 | باش - ئىسىم. ئادەم گەۋدىسىنىڭ بويۇندىن يۇقىرى، ھايۋان بەدىنىنىڭ بويۇندىن ئالدىنقى قىسمى، كاللا[头,头脑]. سوقا باش، گىلدىڭ باش، ئايدىڭ باش، باش ئاتماق، باش قېقىشماق، باش تارتماق، باش ئەگمەك، باش ئۈستىگە، باش تىقماق، باش قويماق، بېشى پىشماق، باشتىن ئۆرىمەك، باشتىن تۈتۈن چىقماق، باشتىن ياغاچ ئوشۇتماق، بېشىدا ياڭاق چاقماق، بېشىدا بولماق، بېشىدا تۇرماق، بېشىدىن قورۇقماق، بېشىغا چاڭگا تىزماق، بېشىغا تاڭماق، بېشىغا سۇ قۇيماق، بېشىغا سىركە سېلىۋالماق، بېشى ئوچۇق، بېشى باغلاقلىق، بېشىنى قولتۇقتا، بېشىنى يەيدىغان، باشقا كەلگەندە، باش قاشلاپتۇ.(ماقال) ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا(ماقال)، بېشى باش، پاقالچىقى تاش.(ماقال)
باش - ئىسىم. ئۆرە نەرسىلەرنىڭ چوقىسى، ئۇچى.[头,顶,巅,尖,最高的] تاغا بېشى، دەرەخ بېشى، تام بېشى. باش - ئىسىم. جاي ۋە ئورۇننىڭ دەل ئۈستى[上边,上头]، ئېتىز بېشى، ئېرىق بېشى، بۇلاق بېشى. باش - ئىسىم. ئىش ھەركەتنىڭ باشلانغان ۋاقتى، جايى، يۇقىرقىسى[开头,开始,最初]. يىل بېشى، گەپنىڭ بېشى، ساينىڭ بېشى، دەريانىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى، يىلنىڭ بېشىدىن قورقما، بەشىدىن قورق(ماقال). يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن(ماقال) باش - ئىسىم. بەزى زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ كاللەك ھوسۇلى، مېۋىسى[头,穗] قوناق باش ئالدى. باش تەرمەك، باش پىياز، پىيازنىڭ كۆكىگە قارىما، بېشىغا قارا.(ماقال) باش - ئىسىم. باشلىق، يېتەكچى، رەھبەر[首长,头头,头目,头领] يىگىت بېشى، يۈز بېشى، كۆكبېشى. ئېشەككە باش بولساڭمۇ، دۈشمەنگە تاش بول.(ماقال)
باش - سۈپەت. بىرىنجى[第一] باش بارماق، باش كۆۋرۈك باش - سۈپەت. بىرەر كەسىپ ۋە ساھەدە مەرتىۋىسى يۇقىرى، رەھبەرلىك ئورۇندا تۇردىغان[总,大]. باش شۇجى، باش كاتىپ، باش سوتچى، باش رول، باش قوماندان. باش - سۈپەت. ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق،[总,大,主要的,首要的] باش ۋەزىپە، باش بۆلەك، باش كېلىش، باش ماقالە، باش شىركەت. باش - رەۋىش. ئاۋۋال، ئىلگىرى، دەسلەپ، بۇرۇن،[开头,最初] باشتا شالدۇر - شۇلدۇر، ئاخىردا شىلدىر- شىلدىر.(ماقال) ئىشنىڭ بېشى بىسمىللاھ.(ماقال) باشتا گەپ بولسا، ئاياغدا چاتاق يوق.(ماقال)
باش - مىقدار سۆز. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى ئىپادىلەيدۇ. [头,条] بىر باش سەۋزە. تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپمىقى بىر باش پىياز.(ماقال)
|  |