كۆرۈش: 8364|ئىنكاس: 2

ماراكەشلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
730
تۆھپە
317
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 23:38:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ماراكەش __ ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى ئالجىرىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى سەھرايىكەبىر قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئىسپانىيە بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرب تەرەپتىكى 1700 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز ساھىلى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 459 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر شەكلىنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەردىن تەشكىل تاپقان. نوپۇسى 30 مىليون 50 مىڭ (2006 - يىلىدىكى ستاتىستىكا)، پايتەختى رابات. پۇل بىرلىكى دەرھەم. دارئەلبەيدا (بۇرۇنقى نامى كاسابلانكا) شەھىرى ماراكەشنىڭ دۇنياغا داڭلىق سەيلىگاھى بولۇپ، ھازىر بۇ يەردە زامانىۋى يېڭىلىقلار ۋە قەدىمىي ئىزنالار كۆزگە تەڭ چېلىقىپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇ شەھەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان داڭلىق فىلىم __ «كاسابلانكا» ماراكەشنىڭ بۇ شەھىرىنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۇتقان.

  ماراكەشنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى يەرلىك بەربەرلەر ئىدى، مىلادىيە 647 _ يىلى، ئەرەبلەر ماراكەش زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بەربەرلەر بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك توقۇنۇشۇپ ۋە ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن. بەربەرلەر بىلەن ئەرەبلەر ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىپ ياشاش، ئۆزئارا سىڭىشىش نەتىجىسىدە تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى ماراكەشلىكلەر شەكىللەنگەن.

  «ماراكەش» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «كۈن ئولتۇرىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەر ماراكەش زېمىنىغا كىرگەندە، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىندا ئۆزلىرىنى جاھاننىڭ ئەڭ چېتىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، بۇ جايغا «ماراكەش»، يەنى «كۈن ئولتۇرىدىغان جاي» دەپ ئىسىم قويغان.

  ماراكەشلىكلەر ئەرەب تىل _ يېزىقىنى قوللىنىدۇ، فرانسۇز، ئىسپان تىل _ يېزىقلىرىنىمۇ پىششىق بىلىدۇ. ماراكەشلىكلەر ئومۇمەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ماراكەشنىڭ چەت، خىلۋەت رايونلىرىدىكى يەرلىك بەربەرلەر تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ قەدىمكى تىلى ۋە كونا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان.

  يۈرۈش _ تۇرۇشتىكى قائىدە _ يوسۇنلىرى

  ماراكەشلىكلەر قائىدە _ يوسۇنغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان خەلق. ئۇلار جامائەت سورۇنلىرىدا تېلېفون لىشىشنى، يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىشنى يامان كۆرىدۇ؛ بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلغۇچىلارنى مەدەنىيەتسىز، يارىماس كىشىلەرنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ؛ ئەرلەر يىغىلىپ قالغان ئولتۇرۇش _ سورۇنلاردا قىز _ ئاياللار توغرىسىدا گەپ _ سۆز قىلىشنىمۇ يامان كۆرىدۇ.

  ماراكەشلىكلەر ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشكەندىن كېيىن، قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ياكى پېشانىسىگە يېقىپ قارشى تەرەپكە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. بۇ، «سىزگە چىن يۈرەكتىن سالام يوللايمەن» ياكى «سىزنى ئەزىز بىلىمەن» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ؛ يېقىن ئۇرۇق _ تۇغقانلار كۆرۈشكەندە، مەڭزىنى يېقىشىپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشىدۇ؛ ياشانغان كىشىلەر ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئېگىلىپ تۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ قولىغا يېنىك سۆيۈپ قويىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپ كەمتەرلىك بىلەن قولىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھۆرمەتكە لايىق ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ماراكەشلىكلەر چاي ئىچىشكە ئامراق مىللەت، ئۇلار ئۈچ ۋاخ تاماقتا چايدىن ئايرىلالمايدۇ، سەھەردە ئالدى بىلەن بىر پىيالە كۆك چاي ئىچىۋېتىپ ئاندىن غىزالىنىدۇ. ئۇلار چاينى كۆپ ئىچىش ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مېھمان كۈتكەندە، داستىخاندا يالپۇز تەملىك خۇش پۇراق چاينىڭ بولۇشىنى مېھمانغا قىلىنغان ھۆرمەت، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېھماننىڭ ئالدىغا خورما، سۈت قويۇشنىمۇ مېھماننى ئەزىز كۆرگەنلىك، دەپ بىلىدۇ.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 21:05:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
30 مىليون . ماراكەشنىڭ نوپۇسىمۇ خېلى بار ئىكەن .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 22:30:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ۋاي.... ۋاي.... ئەجەپ بارغۇم كەلدى. قارغاندا مەن ئۇلار بىلەن خىلى چىقىشىپ قالىدىغان ئوخشايمەن. ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى مەن ياقتۇرۇپ قالدىم. سالام ماراكشلىكلەر


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 02:50, Processed in 0.072334 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991