نىكاھ تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن بىر ئىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىزلەر، يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى باشقىلارغا ئېيتالماي بەك ئازاپلىنىپ كەتتىم .مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن بۇئىشنى كىچىك بىر ھېكايە قىلىپ سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلانغا سۇندۇم .
2012-يىل 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئالىم ئىككىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك قىلدۇق.بۈگۈن ئارام ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئالىم بۈگۈن يېزىدا نەق مەيدان يىغىنىغا تەييارلىق قىلماقچى ئىدۇق دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، مەن ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم .تېلېفونۇم سايرىدى، ئۇ دوستۇم گۈزەلنۇر ئىكەن ،ئۇ ماڭا:
- ئاداش بۈگۈن ئارام بولغاندىن كېيىن تاماق يىگەچ بازار چۆگىلەپ كېلەيلى،- دېدى.
مەن ئۇنىڭغا ئىتتىكلا قوشۇلدۇم ، ئىككىمىز كۆرىشىدىغان يېرىمىزنى دېيىشىپ تېلېفوننى قويدۇق .يېرىم سائەتتىن كېيىن بىز كۆرۈشتۇق ،ئاۋۋال تاماق يېيىش ئۈچۈن ناھىيىمىز بويىچە خېلى چوڭ ھېسابلىنىدىغان زەيتۇن تېز تاماقخانىسىغا كىردۇق .
چۈش بولغاچقىمىكىن ئادەم شۇنداق جىق ئىدى ،بىر قىز كۈتكۈچى كېلىپ بىزنى باشلىدى .كۈتكۈچىنىڭ ئارقىسىدىن بىر قەدەم ئېلىشىمغىلا ئاھ خۇدا ئۇ ئالىمغۇ ؟ بېشىمغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك تۇرۇپلا قالدىم .شۇتاپتا دۇنيا تاردەك بىلىندى .نېمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم .چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم، بىراق گۈزەلنۇر :
-نېمىدىن قورقىسەن؟نېمىگە جىددىيلىشىسەن، خاتالىقنى سەن ئۆتكۈزمىسەڭ ،يۈرە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۈستەلگە
بېرىپ ئولتۇرىمىز -دېدى.
بىز ئۇلارنىڭ ئۇدۇلدىكى 2كىشلىك ئۈستەلدە ئولتۇردۇق. دەسلەپتە ئۇ مېنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ ،ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچراشتى ،ئۇنىڭ چىرايى تامدەك سارغىيىپ كەتتى ،شۇچاغدا كۈتكۈچى كېلىپ تاماق سورىمىغان بولسا، قاچانغىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆز ئۇرىشى قىلاتتىمكىن تاڭ . گۈزەلنۇر ئىتتىكلا:
-يېرىمدىن 2سومىيەن 4زىخ كاۋاپ 2پىيالە قېتىق ،-دەپلا ،- پۇلنى ئاۋۇ ئۈستەلدىكى يىگىت تۆلەيدۇ ،-دەپ ئالىمنى كۆرسىتىپ قويدى .ئالىم ھېچ ئىككىلەنمەيلا يېنىدىن 100يۈەنلىك پۇلنى ئېلىپ كۈتكۈچىگە تەڭلىدى.ئۇنىڭ يېنىدىكى قىز بولسا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ئولتۇرىۋەدى .ھېلىقى قىز بولسا 25-26ياشلاردىكى بۇغداي ئۆڭ چاچلىرى بۇدىرە سېرىق، ئۇ كىيىۋالغان كىيىملەرنى تىلغا ئالماي .ئۇنىڭ قانداق كىيىنگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان .
ئالىم ئاستا مەن ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدى .مەن ئۇنىڭغا :
-چىقىپ كېتىڭ ،ئۆيگەبارغاندا پاراڭلىشايلى ،ھازىر سىزنى كۆرە كۆزۈم يوق، - دېدىم.
ئالىم ئۇ ئۈستەلدىكى قىزغىمۇ پەرۋا قىلماي چىقىپ كەتتى.ئۇ قىز بولسا ھېچ ئىش يۈزبەرمىگەندەك ئولتۇرىۋەردى. شۇتاپتا تاماقنى ئېغىزىمغا يىدىممۇ، بۇرنىمغا يىدىممۇ بىلمەيمەن. كاللام قۇپقۇرۇق،نېمىنى خىيال قىلغىنىمنىمۇ، نېمىنى ئويلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.گۈزەلنۇرنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا پەقەتلا كىرمىدى.بۇ دۇنيا تاردەك بىلىنىپ ،مەن بۇ دۇنياغا پاتمىغاندەك بىلىندى.
ئالىمغا شۇنچە ئىشىنەتتىمغۇ ؟ئۇنى بارلىقىم دەپ بىلەتتىمغۇ ؟بارلىق مېھرىمنى ئۇنىڭغا ۋە پەرزەنتىمگە بېغىشلىشانتىمغۇ؟
ئاھ خۇدا مەن نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغۇيتتۇم.
ئىجازەت بەرسەڭلەر قالغانلىرىنى كېيىن يازاي ،ھېچ ماجالىم قالمىدى .
مەنبە: ئۆزۈم