تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 5678|ئىنكاس: 12

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
185
تۆھپە
15
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار




2012 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ھەممەيلەن ياخشى ماسلىشايلى!!!


      ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنچ مۇھىتتا ئارام ئېلىشى ۋە ئۆگىنىش قىلىشى ئۈچۈن، ھەممەيلەن ئورتاق ماسلىشايلى: ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر سىگنال سىستېمىسىنى ئېتىۋېتەيلى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەندە ئامال بار شاۋقۇن چىقارمايلى؛ قوشنىلارنىڭ ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار بولۇپ قالسا، كىچىك بالىلىرى بارلار بالىلىرىمىزغا ياخشى قارايلى، ئۇلارنىڭ قورۇلاردا ياكى ئۆيلەردە قالايمىقان ۋارقىراپ ئوينىشىنى ۋاقتىنچە توسايلى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمۇ 、ئۆيدە ئامال بار تېلېۋىزور كۆرۈش، ئۆيگە مېھمان چاقىرىش، يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىش، كەچكىچە ئۇخلاش قاتارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇپ، بالىلارغا ياخشى ئۆگىنىش قىلىش ۋە دەم ئېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرەيلى، ئۇلارنىڭ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇشى ئۈچۈن مەدەت تىلەيلى!!!


1560تاكسى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ





      شەھىرىمىزدە بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە تاكسىلارنىڭ «ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاپىرىپ قويۇش» پائالىيىتى باشلاندى. پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان 1560 تاكسىغا «ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاپىرىپ قويۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» دېگەن بەلگە چاپىلىنىدۇ، بۇ، مۇشۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان توققۇز يىلدىن بۇيانقى تاكسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ئىكەن.
      ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار شەھىرىمىزنىڭ قەيەرىدە بولسۇن 7 - ئىيۇندىن 9 - ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17:00 گىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ «ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاپىرىپ قويۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» بەلگىسى چاپلانغان تاكسىلارنى توسۇسا ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويىدىكەن.
      ئېگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان تاكسى شوپۇرلىرى شەھىرىمىزدىكى ھەرقايسى تاكسى شىركەتلىرىدىن كەلگەنىكەن.


بۇ يىل شىنجاڭدىن ئالىي مەكتەپلەرگە 123 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ




      ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە 123 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 64 مىڭ، مەخسۇس كۇرسقا 58 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 52 مىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 70 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
      بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 154 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 7000 ئوقۇغۇچى ئاشقان. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن بالدۇر خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn) دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.


تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە كېچىدە


قۇرۇلۇش قىلىش چەكلىنىدۇ




      4 - ئىيۇندىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقىچە، شەھىرىمىزدىكى بارلىق قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنىڭ كىچىدە قۇرۇلۇش قىلىشى چەكلىنىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، مۇھىت تەكشۈرۈش خادىملىرى 1 - ئىيۇندىن باشلاپ، شەھىرىمىزدىكى 36 ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى ئۈزلۈكسىز چارلاپ ۋە كېچىلىك تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىنچ بولغان ئارام ئېلىش ۋە ئىمتىھان بېرىش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
      ئۈرۈمچى «تەڭرىتاغ» رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 1 - ئىيۇن تەۋەلىكىدىكى 77 قۇرۇلۇش مەيدانى بىلەن «ئۈرۈمچى ‹‹‹‹‹‹‹تەڭرىتاغ› رايونى قۇرۇلۇش قىلغاندا توپا –- چاڭ كۆتۈرۈلۈش، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەسئۇلىيەتنامىسى» نى ئىمزالاپ، قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدىن مۇھىت ئاسراش تەلىپى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە قۇرۇلۇشنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان.
      ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلار ئەگەر ئىمتىھان مەزگىلىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشىنى بايقىسا، شەھەر باشقۇرۇش قىزىق لىنىيەسى 12319 غا ياكى مۇھىت ئاسراش قىزىق لىنىيەسى 12369 غا تېلېفون بېرىپ، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.
      مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلغان قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا قانۇن بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدىكەن.
      سۈرەتتە: 17 تۈتۈندىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىلى (ئوتتۇرىدا) 1 - ئىيۇن «ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى قۇرۇلۇش قىلغاندا توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈش، شاۋقۇننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەسئۇلىيەتنامىسى» نى ئىمزالىماقتا.


20120604091034130.jpg


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
4
UID
17430
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
4
UID
17430
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر سىياسەت كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېسە...
بىزلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندە، بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدۇق. شۇ ۋاقىتلاردا يولدا توسۇلۇپ قېلىپ، تاس-تاماس قالغان ئىدۇق ئىمتىھانغا كېچىكىپ ئىمتىھان بېرىش ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم بولغىلى....


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1032
تۆھپە
665
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1560تاكسى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ。
بەك ياخشى بولۇپتۇ


Rank: 2

تىللا
69
تۆھپە
29
UID
11100
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمتىھان مەزگىلىدە كېچىدەقۇرۇلۇش قىلىش چەكلىنىدۇ. ھا.. .ھا... ھا ... بۇ بەك ياخشى بوپتۇ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
567
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى يول تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە 24 سائەت دىجورنىلىك قىلىش ۋە رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە يول قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا بىخەتەر، تېز بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى، يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك:بىرىنچىدىن، ھەرقايسى جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ناھىيە، يېزا(بازار) ۋە كەنتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىغا مەركەزلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىغا ئاۋۋال ئولتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يولۇچى تىرانسپورتى نۆۋەتچى ئاپتوموبىللىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ۋاقتىدا يولغا چىقىشى، قائىدە بويىچە يول يۈرۈشى ۋە سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىككىنچىدىن، يولۇچى تىرانسپورت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچى تىرانسپورت بېكەت نۇقتىلىرى، ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى قاتارلىق يولۇچىلار زىچ سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشىگە نازارەتچىلىك قىلىشى؛ ئۈچىنچىدىن، شوپۇرلار ۋە ئاپتوموبىل خادىملىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىللارنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈش ئەھۋالىنى ھەرۋاقىت ئىگىلىشى؛ تۆتىنچىدىن، تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىلنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىش ۋە چارچىغاندا ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈگىتىپ، يول تىرانسپورتىدا سۈپەتلىك كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشى؛ بەشىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش»بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ماسلىشىپ، «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، «ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلىش»نى مەقسەت قىلىپ، بىر تۈركۈم ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرى ۋە كىرا ئاپتوموبىللىرىنى تەشكىللەپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىش ئاپتوموبىلى»، «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش ئاپتوموبىلى»، «لېي فېڭ ئاپتوموبىلى»قاتارلىق پىدائىيلار پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، يولۇچى تىرانسپورت ساھەسىدە لېي فېڭ روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
نۆۋەتتە، ھەر دەرىجىلىك قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە شەھەر يولۇچى تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تاساددىبىي ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوللاش خىزمىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە يول تىرانسپورتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەرلىك ج خ ۋە مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى


Rank: 3Rank: 3

تىللا
186
تۆھپە
101
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn) دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن›.

بۇ ئۇچۇرنى يولغىنىڭىزغا رەھمەت مېنىڭ قىزىممۇ بۇ يىلقى ئىمتھانغا قاتناشماقچىتى ئالى مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ سۈرى بەكلا يامانكا  باللاردىن بۇرۇن  بىز ئاتا-ئانىلار جىددىلىشىپ كەتتۇق. رەھمەت  سىزگە


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1424
تۆھپە
1156
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اەدىسھكىاوسدىق ىشغقكلزىوۈنشغزلكقىاوسېۈغىدسوۇڭاىشغقكزىقكۈسىدزاقكىشدزقكىۈقكشىدزقكلاىەشغقزكىۈقكلىشغزقل
                ھەجەپ  بىلەلمىدۇققا  بۇ سۆزلەرنى،،




قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1424
تۆھپە
1156
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  مۇلازىمەت  بەك  ياخشى يولغا  قۇيىلىپتۇ جۇمۇ،، بىز  ئىمتىھان  بەرگەن ۋاقىتتا  بۇنداق مۇلازىمەت  يوقتى..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:32, Processed in 0.083669 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991