ئىگىسى: بىلگئەر

بىلگئەر: يوقىلىپ كېتىۋاتقان ئاھاڭداش سۆزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 22:25:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگئەر يوللىغان ۋاقتى  2011-11-3 03:27
تەقچىلەر ، خۇددى تەقىپچىلەر-  تاجاۋۇزچى، باسمىچى د ...

ئازەربەيجانلار «ئېھتىيات ئوردۇ» دەپتۇ، تۈركچىدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىشلىكمۇ-نېمە؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 22:25:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئېھتىيات لەشكەرلەر بارگاھىنىڭ باش سانغۇنى، قوشبېشى لى شىن!»


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:12:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزادە - ئىسىم. بەگنىڭ بالىسى.[公子] ئەمەلدارنىڭ باللىرىغىمۇ ئىشلىتىدۇ.
بەگزادە - قوغۇننىڭ بىر تۈرى. سىرىتقى كۆرۈنىشى بىشەكچى قوغۇنغا ۋە چىلگە قوغۇنغىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان، شەكىل جەھەتتىن سەل سوقا، تۇخۇمغا ئوخشاپراق قالىدۇ.

بەھر - ئىسىم. (كونىرغان سۆز). دېڭىز -ئوكيان. بەھر مۇھىت كەبىر-ئۇلۇغ ئوكيان.
بەھر - ئىسىم. شېئىرىيەتتىكى ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھرلىرى.

بوتا - ئىسىم. تۆگىنىڭ بالىسى؛ تايلاق، بوتىلاق[驼娃] بوتا كۆز، جېنىم بوتام، بوتام بالام.
بوتا - ئىسىم. زەرگەرلىك ئەسۋابى، مېتال ئېرىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا، چاناق[钳锅].
بوتا - ئىسىم. ھاۋانچىنىڭ تېشى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:26:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغار __ مەدەنىيەت
تانۇق __ گۇۋاھ
ئۈچ كۆۋرە__ قۇرۇق جەسەت
كىشان __ دەقىقە
چوغيالىن __ ئاجايىب كاتتا
كۆمەنلى __ سىرلىق
كۈسۈنلىك __ قۇدرەتلىك
ئۆركى __ ئېسىل
ئەربۇزى__جەسۇر
ئالپ __ ئۇلۇغ، بۈيۈك، غالىپ
ئەچۈ-ئۇغۇشلىرىمىز __ بوۋا-ئەجدادلىرىمىز
تۈپكەرلەپ __ تەتقىق قىلىپ
كۈفەر __ غۇرۇر
قىلماغۇلىرىمىز __ خاتالىق-سەۋەنلىكلىرىمىز
تەگرىنچى __ مۇھىتى
موڭادىنىچ __ ھەيران قالارلىق، ئاجايىپ
تىنالىق __ ھاياتلىق
قاتىرقاتىغ __ دەھشەتلىك
قاتىرياۋلاغ __ ۋەھىمىلىك
كۆرۈنچ __ مەنزىرە
كەرەم __ سېخىي
قوغ __ توزان
كېرىك __ چەكسىز، بىپايان
قادار-قاشلاغ __ سۈر-ھەيۋەتلىك
ئەسرۈك __ مەست
بۆرتۈن __ مەجھۇل
قوغ-قىچماق __ زەررىچە
كۆزڭۈم __ئەينىكىم
كۆۋتۈڭى __ ۋۇجۇدى
كۈفەر- كۈۋەنچ __ غۇرۇر ۋە كىبىر
ئۆگۈرچى __ ماختانچاق
يەرداشچى __ يۇرتۋاز
تۆزلىك __ خاراكتېر
كۆزكۆرۈ __ رېئال
ئۆزقونۇق __ روھى
كەرتى __ سۈنئىي
                             ــــ  مۇھەممەد باغراش  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
بىلگئەر + 5 + 5ياخشى

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5  باھا خاتىرىسى

ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:34:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         يۇقارقىلار قەدىمقى سۆزلەر ئىكەن. بۇلارنى يوللىغىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى. لۇغەت شەكلىدە پايدىلانساق بولىدىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:52:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام بالدۇرلا يوللاركەنمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-4 13:53  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىي سۆزلەرنىڭ جۈملىمىزدە كېلىشى:
  ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا) جەۋھەرلىرىنى ئالپ (بۈيۈك)ئەچۈ-ئۇغۇشلارنىڭ ئۆركى (ئېسىل) سۆزى بولمىش ئۆگۈتلىرىگە ( پەندى-نەسىھەتلىرىگە) مۇجەسسەملىگەن. ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك زەكىيلىرىگە ئايلىنىش مۇددىئاسىدا بولساق، شۈبھىسىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋجۇتلۇق مىزانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە موھتاجمىز.
     
ئۆركى ئەخلاق، مۇناسىپ ئەدەپ-قائىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىننىتىدۇر. زامان تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ئىقتىسادىي رىقابەت ئىنسانلار ئىدېئولوگىيىسىدە مەيلى قانداق تەۋرىنىش ، ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلسۇن، زامان مەككارلىرى مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئالدىسۇن ، جەمئىيەت يەنىلا ئۆركى ئەخلاققا موھتاجدۇر !


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 11:37:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىدە بەزى سۆزلەرگە دەللىك تاپالماي كۆپرەك قىينىلاتتۇق: مەسىلەن 江 بىلەن 河 نى ئوخشاشلا «دەريا» دەپ!ئەسلىدە بىرىنچىسىگە «مۆرەن»، ئىككىنچىسىگە «ئۆگۈز» سۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلىكى» دە باركەن ئەمەسمۇ؟ يەنە 亿 سۆزىگە «كۆلدى»، 兆 سۆزىگە «نايوت» سۆزىمىزمۇ شۇ «سۆزلۈك»تىن تېپىلدى، ھازىر «ترىلىيون» ،«تىرلىيون» دەپ ئاۋارە بولىدىغان 兆 غا «نايوت» دېگگن قەدىمىي سۆزىمىزنى تەڭداش قىلساق بولاتتىكەن!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5674
تۆھپە
2891
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 11:41:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە 斤 نى «يېرىم كلوگرام»، «بەش يۈز گرام» دەپ قىينىلاتتۇق، «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلىكى» دە «باتمان» دەپ بەك ئوبدان سۆزىمىز باركەن (پاتمان ئەمەس جۇمۇ يەنە كېلىپ)! يەنە «تارازا» دېگەن ئىسىمنىمۇ «باتمان» بىلەن ئىپادە قىلغان ئىكەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-10 11:44  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 22:49:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغماق - ئىسىم. توزاق [套扣] بوغماققا قۇشقاچ چۈشۈپتۇ.
بوغماق - سۈپەت. سېمىز، دوپ-دوغلاق.
بوغماق - پېئىل. ئىسىمداش. قاتتىق سىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويماق[勤死,扼死] بۆرە قوينى بوغۇپ قويۇپتۇ.
بوغماق - پېئىل. قاتتىق سىقىپ باغلىماق[扎,结扎] تاغانىڭ ئاغزىنى بوغۇپ قويدۇق.

بوغۇز - ئىسىم. ئات-ئۇلاغلارغا تەييارلانغان يەم-خەشەك[饲料] ئاتقا بوغۇز بەرمەك. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە، توۋار تېشەر(ماقال). بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار.(ماقال).
بوغۇز - ئىسىم. گال، تاماق، ھەلقۇم[咽,咽喉,喉咙] بوغۇزۇمغا بىرنېمە تۇرۇپ قالدى. جان بوغۇزغا كەلمەك.
بوغۇز - ئىسىم. چۈگۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىدىشلارنىڭ جۈمىكى[水龙头]. بوغۇزى قاينايدىغان چەينەك(ماقال).
بوغۇز - ئىسىم. جۇغراپىيە ئاتالغۇسى. ئىككى سۇ كۆلى ياكى دېڭىزنى تۇتاشتۇرغۇچى تار سۇ يولى[海峡]. تەيۋەن بوغۇزى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:55, Processed in 0.066081 second(s), 17 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991