تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 3502|ئىنكاس: 5

ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىل[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5589
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلدى


    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقاندا ، قايسى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە . 4-ئىيۇن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ، كەسىپلىرى بېسىلغان ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ›› ژۇرنىلىنىڭ 3-سانى شىنجاڭدىكى 154 مىڭ 700 ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ قولىغا ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلدى ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ، كەسىپلىرى ۋە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى شۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن .
    شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن تۆۋەندىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى ؛ بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 154 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 7000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى كۆپ ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن پىلان بويىچە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپەيتىلىپ ، 123 مىڭغا يېتىدىكەن ، ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا 4500 گە يېقى ئوقۇغۇچى ئارتۇق قوبۇل قىلىنىدىكەن.
    مۇخبىر ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ›› ژۇرنىلىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرگەن ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىدە ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن، مەسىلەن ، ‹‹نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ›› جەھەتتە ، تەربىيەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەر رايونلار تەۋسىيە قىلغان شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرىۋېتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن ؛ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ، بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىلان بويىچە شىنجاڭدىن 73 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 8 ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىدىكەن ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن ) يېزىلاردىن زاكاسلىق ، نىشانلىق تىبابەتچىلىك ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش پىلانى بويىچىمۇ 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
    ئۇقۇشىمىزچە ، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى›› نى قوبۇل قىلىش پىلانى 3000 نەپەر بولۇپ ، بۇلار تولۇق كۇرس ، مەخسۇس كۇرس ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن .بۇنىڭ ئىچىدە پىلان بويىچە تولۇق كۇرسقا 1700 ، مەخسۇس كۇرسقا 900 ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىگە 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن . تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىكىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ رايونلار تەۋسىيە قىلغان شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان .
    چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بازىرى ئىتتىك مەكتەپلەر شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى بىر ئاز كۆپەيتىدىكەن . بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىلان بويىچە شىنجاڭدىن 47 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت ، تارىخ تۈرىدىكىلەرگە 17 ئوقۇغۇچى ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت تۈرىدىكىلەرگە 20 ئوقۇغۇچى ، تېبابەتچىلىك بۆلۈمىگە 10 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ئىچىدە ، ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدىن : قانۇنشۇناسلىق ، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈرىدىكىلەر ۋە ئەرەب تىلى قاتارلىقلار بار ئىكەن ؛ تەبىئىي پەن كەسىپلىرىدىن : قۇرۇلۇش مېخانىكىسى تۈرىدىكىلەر ، گېئولوگىيە ئاساسىي سىنىپى ، ئېلېكىترونلۇق ئۇچۇر ئىلمىي تۈرىدىكىلەر ، مۇھىت ئىلمىي تۈرىدىكىلەر، ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن .
    چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پىلان بويىچە شىنجاڭدىن 26 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا بەش ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىدىكەن ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ئىچىدە ، ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدىن: ئىجتىمائىي پەنلەر تەجرىبە سىنىپى ، قانۇنشۇناسلىق ، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە (خەلقئارالىق سىنىپ)، سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش تۈرىدىكىلەر (بوغالتېرلىق ئىلمى) بار بولۇپ ، ھەر قايسىسىغا بىردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن ؛ تەبىئىي پەن كەسىپلىرىدىن : بىناكارلىق ، توپا-تاش قۇرۇلۇشى ، سۇ ۋە سۇ ئېلېىكتىر قۇرۇلۇشى ، مېخانىكا قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش(مېخانىكا فاكۇلتېتى)، فىزىكا، خىمىيە ، بىئولوگىيە ، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا (داۋالاش ، دورىگەرلىك تەجرىبە سىنىپى)، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە (خەلقئارالىق سىنىپ) قاتارلىقلار بار ئىكەن .  
بۇنىڭدىن سىرت ، بارلىق بۆلۈملەر دوختۇرلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن) يېزىلاردىن زاكاسلىق، نىشانلىق تىبابەتچىلىك ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش پىلانى بويىچىمۇ 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىگە 150 ، جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش كەسپىگە 50 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن ، يۇقىرىقى ئىككى كەسىپنىڭ ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل بولىدىكەن (مىللىيچە تىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىل تەييارلىق بۆلۈمى قوشىلىدىكەن)، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالىدىكەن . ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى چەكلەنمەيدىكەن . ئوخشاش شەرت ئاستىدا يېزا نوپۇسىدىكى ۋە نوپۇسى نىشانلىق تەربىيەلەشنى ھاۋالە قىلغان ئورۇنلار تۇرۇشلۇق ناھىيە ، شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن . ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ›› ژۇرنىلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارغا ئىشقا ئۇرۇنلاشقان ئوقۇغۇچىلار ئۇدا ئالتە يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىكەن . كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدە ، شۇ رايون تەۋەسىدىكى يېزا ئاساسىي قاتلام ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئارا يۆتكىلىپ ئىشلىسە بولىدىكەن .
    بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ بىلىم ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ، شىنجاڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئاشۇرغان . شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى بويىچە ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىگە بىرىنچى تۈركۈم بىرىنچى قېتىمدا ، پىلان بويىچە 332 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 119 ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىدىكەن ؛ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى بويىچە ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسىپلىرىدىكى تولۇق كۇرسقا بىرىنچى تۈركۈم بىرىنچى قېتىمدا ، پىلان بويىچە 426 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 152 ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىدىكەن .
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت
مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
186
تۆھپە
101
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  تېخى ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ››  دىگەندەك  ئۇچۇر قولانمىسىنى كۆرمىدۇققۇ  بۇ  يەرلا چەت بولغاچقا  كىلەلمىدىمۇ يا .ھازىر بىز خۇددى  كۆزى ئوچۇق قارغۇدەكلا   .باللىلىرىمىز مۇ  بىزمۇ مۇشۇ ئاخىرقى 38  سائەتنى شۇندا تاقاتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۋاتمىز


Rank: 3Rank: 3

تىللا
186
تۆھپە
101
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  تېخى ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ››  دىگەندەك  ئۇچۇر قولانمىسىنى كۆرمىدۇققۇ  بۇ  يەرلا چەت بولغاچقا  كىلەلمىدىمۇ يا .ھازىر بىز خۇددى  كۆزى ئوچۇق قارغۇدەكلا   .باللىلىرىمىز مۇ  بىزمۇ مۇشۇ ئاخىرقى 38  سائەتنى شۇندا تاقاتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۋاتمىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1845
تۆھپە
1120
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 2

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
106
تۆھپە
62
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە پايدىلىق ، نەچچە يىل جاپالىق ئوقۇش نەتىجىسىدە بىرنەچچە نومۇرنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشسىز قېلىۋاتقانلار مۇ  ئاز ئەمەس، بۇ ئۇچۇرنى مۇنبەرگە يوللاپ ياخشى قىپسىز ، بۇ خوش - خەۋەرنى كۆرگەن ئاتا - ئانىلار شۇنداقلا بارلىق قېرنداشلار ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ ئۇلارنىمۇ ئۈمۇتۋار قىلايلى !!   تېما ئىگىىسە شۇنداقلا جاپا چېكىپ تەرجىمە قىلغۇچى قېرندىشىمىزغا كۆپ رەخمەت .




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 13:32, Processed in 0.074441 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991