كۆرۈش: 16116|ئىنكاس: 20

جىننىڭ ھېكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:58:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جىننىڭ ھېكايىسى


ئەسكەرتىش: قورقۇنچاقلارنىڭ كۆرۈشى قەتئىي چەكلىنىدۇ


     5 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، مەھەللىمىزدە بىر قەبرىستانلىق بولىدىغان،ئۆيگە بېرىش يولىدا شۇ قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. كۈندۈزىغۇ ھېچ گەپ ئەمەس،لېكىن كەچ قېلىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا، قورقۇپ تىترەپ،مەھەللىدە بولۇنغان جىننىڭ ھېكايىلىرى ئېسىمگە كېلىۋېلىپ يۈگۈرىگىنىمچە ئاران ئۆتەتتىم.
    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، بىر كۈنلەردە قەبرىستانلىق ئورنىغا باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىندى. مەكتەپتىن مەھەللىگە قاتنايدىغان قاتناش قوراللىرى سەپلىنىپ، يوللار قىسقىراپ خېلى قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنتى. كېيىنچە مەكتەپكە سومكا ئېسىپ ماڭغان بالىلارنى كۆرسەم، مېنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئوقۇغۇم كېلىپ كېتەتتى. ئاخىرى تاقىتىم توشۇپ ئۆيدىكىلەرگە ئوقۇش توغرۇلۇق مەسلىھەت سېلىپ يىغلاپ يۈرۈپ، شۇ مەكتەپكە كىرىۋالدىم.
      يىللار ئۆتۈپ،ئايلار ئۆتۈپ 3يىللىققىمۇ چىقىپ قاپتىمەن،ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن ھە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇرۇپلا مەكتەپتە غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن مەكتەپتە جىن ئەرۋاھ بارلىقىنى توغرۇلۇق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم. بەزىدە تەنەپپۇس ۋاقىتلىرى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر توپ بولىۋېلىپ،بۇرۇنقىدەك جىننىڭ پاراڭلىرىنى سوقىدىغان بولىۋالدىم.پاراڭنى جىق سالغان بىلەن ئۆگىنىش نەتىجەم يىللىقلار بويىچە خېلىلا يۇقۇرى ئىدى.
بىر ۋاقتىسى سىنىپتا مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.قېيىشقاندەك ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئويغاتماي كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ سائەتكە قارىسام كەچ سائەت 12 بولۇپ كېتىپتۇ.قورققىنىمدىن تاسلا قالدىم ھوشۇمدىن كەتكىلى...
     قورقۇنۇش ئىچىدە ئالدىراپ تىنەپ سىنىپتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم،زال ئىچى زۇلمەتتەك قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى.
     قورقۇنۇش ئىچىگە تېخىمۇ قورقۇنۇش قوشۇلغان ئىدى،ماڭسام ئارقىمدىن بىرسى مەن بىلەن تەڭ مېڭىۋاتقاندەك سېزىم بولاتتى.
     يۈگۈر گىنىمچە مەكتەپ قورۇسىغا چىقىۋالدىم، قېيشقاندەك بۈگۈن شامالنىڭ گۈركىرەپ چىقىپ كەتكىنى، قورقۇنۇش ئىچىدە ئەتراپقا بىر قۇر نەزەر سېلىۋەتتىم.دەرەخلەر مىدىرلاپ ھېلىلار شاخلىرى بىلەن مېنى باغلاپ قاياقلارغىدۇر ئەكىرىپ كېتىدىغاندەك،جىنلارنىڭ قېنىمنى شوراپ گۆشۈمنى شورپا قىلىپ ئىچىدىغاندەك ئويلار كاللامدىن ئەگىپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
     ئوي خىياللار بىلەن مەكتەپ سىرتىغىمۇ چىقىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەپتىمەن.
    چوڭقۇر ئۈمىد بىلەن ئاپتوبۇس بېكىتىدە،ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.
     ئاھ،خۇدا يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى،يېنىمدىن بىر نەرسە غىل-پال ئۆتۈپ كەتكەنىدى.ئۇ نەرسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇرۇۋاتاتتىم.كاللامغا بىر ئۇقۇم كەلگەنىدى،ئۇ بولسىمۇ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن ئاق كىيىملىك ئۇزۇن چاچلىق جىن...
قورقۇنۇشتىن پۈتۈن بەدىنىم ئۆزەمنىڭ ئەمەستەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
-قورققىنىمغا قارىماي، ئارقىمغا ئاستا ئۆرىلىپ قاراشقا تەمشەلدىم.
     ئۇف، ئەسلى بىر قارا مۈشۈككەندۇق ئەمەسمۇ...يۈرۈكۈم سەل ئورنىغا چۈشكەندەك بولدى.
    تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر نۇر پەيدا بولدى، تېنىمنى سەل ئەنسىزلىك قاپلىدى. نۇر بارا-بارا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. نۇر ئىككىگە ئايلاندى.
    يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى،جۈپ نۇر بارغانسىرى ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.
    يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ئۇنىڭ مەن كۈتۈپ تۇرغان ئاپتۇبۇس ئېكەنلىكىنى بىلدىم.رېتىمسىز سوققان يۈرۈگۈم،سەل رېتىمىغا چۈشكەندەك بولدى.
    خوشاللىق ئىچىدە ئاپتوبۇسنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىنى ساقلىدىم،ئاپتوبۇسنىڭ سۈرئىتى ئادەمنى بىسارەمجان قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاستا ئىدى.
    ئاخىرى ئاپتۇبۇس يېنىمغا كېلىشكە باشلىدى.
    ئاھ،خۇدا نېمە ئىش بۇ؟ ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ئادەمزاتى يوققۇ؟
    يۈرۈگۈم قېپىدىن چىكەتكۈدەك بوپ كەتتى.پۇت قوللىرىمدا جان يوق.
    ئاپتۇبۇس يېنىمدىن ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىشكە باشلىدى.ئەجىبا بۇ ئاپتۇبۇس ئىچىدە جىن بارمىدۇ؟ ھىم...
شۇ قورقۇنۇش خىياللار ئىچىدە تۇرسام،بىرسى چاقىرشقا باشلىدى.
    ئەنسىزلىك ئىچىدە ئەتراپقا قارىدىم،ئاۋازنىڭ ئاخىرى ئاپتوبۇس ئارقىدىن كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم.
بىرىپ قارىسام بىر قانچەيلەن،ئاپتوبۇستا ماي تۈگىدى دەپ ئارقىدىن ئىتتۈرىۋاتقۇدەك...!
______________________________________________________----
ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا يازغاچقا ياخشى چىقماي قالدى،شۇنداقتىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر...
جىننىڭ ھېكايىلىرىنى بىلىدىغانلار بولسا قۇرۇق ئىنكاس يازماي سىلەرمۇ ئېيتىڭلار بىللە ئاڭلايمىز.
مەيلى راست بولسۇن ياكى ئويدۇرما بولسۇن...

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:17:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىىچك ۋاقتىمدىمۇ دادام  تولا جىننىڭ ھىكايىسىنى ئىيتىپ بىرىدىغان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diし__SiЯi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 19:22  



Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
27847
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:30:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىننىڭ  بولۇشى  مومكىنمۇ؟


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
27847
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:31:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  مومكىنمۇ؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:44:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى چىقىپ بولغىچە قورقۇپ كەتتىم ، قورقۇپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇدۇم ، توۋۋا  دەيمەن ئۆزۈمگە !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 20:24:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورقۇپ تۇرۇپ ئاڭلايتىم كىچىك ۋاقتىمدا، كىچىلىكى ئىسىگە كەپ قالسا خاتىرجەم ئۇخلىغىلىمۇ بولامۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 23:34:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قورقمىدىم..چۈنكى بۇنى ئوقۇش ئالدىدا مەن چىل بۆرىنىڭ يۈرىكىنى ئويلىغاچ  ئوقۇدۇمقورقۇنچاق باللا...قوقۇپتۇ ھې ھې ھې ھې    لىكىن بۇنىڭ داۋامى بولسا ياخشى بولار ئىدى،،،سەل ئاز بوپ قاپتۇ.لىكىن ساز بوپتۇ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:02:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادا جىىنىڭ بارلىقىغا ئشەنمىگەن ئادەم كاپىر جىننىڭ بارلىقى ھەقىقەت


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:09:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارىملار نىڭ جىن چاپلىشىېالغان قىز غائوقۇغۇننى كوگەن جىن قىز نىڭ قوسقىدا سوزلەيدىكەن  لىكىن قىز بىھۇش ھالەتتە ياتىدىگەن  مەن بۇ ئەھۋالنى كورۇپ بەدىنىم نى تىترەك بېسىپ كەتكەن


Rank: 2

تىللا
45
تۆھپە
28
UID
26339
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:38:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيدۇ جىننىڭ بار بولغىنى ھەقىقەت ، چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە جىنلار  5-6  ئايلاردىلا ئەركىن ئازادە يۈرەلەيدىكەن  5-6 ئايلاردا  كىچىسى يول يۈرۈش خەتەرلىككەن ، ئاخشىمى قەبرىستانلىق - مەسچىتىتىن  بىخەتەر ، قەبىرىستاندا جىن يوق جىنلارنىڭ ھەممىسى كىچىسى مەسچىتكە يىغىلىدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 03:59, Processed in 0.082428 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991