تۇيۇقلار (1)
ئەي نادان،يول خەتەر، كەينىڭگە يانغىن،
ئاق ئاۋام سۈيىدە، ئوتىدا يانغىن،
دۇنيادا بىرلىككە يەتمەس ھېچنىمە،
كۆر،ئۇچقۇن ئۇلغىيىپ بولىدۇ يانغىن!
ئەل يۇرتقا كۆي بالام ، بولغىن باشپاناھ.
ئىش كەلسە غودۇراپ: دېمە يا پانا...
نادانلىق ئىلكىدە غەپلەت بېسىشتىن،
ئىلاھىم ساقلىسۇن، تىلىگىن پانا!
باھاردا يېرىڭنى تېرى، ئۇرۇق چاچ،
قىممەت بىل ۋاقىتىڭنى-ئازراق بۇزۇپ-چاچ.
يىللار ئۇ رەھىمسىز،تۇرمايدۇ قاراپ،
قېرىتار،بولساڭمۇ قۇندۇز-قارا چاچ!
ھاياتتا نى كويلار ئەگىيدۇ باشتا.
دانا دەر: ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا،
قارىغىن، تاغلاردىن كەلگەن ئېقىنغا،
ئاياغنى لاي باسار، سۇ سۈزۈك باشتا!
يوقىتىپ ھوشۇڭنى،بەڭنى چەكمىگىن،
مەجنۇنلۇق كۈيىگە تارلار چەكمىگىن.
كۈلۈپ باق ھاياتقا،ئۈمىدنى يار قىل،
ناتىۋان، بىھۇدە ھەسرەت چەكمىگىن،
ھەيۋەتلىك چاقسىمۇ كۆكتىكى چاقماق،
ياراشماس ئادەمگە ئادەمنى چاقماق.
مىسالى ئوخشاشتۇر، كىچىك بالىغا-
بىلمەستىن، ئوينا دەپ بەرگەندەك چاقماق!
چىقىرىپ يۈرسەڭمۇ ئىشتىنىڭدىن قىر،
ئېسىڭدىن چىقمىسۇن ھەرگىز ئېتىز-قىر.
دېھقانسەن، قىل ئەجىر نان بەرگەن يەرگە،
زىيانداش ئۇچرىسا دورىلا، چاپ- قىر...
قەلبىڭنى پاكىزلا، بولسۇن تازا-ساپ،
بولمىغىن نەپ بەرمەس، ئۈزۈمسىز بىر ساپ...
ئەل ئىشى چاقىرار،قۇلاقنى دىڭ تۇت،
بېلىڭنى باغلا ھەم سەن يېڭىڭنى ساپ!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.