ئىگىسى: dolankizi

نىكاھ تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن بىر ئىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
276
تۆھپە
145
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 15:22:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم - ئاچا نىمە لاغايلاپ يۇرىسەن ، نىمە بولدى ؟
-ھىچنىمە
-نەگە ماڭدىىڭ ؟
-ئۆيگە
-مەن ئاپىرىپ قوياي ،چىقە .
مەن ماشنىغا چىقتىم ،ئىنىم مىنىڭ بۇھالىمنى كۆرۇپ دادام ، ئاپامغا بىر نەرسە دىمىسە بۇلاتتىغۇ دەپ ئەمدى ئىغىزىمنى ئېچىشىمغىلا ئۇ ئۇلاپلا :
-ئاچا بىلىمەن تۇرمۇشتا ئۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ .دادام،ئاپامغا ئېتمايمەن .دېدى
مان ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن خۇددى بىر ئىشلارنى بۇرۇنلا بىلدىغاندەك ھىس قىلدىم ،ئەمما سۇراشقا پىتىنالمىدىم
بىردەمدىلا ئۆيگەكىلىپ بولدۇق .بەشىنچى قەۋەتكە قانداق چىقىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئۆيگەكىرىشىمدىلا ئۇ ماڭا
تىزلاندى،ئۇ توختىماي كەچۇرۇم سۇراپ سىزگەيۇز كىلەلمەيمەن .دىدى.  مەن ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماي ياتاق ئۆيگە ماڭدىم .ئۇيەنە :
-بىر ئەرنىڭ ئايالى ئالدىدا تىزلىنىشىنى ئاسىان دەمسىز ؟بىر ئازماس اللا ، بىز بەندە خام سۇت ئىچىپ چوڭ بولغان ،بىر قىتىممۇ پۇرسەت بەرمەمسىز؟سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ،نىمەدىسىڭىز نىمە قىلسىڭىزمەيلى لىكىن ئاجىرشىمىز دىگەن گەپنى ئىغىزىڭىزغا ئالماڭ .
مەن ئۇنىڭ ئۇ گەپلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماي ياتاق ئۆيگەكىرىپ كىتىپ بار ئاۋازىمنى قۇيۇېىتىپ يىغلىدىم .قانچە ئۇزۇن يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا پۇت -قۇللۇرۇم ئۇيۇشۇپ قالغانى مەلۇم بۇلۇپ سەل مىدىرلىدىم ، سائەتكە قارىسام كىچە سائەت 4 بوپتۇ ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تازلىق .ئويىگە ماڭدىم .ئىشىكنى ئىچىشىمغىلا ئۇ ئالدىمغا يىقىلدى :
ۋاي ،سىزگە نىمە بولدى ؟ ئالىنجان .
ئۇنىڭمۇ پۇت-قۇللىرى ئۇيۇشۇپ قىتىپ تاشتەك بۇلۇپ كىتىپتۇ ،تۇنۇگۇن چۇشتىن كېيىن سائەت 3تىن باشلاپ ئىشىك تۇۋىدە يۇكۇنۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ماڭا چۇشەندۇرەي، دېدى  . مەن ئۇنىڭغا :
-بولدى ،چۇشەندۇرمەڭ ،مىنىڭ ئاڭلىغىم يوق .ئاڭلىسام بەك ئازاپلىنىپ كىتىمەن ،ئۆتۇپ كەتكەن ئىش ئۆتۇپ
كەتتى،قايتا تەكرالانمىسىلا بولدى .كىرىپ ئۇخلاڭ ،دېدىم . ئۇ:
راستىنلا مىنى كەچۇردىڭىزما، ئەمدى  بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەرگىز سادىر بولماسلىققا ۋەدە بىرەي ،دېدى .
مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بۇلدۇردۇم .مەن گەرچە ئۇنى كەچۇردۇم دېسەممۇ كوڭلۇمنىڭ نىر يەرى  ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۇشكە يول قويمايۋاتىدۇ .
بۇئىشلارنىڭ ئۆتۇپ كىتىشىنى ، ھەممە ئىشلارنىڭ ئۆز ئەسلىگە كىلىشىنى ،ئاشۇ بەخىتلىك كۇنلىرىمىزنىڭ بىر
ئۆمۇر داۋاممىشىشىنى  ئۇلۇغ اللادىن تىلەش ئۈچۇن جەيناماز ئالدىغا كەلدىم .





Rank: 4

تىللا
276
تۆھپە
145
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 15:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 21:17
قېرىندىشىم بەدرەم بولۇڭ ، مېنىڭ بېشىمغا بۇنىڭدىنمۇ ئې ...

  ھىسىياتىمغا ئورتاقلاشقىنىڭىزغا  رەخمەت .


Rank: 4

تىللا
276
تۆھپە
145
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 15:25:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAPITA يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 00:33
جاھاندىكى ئەڭ كۆڭۇلسىز چۈشلۈك تاماق بوپتۇ.
بۇ تاما ...

ھە  شۇنداق بولدى .


Rank: 4

تىللا
276
تۆھپە
145
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 15:28:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pahiray يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 20:14
داۋامىنى تىزراق يازارسىز ،بۇ ئىشلارغا كۆڭلىڭىزنى يىرى ...

توغرا پەرزەنتىمدە گۇناھ يوق . مەنمۇ شۇنى ئۇيلاپ  ئۇنى كەچۇرۋەتتىم . بوپتۇمۇ ؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1603
تۆھپە
362
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 15:32:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolankizi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 15:28
توغرا پەرزەنتىمدە گۇناھ يوق . مەنمۇ شۇنى ئۇيلاپ  ئۇنى  ...

ناھايىتى ياخشى قىپسىز،بۇنۇڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بەختلىك  بۇلشىنى تىلەيمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2181
تۆھپە
1044
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 16:37:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا  خاتالىقىنى تونۇغانلىقى  ، بۇنداق ئىشنى قايتا تەكرارلىماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكى ياخشى بوپتۇ ، سىزمۇ ئۇنى كەچۈرۈپسىز ، بۇ قىلغىنىڭىزمۇ  توغرا بوپتۇ ، چۈنكى بالىڭىز ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلسە ، بۇ ھەر ئىككىڭلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بەخت . بىز ئاياللارنى بەزىلەر‹ ئىچى تار›  دىيىشىدۇ ، ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ كۆڭلى - كۆكسىمىز كەڭ ، نۇرغۇن ئىشلارنى كۆز ياشلىرىمىزغا زورلاپ ئۆتكۈزۋېتەلەيمىز ، باشقىلارنى خۇددى سىزدەك كەچۈرۋېتەلەيمىز .
  سىزنىڭ ئاشۇ كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ھىساپتا ياخشى بوپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئەگەر سىز كۆرۈپ قالمىغان بولسىڭىز،  بەلكىم ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ سىزگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرىشىمۇ مۈمكىن ئىدى . دىمەك سىزمۇ دەل ۋاقتىدا بايقاپسىز ، يولدىشىڭىزمۇ  ئۇ يولدىن يېنىپتۇ . بۇ ياخشى ئىش . بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا ئۇ ئىشنى ھەرگىز تەگىمەڭ ، ئۇنىڭ يۈزىگە سالماڭ ، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ ، ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ . شۇ چاغدىلا ئۇ سىزدىن باشقا ئايالغا مۇھتاج بولمايدۇ . سىزدىن ئايرىلمايدۇ .
بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا يولدىشىڭىز بىلەن بەختلىك ، خاتىرجەم ياشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !


Rank: 4

تىللا
276
تۆھپە
145
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 17:30:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 16:37
ئۇنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا  خاتالىقىنى تونۇغانلىقى  ، بۇ ...

رەخمەت سىزگە. تەكلىپىڭىز ناھايتتى ئورۇنلۇق ، كۇچۇمنىڭ يىتىششىچە تىرشىمەن .


Rank: 2

تىللا
147
تۆھپە
47
UID
24964
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:22:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى قىپسىز ،ئازمايدىغان ئادەم يوق ،بۇ ئىشلارنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ ،بەلكىم بىر مەزگىل ئىسىڭىزدىن چىقماسلىقى مۇمكىن ،ئون يىغىنىڭ بىر كۈلكىسى بار ئەمەسمۇ ،بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ ،يۇرەك پارىڭىزنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ،پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاڭ .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
217
تۆھپە
83
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:48:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەتلىك بۇلۇڭ ، ‹خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق ،ئەمما خاتالىقىنى تۇنۇغان ئادەم ياخشى ئادەم ›دەپ ئېيتقان ئۇلۇغ داھى ماۋزېدۇڭ. ئەمدى راس گەپكە كەلسەك بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى ئۇيلاپ ياخشى ئۈتۈپ كىتىڭ ، غەيرەتلىك بۇلۇڭ ،يۇقىرقى بەزى تورداشلىرىمىز دىگەندەك يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگە بۇئىشلارنى سېلىۋەرمەڭ . يولدىشىڭىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك ئويلاڭ ، قىززىق قانلىق قىلىپ ئاجىرىشىىشقا ھەرگىز بولمايدىكەن ، مىنڭ قېيىن سىڭلىم شۇنداق جىددى ئاجىرىشىپ كەتكەن ئىدى ، مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 3يىل بولدى ، قىزى 7ياشقا كىردى ، سىڭلىمىز مۇشۇكۈنلەردە تۇرۇپ -تۇرۇپ ‹ئالدىراپ ئاجىرىشىپ كەتمىسەم بوپتىكەن ،قىزىم بارغانسىرى مۇشۇنى بەك سورايدۇ نىمىشقا دادام بىلەن بىللە تۇرمايمىز دەپ ›دەپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى ، بۇنداق دىسەم مۇنبەردىكى ئەر مۇنبەرداشلار ‹ئايال كىشى ھامان پۇشمان قىلىشىدۇ ئاجىراشقانغا › دىيىشى مۈمكىن . ئاجىرىشىشقا بېرىپ تاقالغىدەك ئەڭ كۆڭۈلسىز ئىش بولمىسىلا قىز -ئاياللىرىمىز يەنىلا قانچىلىك قىيىنچىلىق بولسىمۇ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، بىز ھېچقاچان بىرەر چوكاننىڭ ئائىلىسىنىڭ نامىراتلىغىدىن ،يولدىشىنىڭ كىسەل يىتىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئاجىرىشىپ  كەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق . ئاجىراشقانلارنىڭ كۈپىنچىسى :3-شەخىس سەۋەبىدىن . چۈنكى ھەرقانداق بىر ئەرگە نىسبەتەن ئايالىنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشى بەك ئېغىر نۇمۇس ئىش بولسا ، بىر ئايال زاتى ئۈچۈن 3-شەخىسنىڭ بۇلىشى ئاسمان گۈمىرىلىپ چۈشكەن بىلەن باراۋەر .ھەرقانداق ئايال تۇرمۇشتىكى قاتتىقچىلىقلارغا،ئېرىنىڭ قىمار ئۇيناپ قەرىز بۇلۇپ قىلىشلىرىغا ،يولدىشىنىڭ ئېغىر كىسەل تارتىشىغا ئۈن-تىنسىز ھېچبىر تاماسىز بارلىقىنى ئاتاقىلىدۇ .يىڭى تويقىلغاندا تۇرمىشى ياخشى بولمىسا پۇتۇن ياشلىقىنى دەسمايىگە سىلىپ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا تۇرمۇش ،خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن تىرىكىشىدۇ .نەتىجىدە ۋاقىتسىز 30ياشقا كىرىپ 40ياشنىڭ قىياپىتىگە كىرىپ قالىدۇ ،تۇمۇش ياخشىلىنىدۇيۇ  يېڭى تىراگىدىيە باشلىنىدۇ . شۇڭا بەزەندە مەنمۇ شەخسەن ئويلاپ قالىمەن ‹ مەن ھەرگىز ياشلىقىمنى بىراقلا ئاتا قىلۋەتمەي جۇمۇ ، راھەتلىنىدىغان يەرلەردە راھەتلىنەي ،ئازىراق ئارام ئىلۋاغۇدەك پۇرسەت بولسا ئارام ئىلۋالاي ، بالامنى ياخشى تەربىلەيدىغانغا ئىنىرگىيە تۇلۇقلاي ،ئۆزۈمنى ئاسىراي ›دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە تەكىتلەپ تۇرىمەن . يولدۇشۇممۇ بۇقاراشلىرىمنى بىلىپ بولدى ،بەزەندە ئۇنتۇپ قىلىپ بەكىرەك ئىشلەپ كەتسەم ‹خىزمەت بىسىمى  ئېغىر ، ھىلىقى تاكتىكىلىرىڭلىنى ئۇنتۇپ قالماڭلا ،ئۆزەڭلىنى ئاسراڭلا ،مەن بىلەن بالىغا سىلى كېرەك ›دەپ قۇيىدۇ تېخى . شۇڭا سىزمۇ بەزەن ئىشلارغا تاكتىكا قوللىنىڭ ، كاللىڭىزنى ئىشقا سىلىڭ ، بالىڭىزنى ئويلاڭ . بەك تاقا تۇقۇ سۆزلەپ كەتتىم . دىمەكچىمەنكى ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، چۈنكى ھايات ،ياشلىق بىرقىتىم كىلىدۇ . ئۇنى مەنىلىك مەنىسىز ئۆتكۈزۋېتىش سىز ۋە مىنىڭ قۇلۇمدا  !گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن  بىللە تىرشايلى!


Rank: 2

تىللا
91
تۆھپە
42
UID
3840
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:28:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قلغىنىڭىز توغرا بوپتۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 16:35, Processed in 0.068389 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991