تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 12104|ئىنكاس: 13

غازى ئەھمەدنىڭ ‹‹ دولان روھى ›› ناملىق ئەسىرى 2 مىليون يۈەنگە سېتىلد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5589
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غازى ئەھمەدنىڭ ‹‹ دولان روھى ›› ناملىق ئەسىرى 2 مىليون يۈەنگە سېتىلدى



dolan.jpg



دولان روھى


    بېيجىڭ << باۋلى>> 2012-يىللىق ئەتىيازلىق كىمئارتۇق سودىسى << جۇڭگو رېئال سىزما رەسساملىقى شىنجاڭ سەپىرىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنى مەخسۇس سېتىش پائالىيىتى>> 2-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئاسىيا مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، << شىنجاڭ ماي بوياق رەسىملىرى مەملىكەت سەپىرى-جۇڭگوغا مۇھەببەت>> پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ پائالىيەتتە شىنجاڭ تېمىسىدىكى 76 پارچە ماي بوياق رەسىمنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پىلانلانغان بولۇپ، 90% تىن كۆپرەك ئەسەر ئوڭۇشلۇق سېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ <<دولان روھى>> ناملىق ئەسىرى 2 مىليون يۈەنگە يارىدى.
    دۆلەت ئىچىدىكى سەنئەت بازىرىدىن داۋاملىق ئايرىلىپ قېلىۋاتقان شىنجاڭلىق رەسساملار ۋە ئۇلارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سودا بازىرىدا تۇنجى قېتىم كۆلەملەشكەن ھالدا كىمئارتۇق قىلىنىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. غازى ئەھمەدنىڭ << دولان روھى>> ناملىق ئەسىرى 2 مىليون يۈەنگە، چىڭ لىنشىننىڭ ئەسىرى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە، ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ ئەسىرى 1 مىليون يۈەنگە، ۋاڭ گۇاڭشىننىڭ ئەسىرى 200 مىڭ يۈەندىن باشلاپ باھا قويۇلۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، بەي گاڭنىڭ ئەسىرى 750 مىڭ يۈەنگە، جاۋ پېيجىنىڭ ئەسىرى 900 مىڭ يۈەنگە، زۆرەم ياسىننىڭ ئەسىرى 600 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى.


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
185
تۆھپە
15
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرىتى يوقمىكەن؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5733
تۆھپە
2911
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قامچا تېگىپتۇ-ھە!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 2

تىللا
101
تۆھپە
39
UID
3983
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كىتىڭ ،قۇلى  ئالتۇن غازى ئەھمەد ئاكا  .رەھمەت سىزگە .


Rank: 4

تىللا
335
تۆھپە
168
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن خەۋەر تاپقان ئىدىم مەن ماۋۇ خەۋەردىن. غازى ئەھمەد ئاكىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1032
تۆھپە
665
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشكەن مۇبارەك بولسۇن!


Rank: 2

تىللا
132
تۆھپە
37
UID
1422
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى مۇئەللىم بىرئۆمۈر رەسىم سىزدى . نۇرغۇن مۇشكۈلاتلارنى بېشىدىن كەچۈردى. ئەمدى شۇنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈپتۇ. كېرىم مۇئەللىم ، زورەم مۇئەللىم لارنىڭ شەخسى رەسىم كۆرگەزمىسىدە 20 مىليۇندىن يۇەندىن ئارتۇق رەسىملىرى سېتىلدى. مەن يۇقارقى ئۇستازلاردىن پەخىرلىنىمەن ....


Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
310
تۆھپە
200
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشكەن مۇبارەك بولسۇن!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1424
تۆھپە
1156
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  بوپتۇ ..رەسىمىىغۇ  قىممەت  سېتىلىپتۇ  ..قول سېلىپ ئىشلىگەن  نۇسخىسى  ئۇنداقتا   ھەجەپ   سېتىلمايدا،،،،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1131
تۆھپە
818
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  باھادا سىتىلىپتۇ .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-9 12:36, Processed in 0.082097 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991