كۆرۈش: 15810|ئىنكاس: 28

ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
730
تۆھپە
317
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 13:44:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى


   — جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟
      — شۇنى دەيمەن ، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز.
      — بىز يا قاشقالىق ، يا خوتەنلىك بولمىساق خاتا گەپ قىلىدىغان...
      — 135 سومنى بىكاردىن بىكارلا ئېلىۋالىدىغان بولدى . قىپقىزىل زىيان–دە، زىيان.
     — ئاز كەم ئون كىلو گۆش كېلەتتى!
     — يىغىلىپ ئولتۇرغان بولساقمۇ راۋۇرۇس بىر سورۇننىڭ پۇلى دېگىنە!

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى (ئوبلاستلىق تىلكوم [2005] 12 – نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، سىناق ئېلىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم غۇلجا ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز ، ئانا تىلغا بولغان مېھىر–مۇھەببىتى سۇس بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغاچقا ، ئۇلار ئۇچرىغان يەردە ئەنە شۇنداق سۆزلەپ ، ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەتلەپ يۈردى .
     20–مارت (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتۈش نۆۋىتى ماڭا كەلدى . بۇ قېتىم تەربىيەلىنىپ سىناققا قاتنىشىدىغانلار ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولغاچقا ، دەرس تەييارلىقىغا خېلى كۈچ چىقاردىم ۋە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم . ئەمما ناھىيەلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 300 دىن كۆپ ئادەم سىغىدىغان ياسىداق ، ئازادە يىغىن زالىنىڭ ئۇ يەر–بۇ يېرىدە غۇجىمەك–غۇجىمەك بولۇشۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ، 100 گىمۇ يەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىغا قاراپ سەل خۇرسىنىپ قالدىم. بەش–ئون مىنۇتلۇق تەشكىللەشتىن كېيىن زال ئىچى تىنچلاندى . دەرسنى رەسمىي باشلىۋەتتىم . دەرس مەزمۇنى سۆزلىنىپ بىرەر سائەتكىچە ئىنتىزام ياخشى بولدى. ئەمما كىرىپ–چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكىدىنمۇ ياكى مۇنۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىدىنمۇ ، ھەر قىسما قىلىقلار چىققىلى تۇردى:
      ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان بىر قىسىم ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىدىكى شۇنچە كۆپ مۇئەللىمەلەرنى پارقىرىتىپ قويۇپ تاماكا تۇتاشتۇرۇشق ا، يەنە بەزىلىرى يانفونلىرىنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىشىشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ياش ئوقۇتقۇچىلارغا بولۇپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن گازىر، سېغىز كەمپۈتلەرنىڭ قارسىلداشلىرى ، ئاران بىر كۆرۈشكەنلەرنىڭ ھال–مۇڭ ئېيتىشىشلىرى، پىخىلداپ كۈلۈشلىرى ، يانفونلارنىڭ بەسلىشىپ سايراشلىرى ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭ تاقىلداپ مېڭىشلىرى زال ئىچىنى بىر ئالدى . قايتا–قايتا تەشكىللەش ۋە بارلىق دىققىتى بىلەن دەرس ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلارنىڭ مەنىلىك قاراشلىرى نەتىجىسىدە تۆت سائەتلىك دەرسنى سۈپەتلىك ئۆتۈۋالدىم . ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ سىناق ئېلىش باشلاندى . سىناقنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى يېزىقچە ، ئېغىزچە شەكىلدە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ، ئىمتىھان تۈزۈمى قاتتىقراق بولدى . ئىمتىھان مەيدانلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش ۋە سىناقنى كۆزگە ئىلمىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزىتىپ باقتىم : ئۇلار ئىمتىھان نازارەتچىلىرى بىلەن تاكاللىشاتتى . ئوقۇش تارىخىنى، خىزمەت ستاجىنى ، كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى ، ئۆز مەكتىپىدىكى مەنسەپ – دەرىجىلىرىنى پەش قىلىشاتتى . ئوغرى مۈشۈكتەك مارىلايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى . چۈنكى ئۇلار ئەپلاتۇن ئېيتقان «باي بولۇپ تۇرۇقلۇق كەمبەغەلگە ئايلانغان كىشىلەرگە ، ئۇلۇغ بولۇپ تۇرۇقلۇق خارغا ئايلانغان كىشىلەرگە ، ئالىم بولۇپ تۇرۇقلۇق نادانلار سۆھبىتىگە قاتناشقان كىشىلەر» گىلا ئوخشاپ قالغانتى .
     دۇرۇس، «ۋەزىپىمىز ئېغىر، مائاشتىن باشقا كىرىمىمىز يوق ، نەچچە يىل بولدى، ‹ئىككى ئاساسەن › نىڭ دەردىدە شەنبە ، يەكشەنبە ، تەتىل دېگەنلەرنى كۆزىمىزگە سۈركىدەك بوپكەتتۇق ، باش تاتىلىغۇدەك ۋاقتىمىز يوق تۇرسا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىدىن ئىمتىھان بېرىپ نېمە كەپتۇ ؟!» بىز ئاشۇ خىل ھېس–تۇيغۇدا بولۇۋاتقىنىمىزدا ، بىزنىڭ مۇبارەك قولىمىزدا بەش–ئالتە يىل ھەتتا يەتتە–سەككىز يىل ئوقۇپمۇ تۈزۈكرەك ساۋاتى چىقماي «دۆت–كالۋا» ئاتىلىپ ، جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قايسى تىل ، قايسى يېزىقتا ساۋاتى چىقمىغانلىقىنى ، نېمە ئۈچۈن ساۋاتسىز بوپقالغانلىقىنى ، مەسىلىنىڭ زادە كىمدە ئىكەنلىكىنى ئەتراپلىق ئويلىشپ باقتۇقمۇ ؟ پەرزەنتلىرىمىز خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئىككى–ئۈچ يىل ئوقۇپلا ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ – يۇ ، نېمە ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىمىزدىن چالا ساۋات قالىدۇ؟ بىزنىڭ تىلىمىز يا ئاشۇنداق ئۆگىنىش تەس ، مۇرەككەپ تىلمۇ؟ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى يوق ، ئۆگىنىش ، بېيىتىش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق تىلمۇ ؟ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقتۇقمۇ؟!
     ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك ، بىزنىڭ تىلىمىز قەدىمىي ، باي ، پاساھەتلى، گۈزەل تىل . ئۇنى خالىغانچە پەس كۆرۈشكە ، ھاقارەتلەشكە ، ئۆگەيلەشكە ، ئۇنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغا قارا سۈركەشكە ھەرگىز بولمايدۇ . گەرچە بۈگۈنكى كۈندە دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش چىڭ تۇتۇلۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى تېخى يوقالغىنى يوق . ئۇنى داۋاملىق كۈچەيتىش ، يېڭىلاش ، كەلگۈسىگە ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ھازىرقى زامان دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدىكى پەرقىنى تۈگىتىش، خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارغا ئوخشاش قېلىپلاشتۇرۇشتا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار!
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ قوشۇلۇشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ، مائارىپ نازارىتى ، كادىرلار نازارىت ى، رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ، مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق فۇنكىسىيەلىك تارماقلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش » خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىپ ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ غۇلجا ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى ئەسلىدە پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى . ئەگەر ئۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 2002–يىلدىن باشلاپ تۆت قارار كۇرس ئېچىپ ، مۇشۇ تۈردىلا 170 نەپەر خادىمنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق ئالغۇچىلىققا تەربىيەلىمىگەن ۋە تەيىنلىمىگەن بولاتتى.  ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ئاجراتمىغان بولاتتى . «ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا 2005–يىلدىن باشلاپ ‹دەرىجە گۇۋاھنامىسى› بىلەن ئىشقا چىقىش يولغا قويۇلىدۇ » غانلىقى ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقارمىغان بولاتتى . شۇڭا مەن بەزى كەسپداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش ۋە سىناققا ئۆز قىزغىنلىقى ، ئىختىيارلىقى ۋە ۋىجدانى بىلەن تولۇق قاتنىشىپ ، «بوينىنى باغلىغان ئىتنىڭ ئوۋغا يارىمايدىغان » لىقىدەك ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئوبدانراق ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ، تىل–يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا توغرا تونۇش ۋە پوزىتسىيەدە بولمايۋاتقان ، تىلىمىزنى ھاقارەتلىگەن ، تىلىمىزغا خىيانەت قىلغان ، تىلىمىزنى بىلىپ–بىلمەي خاتا ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىشكە يول قويغان ، سۈكۈت قىلغان ، بىپەرۋالىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا كىشىلەرگە تۆۋەندىكى بايانلارنى ھەدىيە قىلىشنى لايىق كۆردۈم:
      «رىۋايەت قىلىنىشىچە ، قەدىمكى زاماندا ئاقىل بىر ئادەمنىڭ گۈزەل قىزى بولغانىكەن . شۇ دىلبەرگە ئىككى پەرىشتىنىڭ ئىشقى چۈشۈپتۇ . قىز ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە كۆڭۈل بېرىشنى بىلمەي قاپتۇ . پەرىشتىلەر قىزنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدە ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ . لېكىن قىز ئۇلارغا شۇنداق دەپتۇ:
     — مەن يۇرت پەرزەنتى بولالايدىغان ئوغۇلغا ئانا بولۇشنى خالايمەن . شۇڭا سىلەرنىڭ ئۇنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىشىم كېرەك . ئەنە شۇنىڭغا قاراپ ، سىزلەرگە قارارىمنى ئېيتىمەن .
    — بۇ ئىش پەقەت مېنىڭ قولۇمدىنلار كېلىدۇ . مەن ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتىمەن . ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيەدىن دەرس ئالىدۇ . سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئەجنەبىي تىللارنى ئىگىلەيدۇ ، دۇنياغا ئۆز نامىنى تارقىتىدۇ ، — دەپتۇ بىرىنچى پەرىشتە.
     نۆۋەت ئىككىنچىسىگە كەلگەندە، ئۇ دەپتۇ:
    — ئىنسان ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان بايلىق — تىل . ئانا تىل بولىدىكەن ، ۋەتەن ، خەلق بولىدۇ . خەلقنىڭ ئۆمۈر ئۆلچىمىنى ئۇنىڭ تىلى بەلگىلەيدۇ . دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ۋە سېھرىي كۈچ تىلدا بولىدۇ . ئىنسان ئانا ئەللىيىنى تۇنجى بولۇپ ئەنە شۇ ئانا تىلدا ئاڭلايدۇ . مەن ئوغلۇڭنى تىلغا خىيانەت قىلماسلىققا ئۆگىتىمەن . مەن ئۇنىڭغا ناخشا ، چۆچەك ۋە داستانلارنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنىڭ لاتاپىتىڭگە لاتاپەت قوشۇپ تۇرغان ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئۆگىتىمەن .
      بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئالىم پەرىشتە قاقاقلاپ كۈلۈپ ، رەقىبىنى ئەقلى كەملىكتە ئەيىبلەپتۇ . ئوتتۇرىدىكى تالاش–تارتىش ئاخىر جاڭجالغا ئايلىنىپتۇ.
     — جېدەللەشمەڭلار، — دەپتۇ قىز، — يۇرتىمىزدا بىر ئۇلۇغ دانىشمەن بار ، ئۇنىڭ يېنىغا بارىمىز ، ھەممە نەرسە شۇ يەردە ھەل بولىدۇ . ئۇنىڭ ھۆكۈمى مەن ئۈچۈن قانۇن.
     ئۇلار ھېلىقى دانىشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ . ئۇ ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەممە گەپ–سۆزنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، ھېلىقى ‹كەم ئەقىل› پەرىشتىگە دەپتۇ :
    — قىز سېنى ياخشى كۆرەمدۇ–يوق ، بىلمەيمەن . ئەمما ئاتىلىق شەرىپىگە سەن لايىقسەن ». («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» جۇرنىلى 1992–يىل 1–سان، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2003–يىل 1–سانىدىن).
     دەرھەقىقەت ، ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى بۈگۈنمۇ يوقالغىنى يوق . شۇڭا ب د ت مائارىپ -پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى 21–ئەسىردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇنداق ئۈچ تەلەپ قويۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن: بۇلار — بىرىنچى، ئانا تىل قابىلىيىتى ؛ ئىككىنچى ، چەت ئەل تىللىرى قابىلىيىتى ؛ ئۈچىنچى، ئۇچۇر قابىلىيىتى .
     دېمەك ، دۇنيا تەرەققىي قىلىپ ئاخباراتچىلىق ، رادىيو–تېلېۋىزىيە ، ئىنتېرنېت دېگەنلەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىپ ، تەرەققىيات ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇ تىلى بىلەن چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ . ئەمما ئاشۇ تىللارنى ئۆگىنىشتە ئۆزىگە خاس تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىگۈچى ، يېڭىلىققا ، ئىجادىيەتكە يېتەكلىگۈچى ئاچقۇچنىڭ بىزنى تۇغقان ، بىز بىلەن تەڭ يارىلىپ ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ۋە بېيىپ بۈگۈنگە كەلگەن بىر زامانلاردا بىزنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان نەرسىنىڭ باشقا نەرسە ئەمەس ، دەل بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى!
     ھەر خىل تىل ئۆتكەللىرىدە ئۆزىمىزنىڭكىنى جۇلالاندۇرالماي ، باشقىلارنىڭكىگە يېتەلمەي ، ئوتتۇرىدا گاڭگىراپ قالماسلىق ئۈچۈن «قوش تىل» ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ، ئۆز تىلىمىزنىڭ شان–شەرىپى ، ساپلىقىنى قوغداش يولىدا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!
     مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 15:59:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!!!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 15:21:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىر خىزمەتكە چىققان ياشلار ئۆز تىلىدا گەپ قىلىشنى بەك ئېغىر ئالامدۇ؟، ئاغزىغا باشقىچە گەپ كېپكىتىدىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 00:04:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقىدۇ پەقەت خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيمەن، يىغىن-ئۆگىنىش بولۇپ قېلىپ سۆزلەڭ، دېسە «ۋو دې تى خۇي گېن دا جيا يىياڭ» دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىپ جىممىدە ئولتۇرىمەن، كۆكتاتچى خەنزۇ  قېرىنداشلاردىن كۆكتات سېتىۋالغىچىلىك تولا قىينىلىپ گەپمۇ قىلماي سېتىۋالىمەن، ماگازىنغا كىرىپ قالسامغۇ ھېچ سودا قىلالمايمەن، شۇڭا ئۆگىنىۋاتىمەن، ھېچ بىر باشقا چىقمايدۇ، ئانا تىل دېگەن قېنىمغا سىڭىپ كېتىپتۇ...


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 00:19:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ياخشى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قوللايمەن. بولسا پۈتكۈل شىنجاڭدا شۇنداق پائالىيەتنى قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق بىر چارە تېپىپ كىشىلەرگە زېرىكىش تۇيغۇسى بەرمەيدىغان ھالەتتە بۇ پائالىيەتنى ئىلىپ بارسا، بۇ ئىشنى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلسە دېگەننى ئۈمىت قىلىۋاتىمەن.

         كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام.مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق ۋۇجۇدۇمدىكى ئانا تىلىمغا بولغان ئىتىلىش ۋە ئوتلۇق ئىشتىياقىمنى ئىپادىۋىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئۇيغۇرچە خەت يېزىشقا تىرىشىۋاتىمەن، ھەم ئىملا دىققەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ يازغانلىرىغىمۇ دىققەت قىلىپ ئۆگىنىپ تۇرۋاتىمەن. مەن مۇشۇ مۇنبەردە مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىۋالغىنىمدىن، يازالىغىنىمدىن شۇنداق خوش. راسىت گەپنى قىلسام مۇشۇ مۇھىتتىن باشقا يەردە مېنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىش ئىمكانىيىتىم يوق. بەلكىم بەزەنلىرىڭلار بۇ گېپىمگە كۈلىشىڭلار مۇمكىن. مەنمۇ بەزىدە ئۇيغۇرچە يېزىشتىن شۇنداق ئىچىم پۇشىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولۇپ قالغان. كېيىن ئويلاپ باقسام، ئىملانى خاتا يېزىۋېلىپ، توغرا خاتالىقىنى ئايرىلالمىغان، يېنىمدا سورايدىغان ئادەم يوق ۋاقىتلاردا شۇنداق بولۇپ قالغانىكەنمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
469
تۆھپە
197
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 16:33:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى پىششىق ئۈگىنىپ،ئانا تىلدا مەسىلىلەرنى تەپەككۈر  قىلىش،باشقا تىللار ئارقىلىق تەپەككۈر قىلغاندىن ئارتۇقراق بىلىمغا ، تەجىربىگە ئىگە بولىمىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
469
تۆھپە
197
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 16:54:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 17:33:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما، يات تىللارنى ئۆگەنسە نېمە دېگەن ياخشى - ھە؟  ئىنگلىز، فرانسۇز، گېرمان، ئەرەب، ئىسپان، ئىتالىيە، ياپون، تۈرك، ھىند، فارس ۋە ئورۇس ھەم خەنزۇ  تىللىرىنى پوننىي ئۆگەنسە نېمە دېگەن ياخشى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-24 17:46  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 10:52:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى! بىزنىڭ ئانا تىلىمىز باشقا تىللاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ، ئۆزىنىڭ قەدرىنى تېپىشى كېرەك.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 15:38:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قوغداشتا ، ئاسىراشتا ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:38, Processed in 0.085131 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991