بالىڭىز ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇمدۇ؟
ئەسسالام تورداشلار. ئاۋال قىممەتلىك ۋاقىتىڭلارغارەھمەت. مەن بولسام شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 2009 يىللىق ماتىماتىكا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى بولغاچقا مەكتەپنىڭ تەلىپى بويىچە 3ئاي پراكتىكا قىلىشىم كېرەك ئىدى. شاڭخەينىڭ تەرەققىي قىلغان مائارىپ سۈپىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشىمايدىغان مائارىپ ئەندىزىسىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە پراكتىكا قىلىشنى قارار قىلغان. ئويلىغىنىمدەك، شاڭخەي شەھەرلىك چىباۋ ئوتتۇرا مە كتىپىدە پراكتىكانت ئوقۇتقۇچى بولۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردۈم.چىباۋ ئوتتۇرا مەكتىپى شاڭخەيدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مە كتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تولۇقسىزدىن قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 585نومۇر ئەتراپىدا (ئومۇمى نومۇر 630نومۇر ). شۇنداقلا چىباۋ ئوتتۇرا مەكتىپى تۇنجى قارار شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ بىرى. بۇ مەكتەپكە كېلىپ بايقىغىنىم مەكتەپنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئوقۇتۇش كەيپىياتى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بولدى. مەن تۆۋەندە نۇقتىلىق شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزۈم بايقىغان ئەھۋاللىرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى . ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى: شۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى مەكتەپنىڭ شىنجاڭ بۆلۈمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ كوزۇرلىرى . نەچچىسى ھەتتا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىرى.خېلى ئۇزۇن خىزمەت تارىخىغا ئىگە پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ۋېن مۇئەللىممۇ شاڭخەيدە خېلىلا نامى بار ماتىماتكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىرى.(شاڭخەينىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ) ۋېن مۇئەللىىم تولۇق بىرىنچى يىللىق ۋە تەييارلىق سىنىپنىڭ دەرسىنى ئۆتىدۇ، مۇئەللىمىنىڭ دېيىشچە ئۇ شىنجاڭ بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بوپتۇ. مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرسكە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن مەكتەپنىڭ غەمخورلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇئەلۋەتتە ! ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى:ئەلۋەتتە بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇۋاتقانلار بولسا يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى. بولۇپمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشىلار. بىراق تاغنىڭ كەينىدە تاغ بار دېگەندەك شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى مەنبەسى دېيىشكە بولمايدۇ. (بۇ يەردىكى ياخشى –ئاساسلىق ئۆگىنىش ئەھۋالى كۆزدە تۇتىلدۇ ) .شاڭخەيلىك خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ 630 نومۇرلۇق ئىمتىھاندىن 585 ئېلىش ئاسان ئەمەس. بۇ نومۇر سىزىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى سەل چۆچىتىدۇ. (بۇ يەردە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ بۇنداق يۇقىرى نومۇر سىزىقىنى جىق ئاڭلاپ كەتكەچكە ماڭا پەۋقۇلئادە بىلىنىپ كەتمىدى ).بۇ نومۇر سىزىقدىن ئوقۇرمەنلەر شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلار بىلەن شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى ئازدۇر-كۆپتۇر تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. دېمەك تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەتچىلەر بۇيەردە شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئەلاچىلارنى ساقلاۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تۇرمۇش شارائىتى : ئەلۋەتتە بۇ ئاتا-ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ياتاق شارائىتلىردىن غەم قىلىشنىڭ ئورنى يوق. نۇرغۇن ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ شارائىتىدىن ياخشى دېيىشكەبولىدۇ. تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە تازلىق ئۆلچىمىمۇ ناھايىتى قاتتىق تۇتۇلىدۇ. بالىلار كۆنەلمەيدىغىنى بولسا تاماقنىڭ خىلى.ئۆيدە ئادەتلەنگەن لەغمەن ،پولولارئانچە-مۇنچە ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئاساسلىق تاماق يەنىلا گۈرۈچ تامىقى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار كۆنۈپ بولغىچە سەل-پەل قاقشاپ قويىدىكەن. يەنە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسنى سېغىنىپ يىغلاپ كەتكىنىنى ئىشخانىدا باشقا مۇئەللىملەردىن ئاڭلاپ قالىمەن. بۇنداق ۋاقىتتا چىداڭلار ئۇكىلىرىم ،مىللەتنىڭ،خەلىقنىڭ كۆزى سىلەردە دىگۈم كېلىدۇ ۋە شۇ بالىلارنىڭ غەيرىتىگە قايىل بولۇپ كېتىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى:ئەلۋەتتە بۇيەرگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر،ئەلاچىلىرى. شۇڭا نۇرغۇنلىرى تىرىشىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى رازى قىلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ يەردە تەلەپ ناھايىتى قاتتىق، تاپشۇرۇقمۇ جىق ھەم قىيىن، شۇڭا بىزنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇ مەكتەپنىڭ تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە بەلگىلىك ۋاقىت ۋە توختىماي تىرىشىش روھىغا مۇھتاج. نەچچە ھەپتىلىك تاپشۇرۇق ۋە بىر قېتىملىق سىناق ئارقىلىق شىنجاڭدىن كەلگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسدىمۇ خېلى پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بىر ئىش بىر كۈنى ئەتىگەندەسائەت 6:30دا ئاشخانىغا چىقسام ھەممە ئوقۇغۇچىلار جىمىجىت كىتاپ كۆرۈۋېتىپتۇ(ئەسلى چېنىقىدىكەن،بىراق مەيداننى رېمونت قىلۋاتقاچقا ئامال بولماپتۇ) ئاشخانىدىكى بۇ جىمجىت ئۆگىنىش كەيپىياتىنى كۆرۈپ نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم.پەقەتلا كۆڭلىمنىڭ ئىچ-ئىچىدىكى قايىللىق، تەسىرلىنىش، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلدىم. ئائىلىدە ئەركە خاراكتىرلىنىپ قالغان بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلىرىمىز بۇ يەردىمۇ بەزى قىلىقلارنى چىقىرىپ ئوقۇتقۇچىلارنى خاپا قىلىدىغان ھەتتا مەكتەپ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويىدۇ، مېنىڭچە بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.ئۆگىنىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەل قىلغان بىلەن،لېكىن ئىش –ھەرىكەتتىكى ناچار ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئامال قىلالىشى ناتايىن. بۇ قېتىم مۇشۇنچىلىك يازاي، يېقىندا ئۆزۈمنىڭ كۈزەتكەنلىرىم،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىنكاسلىرى ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى ئاساسىدا بىرەر نەرسە يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلەر، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر!!
|