تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 15300|ئىنكاس: 9

كىچىككىنە بىر ناھىيە دەرىجىلىك رايوندا 1430 دانە ئومۇمنىڭ ماشىنىسى ب[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5589
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىچىككىنە بىر ناھىيە دەرىجىلىك رايوندا 1430 دانە ئومۇمنىڭ ماشىنىسى بولۇش كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغامدۇ؟


    يۈننەن ئۆلكىسى چۈجىڭ شەھىرىنىڭ چىلىن رايونى 1430 دانە ئومۇمنىڭ ماشىنىسىغا «ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئىشىلتىلىدىغان ماشىنا»دېگەن بىر تۇتاش بەلگىنى چاپلاپ ، مۇشۇ بەلگە چاپلانغان ماشىنىلارنى بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرى (قوش دەم ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توختۇتۇش ، ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنى شەخسى ئىشلارغا ئىشىلتىشنى چەكلەشنى يولغا قويدى . (6-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلىق تورى).

   نوپۇسى 600 مىڭغا يەتمەيدىغان كىچىككىنە بىر ناھىيە دەرىجىلىك چىلىن رايوندا ، 1430 دانە ئومۇمنىڭ ماشىنىسى بولۇشى كىشىنىڭ ئەقلىگە زادىلا سىغمايدۇ . ئومۇمنىڭ زادى قانچىلىك ئىشىنى بېجىرىش ئۈچۈن ، بۇنچىۋىلا كۆپ « ئومۇمنىڭ ماشىنىسى » غا ئېھتىياجلىق بولىدىغاندۇ ؟ . ئەمەليەتتە، كۆپچىلىك بىر قاراپلا بىلىدۇ ، بۇ 1430 دانە ئاتالمىش ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى شۇ يەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى ، چوڭراقى رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سېكىرتارىدىن تارتىپ كىچىكى يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ، يېزا-بازار باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مەخسۇس ماشىنىسى بار . بۇ يەردىكى « مەخسۇس ماشىنا » ئەمەليەتتە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ «خۇسۇسىي ماشىنىسى» بولۇپ، ئۆزلىرىلا ئىشلىتىدۇ ، ياكى خۇتۇن-بالىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ . ئىدارىدىكى باشقىلار ئىشىلتىشكە بولمايدۇ . بىر دانە «مەخسۇس ماشىنا » نى ئومۇمنىڭ ئىشىنىڭ يېرىمىغا ئىشلەتسىمۇ كاشكى ، مانا مۇشۇنداق «مەخسۇس ماشىنا» بىلەن «خۇسۇسىي ماشىنا » زادى قانداق پەيدا بولۇپ قالدى ؟

    ھېسابلاپ باقساق بىلىمىز . چۈجىڭ شەھىرىنىڭ چىلىن رايونىدىكى ھەر بىر ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنىڭ بىر يىللىق راسخۇتى تەخمىنەن 30 مىڭدىن 50 مىڭ يۈەنگىچىلىك بولۇپ ، بۇ بەلكىم شوپۇرنىڭ باشقا پاراۋانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى مۇمكىن . ئەگەر ھەر بىر ئومۇمنىڭ ماشىنا شوپۇرىنىڭ مۇئاش-پاراۋانىلىقىنى 30 مىڭدىن ھىساپلىساق . ھەر بىر ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنىڭ يىللىق راسخۇتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭدىن ھېسابلاپ ، بىر ماشىنىنىڭ بىر يىللىق چىقىمى 70 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ ، ئۇنداقتا 1430 ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنىڭ بىر يىللىق چىقىمى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ دېگەن گەپ .

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بەزى ئورۇنلاردا ئاتالمىش ئومۇمنىڭ ماشىنىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ ، ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىستېمال چىقىمى تۈۋەنلىمەيلا قالماستىن ، تېخى ئەكسىچە غايەت زور سوممىلىق تولۇقلىما ياردەم پۇللىرى ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتتى .ھالبۇكى ئومۇمنىڭ ماشىنىسىغا «ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا » دېگەن بىر تۇتاش بەلگىنى چاپلاپ «ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنى خۇسۇسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش »نىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك بۇنداق ئىسلاھاتلارنى بەزى ئورۇنلار خېلى بۇرۇنلا يولغا قويدى ، بىراق ئۈنۈمى زادى قانچىلىك بولۇۋاتىدۇ ؟ مانا ئەمدى «بەلگە چاپلاش» بايرىقىنى كۈتۈرۈپ چىقىپتۇ ، مېنىڭچە ، ئالدى بىلەن بۇ 1430 ماشىنا زادى كىملەرنىڭ ماشىنىسى ، بۇنى ئېنىقلاپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈردەك قىلىدۇ . (ئاپتورى: چېن چاڭ)
 ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
567
تۆھپە
292
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە مىڭ يىلدا سىڭگەن خۇي، ئۇنداق بىرەر ۋاراق قۇرۇق ھۆججەت چۈرۈش بىلەن تۈگەيدىغان ئاسان ئىش يوق، ئەگەر مەركەزدىن چۈشكەن ئاشۇ قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى مەلۇم پىرسەنكە يەتكەن بولسا جاھان باشقىچە بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرگەپ  «ھالۋىنى ھېكىم يىسۇن،  تاياقنى يىتىم» دىگەنگە ئوخشاش ئىشلار كۆپ ئەتراپىمىزدا.


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
17589
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  قانچىلىك   ئىشتى،  بۆرتالا   ئوبلاستىنىڭ   نوپۇسى    550مىڭ   ھۆكۈمەت   ئىشىغا    ئىشلىتىدىغان
ماشىنىللىرى    3000دىن    ئاشامدىكىن   دەيمەن.


Rank: 2

ئىسىمى
ئابدۇللا
تىللا
77
تۆھپە
19
UID
203
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەممە جايدا بار ئىش،ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تۇگىمەيدۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
219
تۆھپە
44
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىش ھەممىلا جايدا بار ، بۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا رەھبەرلىكنىڭ
ئۆزىدە .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
455
تۆھپە
277
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بۇ قانچىلىك ئىشتى ؟؟؟؟...............


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
8
UID
12321
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتىكى ئىشلارغۇ بۇ !  بىزنىڭ كەنىتىنىڭ  باشلىقىنىڭ ‹‹ئومۇمنىڭ›› ماشىنىسىدىن بىرسى ،‹‹ئۆزنىڭ خۇتۇنىدىن›› ئىككسى بار...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
325
تۆھپە
226
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، بىزنىڭ ناھىيىنىڭ نوپۇسى 520مىڭ ، ئىسمى باشلىقنىڭ ھەممىسىنىڭ ماشىنىسى بار.


Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
310
تۆھپە
200
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىش ھەممىلا جايدا بار ، بۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا رەھبەرلىكنىڭ
ئۆزىدە .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 12:36, Processed in 0.077716 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991