كۆرۈش: 2057|ئىنكاس: 1

بىر مەجنۇننىڭ مۇھەببىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
629
تۆھپە
142
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 22:29:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر مەجنۇننىڭ مۇھەببىتى


ئىبراھىم ئالىپتىكىن


جەننەت


تۇرىدۇ قۇياشنىڭ نۇرىدا كۈلۈپ ،

شەھەرنىڭ سىرتىدا بىر يالغۇز كەپە .

باقىدۇ چىرايلىق ئۆز قۇشلىرىنى ،

ئۇنىڭدا ئىنسان يوق ،باردۇر پەرىشتە .



جىممىدە ئۆتىدۇ ئۇندا ھاياتلىق ،

يوق ئۇندا رەزىللىك ،جىنايەت -كۈلپەت .

يوق ئۇندا ھاقارەت ھەتتا ئاغرىنىش ،

بىلەمسەن ئۇ جەننەت ، ئاھ شۇدۇر جەننەت ...



ئۇ دەريا ئېيتىدۇ قىز ناخشىسىنى



مەن ئاددىي ئۆيۈمدە ياغاچ كەپەمدە ،

ئاڭلايمەن دەريانىڭ شاېقۇنلىرىنى .

ئۇ دەريا ئېيتىدۇ قىز ناخشىسىنى ،

ئۇلغايتىپ سېغىنىش يالقۇنلىرىنى ...


شېرىن چۈش كۆرىدۇ تۈندىكى قۇشلار ،

ياپراقلار  كۈلىدۇ  مەيىن  شامالدا .

تاشلاردىن -تاشلارغا ئۇرۇلغان سۇلار ،

ئۇزايدۇ يىراققا بەكمۇ يىراققا ...


چىغىر يول ئىچىدە بارىمەن ئاستا ،

تاڭ ئېتىپ قالغاندۇ ئۇ يەردە بەلكىم .

قولۋىقىم دەريادا چاقىرار مېنى ،

قۇياشقا تەلپۈنگەن ئېزگۈ يۈرىگىم .



تۇپراق


كەل ئامرىقىم ، سۆيگەن گۈزىلىم ،

ئەقىدەم بار يىقلمايدىغان .

بار چېھرىمدە تەبەسسۈملىرىم ،

يەرگە چۈشۈپ چېقىلمايدىغان .


ئۈششۈك تەككەن تال چىۋىقلرىم ،

ساڭا سالام بەرگەن ناتىۋان  .

دەرت -ئەلەمگە بەرگەن تەسەللىي ،

ئۇلۇغ زىمىن سەن بىر مېھرىبان .


كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يەردىن ،

ئۇچۇپ كەلگەن بىر ئېزگۈ سادا .

ئۇزاق يىللار سېغىنغان تەندىن ،

ئېقىپ چىقار بىر غەمكىن ناخشا .



كەل ئامرىقىم ئەلەملىك تۇپراق ،

قۇلىقىڭغا يەتسۇن سۆزلىرىم .

يىغلىۋالسام دەيمەن بۇلدۇقلاپ ،

ئارام تاپسۇن ئېزىلگەن كۆڭلۈم ...



مەنبە  :تارىم ژورنىلى 2012 -يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى .


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:06:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بولىدىغان ياخشى شئىر ئىكەن تەشەكۈر.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 15:25, Processed in 0.071363 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991