ئىگىسى: (نۇر)

جىننىڭ ھېكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
6
UID
27084
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 18:27:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىلەر. جىننىڭ بار-يوقلىقىغا كەلسەك ئېگىسى بىلىدۇ!لېكىن قانداقلا بولسۇن كىچىك چېغىمدىكى بوۋامدىن ئاڭلىغان  ھېكايىدىن بىرنى ئېيتىپ بېرەي:                                                     *******كىچىك چاغلىرىمىزدا ھازىرقىدەك كۆمۈرياكى گاز يېقىلغۇ قىلىدىغان ئىشلار نەدە تۇرۇپتۇ ،ھەپتىدە بىربولمىسىمۇ ئايدا ئىككى -ئۈچ قېتىم مەھەللىدىكى تونۇشلار بىلەن ئوتۇنغا چىقاتتۇق .كۈن كەچ بولغىچە ئېتىزدا ئىشلەپ ،زاۋال چۈشكەندىن كىيىن ،ئوزۇق-تالقانلارنى ۋە ئۇلاغلارنىڭ يېمىنى ئىلىپ ،دوقمۇش-دوقمۇشتىن يىغىلىپ  تۆت-بەش ھارۋىنى كارۋان قىلىپ ماڭاتتۇق .مەھەللىدىن چىققاندىن كىيىن بىرىنىڭ كەينىگە بىرىنى چېتىپ ھەممىمىز ئالدىدىكى ھارۋىغا  چىقىۋالاتتۇق-دە،يول بويى قىزىق گەپلەر بىلەن ئوتۇنلۇققا كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماي قالاتتۇق...قىشنىڭ قەھرىتان كۈنلىرىنىڭ بىرەدە بىرنەچچىمىز دېيىشكىنىمىز بويىچە يىغىلىپ ئوتۇنغا ماڭدۇق.بۇقېتىم يىغىلغان تۆتىمىز ‹ئاتلىرىمىز باشقىلارنىكىدىن قاۋۇل تۇرسا ،نېمىشقا ئوتۇننىڭ ئوبدىنىنى ئەكىلالمىغۇدەكمىز؛مەيلى يىراقراق بولسىمۇ ئوبدانراق ئوتۇندىن جىقراق بىسىپ كېلەيلى؛›دېيىشىپ قاش قارايغاندا مەھەللىدىن ئايرىلدۇق.مەھەللىدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ماڭمايلا كەينىدىكىلەر ئاتلارنى ئالدىدىكى ھارۋىغا باغلاپ بىزنىڭ ھارۋىغا يىغىلدى.بۈگۈن پاراڭ ئارىسىدا ئەخمەت تۇيۇقسىزلا جىننىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالدى -قاراڭلار ئاتنىڭ ئۈستىدە بىرى ئولتىرامدۇ نېمە.-بۇگەپ بىلەن ھەممەيلەن تەڭلە ئاتقا قارىدۇق ،ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى ،يەنە تەڭلا ئەخمەتكە قارىدۇق-دە،پاراققىدە كۈلۈۋەتتۇق .تۈن جىمجىتلىقىدىن كۆتۈرۈلگەن تۇيۇقسىزكۈلكە ئاۋازىدىن بىرخىل رەۋىشتە كېتىۋاتقان ئاتمۇ چۆچىدى بولغان ئۈركۈپ ،كىشنەپ كەتتى .شۇھامان ھەممىمىز جىمجىت بولدۇق .ئارىدىن قاسىم گەپ باشلىدى -ئالدىنقى قېتىم يېرىم يولغا كەلمەيلا ئۇخلاپ قاپتىمەن،بىرچاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ ئاتقا قارىسام ،ئاتنىڭ ساغرىسى ئاق تۇرمامدۇ،قورقۇپ جېنىم چىقايلا دىدى ،ئاستا ھارۋىدىن چۈشۇپ ئارقىدىكى ھارۋىغا چىقىپ ئاكامنىڭ قۇلىقىغا ئاستا قىلىپ ‹ئاكا بىزنىڭ ئاتنىڭ ساغرىسىغا ئۆچكە جىن يامىشىۋاپتۇ ›دېدىم .ئاكام بىرئاز تۇرىۋىلىپ ‹ئەخماق ،ئۇ ئات تاغامنىڭ ئاق ساغرىلىق ئېتى ،نەدىن كەلگەن ئۆچكە جىنكەن ،بىزنىڭ ئات بۇ ھارۋىدا تۇرمامدۇ ›-دېدى .....مانا كونا ئوتۇنلۇقتىنمۇ ئۆتۈپ يېرىم كېچىلەردە بىريەرگە كەلدۇق ،ئاي يورۇقىدا سۆسۆك (قۇرۇپ قالغان ،چوڭ يۇلغۇن)ئوتۇنلارنى كۆرۈپ ،ھارۋىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،گۈلخان يېقىپ قوساقنى ئەستەرلىگەندىن كىيىن ،گۈلخاننىڭ چوغىدا يەركاڭ قىلىپ ئۇخلاپ قالدۇق .كېچە قورسۇغۇمدا بىرنەرسە ئولتۇرغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتتى،ھەتتا ئۇنىڭ بىقىنىمغا تېگىپ تۇرغان پۇتلىرىنىمۇ سېزىۋاتاتتىم.ئاپلا -جىن!ئۈستۈمدىكى بۇبەرسە بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ تىنالماي قالدىم .كۆزەمنى ئېچىش ئەسلامۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئوڭ يېنىمدىكى ئەخمەتنى ئويغاتماقچى بولۇپ ئاستا قولۇمنى ئۇزاتتىم ،ئۇنىڭ قولى ئاللىغاچان ياغاچقا ئايلىنىپ قاپتۇ ،ئىچىمدە‹ئاللا،بۇ جىن ئەخمەتنى ئاللىقاچان يەپ كېتىپتۇدە.بېشىمغا پىچاق قويغىنىم ئېسىمگە كېلىپ ئاستا باش تەرىپىمدىن پىچاقنى ئالدىمدە ئۇ مەلئۇننىڭ بىقىنىغا تىقتىم ،شۇ ھامان ۋۇي ،ۋۇي ،ۋۇي ،ۋۇي ...قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ جىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ئۈستۈدىكى ئېغىرلىق يوقىدى... .ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .ئاتمۇ كۆرۈپتۇ دە،راسلا جىنكەن.كۆزۈمنى تېخىمۇ چىڭ يۇمدۇم . -قوپە يېتىۋىرەمسە ،ئەخمەتنىڭ ئاۋازىدىن كىيىنلا كۆزۈنى ئاچتىم .ناشتا قىلغاچ ئەخمەت ‹تاڭ يۇرۇغاندا تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتسام بىر نەرسە پۇتامغا قاتتىق تەگمەمدۇ،جىن ئۇرغان ئوخشايدۇ دېسەم .ئەسلى سەن ئىكەنسەن ،پۇتامنى ئارتىۋالغانغىمۇ شۇنچە ئۇرامسەن،مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كىچىكىمدىنلا يۇمالايدىغان تۇرسام،بىلمەيدىغاندەك...بىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق .***** كۆپچىللىڭ ،قاملاشمىسىمۇ ئوقۇپ قۇيارسىلەر......


Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
3
UID
23348
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 15:20:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىن ھەقىقەتەن بار ھەم راسىت .جىنلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاشلا خۇدا ياراتقان بىر مەخلۇقات .ئۇلارنىڭ ئارسىدا بىز ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ياخشى جىنمۇ ھەم يامان جىنمۇ بار .مەن بۇ توغرۇلۇق خېلى كۆپ ئىشلارنى بىلىمەن .بىزنىڭ بازاردا بىر سەيچى بالا بولىدىغان ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ جىن بىلەن دوسلۇقى بار ئىكەن .بۇ جىن بىر ياشانغان كىشىنىڭ سۈرىتىدە كىلىپ ھېلىقى سەيچىنىڭ دادىسى بىلەن بىر ئوبدان پاراڭلىشىپ كىتىدىكەن .كىيىن بۇ ئادەم ئۆلۈپ كىتىدىغان ۋاقتىدا بالىسىغا :بىزنىڭ ئۆيگە مۇشۇنداق بىر ئادەم مىنى ئىزدەپ كىلىدۇ ،سىلەر ياخشى كۈتۈپ يولغا سىلىپ قويۇڭلار ،قورقماڭلار دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ . كىيىن راستىنلا ھېلىقى جىن بۇ ئۆيگە كەپتۇ ۋە ھېلىقى بالا بىلەن سۆھبەتلىشىپتۇ .ئۇ جىننىڭ دەپ بىرىشچە جىنلارنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى جىنلارمۇ ئالتە يەتتە خىل ئۆزگىرەلەيدىكەن ،بىلىملىكرەكلىرى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ خىلغا ئۆزگىرەلەيدىكەن .ھېلىقى بالا سىناپ بېقىپ شاپتۇلغا ۋە باشقا بىر نەچچە خىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ .دىگەندەك ھېلىقى جىن راستلا بىر تەخسە قىزىرىپ پىشقان شاپتۇلغا ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئۆزگىرىپ بىرىپتۇ .بۇ ئەھۋالنى شۇ بالا مىنىڭ ئاكامغا دەپ بىرىپتىكەن .بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلار بار .سۈرۈشتە قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ .
لىكىن جىن بار .شۇڭا كەچلىرى يالغۇز سىرتقا چىقىش خەتەرلىك .كىچىك بالىلارنى سىرتقا قويۇپ بىرىش خەتەرلىك .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
119
تۆھپە
64
UID
26263
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:10:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىننىڭ بارلىغىغا ئىشىنىڭلار،بۇ ھەقتە مۇقەددەس كىتاپلىرىمىزدىمۇ بىشارەتلەر بار،،،،،،
مەن راست بولغان ئىشتىن بىرنى دەپ بىرەي ....
تۇلۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىزنى پاختا تەرگىلى ئەپچىقاتتى،بىر يىلى بىز ئۆيى قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدا بىر دىھقاننىڭ ئۈيىگە چۈشۈپ قاپتىمىز،بىر كۈنى پاختىنى جىڭلىتىپ بۇلالماي قاراڭغۇدا قالدۇق.ھارۋا پاختا بىلەن تۇشۇپ بىز پىيادە كىتىشكە مەجبۇر بۇلۇپ قالدۇق،شۇنىڭ بىلەن پاتمىغان بىر نەچچىمىز(ئوغۇللار بىر گۇرۇپ،قىزلار بىر گۇرۇپ بۇلۇپ ئايرىم باشقۇرۇلاتتى) پىيادە ماڭدۇق،قاراڭغۇدا يەنە شۇ جىننىڭ گىپى بولدى،يولدا تۇرۇپلا دەھشەت شامال چىقىپ كەتتى،نەق شۇ قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە تۇيۇقسىز قەبرىستانلىقتىن ئاپپاق بىر پارچە نەرسە ئۇچۇپ كىلىپ بوينۇمغا يۆگىشىپ قالدى،ياپانا،يا خۇدا،،،ئۈزەڭ بار...بىرلا چىقىراپ بوينۇمدىن ئۇ نەرسىنى تاتىلاپ-تىرمىلاپ دىگۈدەك ئېلىۋەتتىم،ئۇنىڭغىچە بىر نەچچىسى چىقىرىغانچە ئوقتەك يۈگۈرۈپ قېچىپمۇ كەتكەن ئىدى،قېپ قالغان يۈرەكلىك 2-3 ساۋاقدىشىم بىلەن بوينۇمغا يۆگۈشۈپ قالغان نەرسە-بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن سۇلياۋ پارچىسىنى ئېلىۋىتىپ ئۆيگە بېرىپ تاماق يىيىشكەش بۇ ئىشلارنى دىيىشىپ بۇ گەپ ئايلىنىپ ئاينىپ يەنە جىنغا ئۈتۈپ تا ئۇخلىغىچە داۋاملاشتى،ئەمدىلا ئۇخلايلى دەپ تۇرساق دېرىزىنىڭ يېنىدىن بىرسى ھۇقۇلداپ قالدى،جىم بۇلىۋالدۇق،يۈرەكلىكمۇ تىنالمايتۇق،شۇ قورقۇنۇشتا نەچچىسى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغانچە ئۇخلاپلا كىتىپتۇ،مەنمۇ ئەمدى ئۇخلاي دەپ كۈزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپ تۇرىۋىدى بوينۇمدىن  بىر نەرسە مېڭىپ نەق ئوڭ قاپىقىمنىڭ ئۈستىدىلا تۇرۇۋالدى،يا بىرەكىمنى چاقىرالمايمەن،يا مىدىرلىيالمايمەن،بەدىنىمنى سوغاق تەر بېسىپ كەتتى،تەخمىنەن ئون-ئونبەش مىنۇت تۇرغاندىكىن چىدىمىدىم،نىمە كۆرسەم كۈرەي دەپ (بىسمىللاھىررەھمانىرەھىم) دەپ شاپلىقىم بىلەن قاپىقىمغا بىرنىلا سالدىم-سالدىميۇ قۇلۇمنى ئاجراتمىدىم،خۇددى قۇلۇمنى بوشاتساملا بىرنەرسە چىقىپلا مىنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىدىغاندەك..شۇنداق يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئەتىگىنى باللا قوپقىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىم ئىشكابىنىڭ ئەينىكىگە قارىسام- يائاللا....پۇتلىرى ئۇزۇن بىر ئۆمۈچۈكنى پىشانەمگە مىجىپ -چاپلاپ يېتىپتىمەن،،باللا ئويغۇنۇپ يۈزلىرىمىزنى يۇيۇپ ئەتىگەنلىك تاماق-سۇيۇقئېشىمىزنى ئىچىۋاتساق كىچىدىن چىققان ھېلىقى قورقۇنۇشلۇق ئاۋاز يەنە چىقتى،قارىساق دېرىزىمىز ئۈستىدە ئۆي ئىگىسىنىڭ بىر جۈپ دەمدىرى باركەن.......


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 19:13, Processed in 0.058072 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991