生小区
- 回城乡
- 职业
- مۇخبىر
- تىللا
- 6195
- تۆھپە
- 2820
- نادىر
- 34
- يازما
- 1403
- جۇغلانما
- 16755
- ھوقۇقى
- 200
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-27
- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- UID
- 6
  
- تىللا
- 6195
- تۆھپە
- 2820
- UID
- 6
   
|  |  |  |  | 
7–ئاينىڭ 15–كۈنى ، 52 ياشلىق ئەخمەت موللەق بىر مەيدان ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››نى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ، چىلىق–چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى . ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىرىدىن بىرى بولۇپ ، مىلادىيە 4–ئەسىردىن 7–ئەسىرگىچە كۈسەن سەنئىتى تازا گۈللەنگەن بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن .قىزىل مىڭئۆيلەردىكى غارلاردىن ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››غا ئوخشاپ كېتىدىغان تام رەسىملىرى تېپىلغان . ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› ئاشپۇزۇللاردىكى چاي مەدەنىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ ، بۇ ئۇسسۇلدا ئۇسسۇلچى بېشىغا چوڭ بىر ساماۋەر ۋە 16 دانە پىيالىنى قويۇۋالىدۇ . بېشىدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى سەككىز كىلوگىرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ . ماھىر ئۇسسۇلچىلار يەنە ھەتتا قوللىرىغىمۇ چىنە قويۇۋالىدۇ . بۇ ئۇسسۇل ئۇسسۇلچىدىن ماھارەت بىلەن چىدامچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئەرلەرلا ئويناپ كەلگەن. كۇچانىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇلى — ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دا ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ، مېھماندوست ، ناخشا–ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق ئىكەنلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . نۆۋەتتە ، ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ ، ئەخمەت موللەق كۇچا ناھىيەسىدىكى ساماۋەر ئۇسسۇلىنى تولۇق ئويناشنى بىلىدىغان بىردىنبىر سەنئەتكار . 2005–يىلى ، ئەخمەت موللەق كۈسەن ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كۇچا ناھىيە ئۇزۇن يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ . خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇ كۇچادىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلار بىلەن بىللە ، مىللىيچە بېزەلگەن رېستۇرانلاردا نومۇر ئورۇنداپ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››نى تەشۋىق قىلىدۇ ھەمدە بىر تۈركۈم ياش ئىز باسارلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە، ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . ئەخمەت موللەق مۇنداق دەيدۇ : مەن كۆپچىلىكنىڭ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇسسۇلىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەخمەت موللەق ۋە ئۇنىڭ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دىن كۆرۈنۈشلەر :




|  |  |  |  |
|
|