كۆرۈش: 13515|ئىنكاس: 1

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
730
تۆھپە
317
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 22:46:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

201.jpg

1.ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلار: ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ خىل ماددىلار بولغاندىن سىرت ئۇنىڭدا يەنە تائۇرېن دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تائۇرېننىڭ مىقدارى ئون ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىكەن.
2. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلار: بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، سەككىز سائەتتىن ئاز ئۇخلىغان %61 بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغان، مەجبۇرىي ئۇخلاپ، نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نۇمۇر سىزىقىغا يەتكەن %39 بالىدىن بىرسىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمىگەن؛ ئەمما، ئون سائەت ئۇخلىغان %76 بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىھال، %11 بالىنىڭ ئەلا، پەقەت % 3 بالىنىڭ ناچار بولغان.
3. داۋاملىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 مىنۇت يۈگۈرىدىغان ھەم گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.
4. ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى بالىلار: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، شاۋقۇن مۇھىتتا ياشىغان يەتتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراش ئىقتىدارى نورمال مۇھىتتا ياشىغان بالىلاردىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياشقا كىرگەندە تىلى چىقىشىمۇ ئارقىدا قالغان. فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋقۇن 55 دېتسىبېل بولغاندا، بالىنىڭ خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى % 4.3 بولغان؛ شاۋقۇن 60 دېتسىبېل بولغاندا، خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئۆرلەپ % 15كە چىققان. ياپونىيەلىك ئالىملار خۇش پۇراقنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يەنى خۇش پۇراق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمى، ئىنكاسى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىناق ئائىلە مۇھىتىمۇ بالىلارنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەن.
5. ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغان بالىلار: تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ناشتا قىلمىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پەرۇق
تىللا
194
تۆھپە
92
UID
5431
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 13:40:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، چۈنكى كەلگۈسى دۇنيا بالىلارغا مەنسۇپ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:05, Processed in 0.071421 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991