بىر مەجنۇننىڭ مۇھەببىتى
ئىبراھىم ئالىپتىكىن
جەننەت
تۇرىدۇ قۇياشنىڭ نۇرىدا كۈلۈپ ،
شەھەرنىڭ سىرتىدا بىر يالغۇز كەپە .
باقىدۇ چىرايلىق ئۆز قۇشلىرىنى ،
ئۇنىڭدا ئىنسان يوق ،باردۇر پەرىشتە .
جىممىدە ئۆتىدۇ ئۇندا ھاياتلىق ،
يوق ئۇندا رەزىللىك ،جىنايەت -كۈلپەت .
يوق ئۇندا ھاقارەت ھەتتا ئاغرىنىش ،
بىلەمسەن ئۇ جەننەت ، ئاھ شۇدۇر جەننەت ...
ئۇ دەريا ئېيتىدۇ قىز ناخشىسىنى
مەن ئاددىي ئۆيۈمدە ياغاچ كەپەمدە ،
ئاڭلايمەن دەريانىڭ شاېقۇنلىرىنى .
ئۇ دەريا ئېيتىدۇ قىز ناخشىسىنى ،
ئۇلغايتىپ سېغىنىش يالقۇنلىرىنى ...
شېرىن چۈش كۆرىدۇ تۈندىكى قۇشلار ،
ياپراقلار كۈلىدۇ مەيىن شامالدا .
تاشلاردىن -تاشلارغا ئۇرۇلغان سۇلار ،
ئۇزايدۇ يىراققا بەكمۇ يىراققا ...
چىغىر يول ئىچىدە بارىمەن ئاستا ،
تاڭ ئېتىپ قالغاندۇ ئۇ يەردە بەلكىم .
قولۋىقىم دەريادا چاقىرار مېنى ،
قۇياشقا تەلپۈنگەن ئېزگۈ يۈرىگىم .
تۇپراق
كەل ئامرىقىم ، سۆيگەن گۈزىلىم ،
ئەقىدەم بار يىقلمايدىغان .
بار چېھرىمدە تەبەسسۈملىرىم ،
يەرگە چۈشۈپ چېقىلمايدىغان .
ئۈششۈك تەككەن تال چىۋىقلرىم ،
ساڭا سالام بەرگەن ناتىۋان .
دەرت -ئەلەمگە بەرگەن تەسەللىي ،
ئۇلۇغ زىمىن سەن بىر مېھرىبان .
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يەردىن ،
ئۇچۇپ كەلگەن بىر ئېزگۈ سادا .
ئۇزاق يىللار سېغىنغان تەندىن ،
ئېقىپ چىقار بىر غەمكىن ناخشا .
كەل ئامرىقىم ئەلەملىك تۇپراق ،
قۇلىقىڭغا يەتسۇن سۆزلىرىم .
يىغلىۋالسام دەيمەن بۇلدۇقلاپ ،
ئارام تاپسۇن ئېزىلگەن كۆڭلۈم ...
مەنبە :تارىم ژورنىلى 2012 -يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى .