كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 3

تۇيۇقلار (1) (دېھقانى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
160
تۆھپە
85
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 14:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇيۇقلار (1)



ئەي نادان،يول خەتەر، كەينىڭگە يانغىن،
ئاق ئاۋام سۈيىدە، ئوتىدا يانغىن،
دۇنيادا بىرلىككە يەتمەس ھېچنىمە،
كۆر،ئۇچقۇن ئۇلغىيىپ بولىدۇ يانغىن!



ئەل يۇرتقا كۆي بالام ، بولغىن باشپاناھ.
ئىش كەلسە غودۇراپ: دېمە  يا پانا...
نادانلىق ئىلكىدە غەپلەت بېسىشتىن،
ئىلاھىم ساقلىسۇن، تىلىگىن پانا!


باھاردا يېرىڭنى تېرى، ئۇرۇق چاچ،
قىممەت بىل ۋاقىتىڭنى-ئازراق بۇزۇپ-چاچ.
يىللار ئۇ رەھىمسىز،تۇرمايدۇ قاراپ،
قېرىتار،بولساڭمۇ قۇندۇز-قارا چاچ!


ھاياتتا نى كويلار ئەگىيدۇ باشتا.
دانا دەر: ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا،
قارىغىن، تاغلاردىن كەلگەن ئېقىنغا،
ئاياغنى لاي باسار، سۇ سۈزۈك باشتا!


يوقىتىپ ھوشۇڭنى،بەڭنى چەكمىگىن،
مەجنۇنلۇق كۈيىگە تارلار چەكمىگىن.
كۈلۈپ باق ھاياتقا،ئۈمىدنى يار قىل،
ناتىۋان، بىھۇدە ھەسرەت چەكمىگىن،



ھەيۋەتلىك چاقسىمۇ كۆكتىكى چاقماق،
ياراشماس ئادەمگە ئادەمنى چاقماق.
مىسالى ئوخشاشتۇر، كىچىك بالىغا-
بىلمەستىن، ئوينا دەپ بەرگەندەك چاقماق!



چىقىرىپ يۈرسەڭمۇ ئىشتىنىڭدىن قىر،
ئېسىڭدىن چىقمىسۇن ھەرگىز ئېتىز-قىر.
دېھقانسەن، قىل ئەجىر نان بەرگەن يەرگە،
زىيانداش ئۇچرىسا دورىلا، چاپ- قىر...



قەلبىڭنى پاكىزلا، بولسۇن تازا-ساپ،
بولمىغىن نەپ بەرمەس، ئۈزۈمسىز بىر ساپ...
ئەل ئىشى چاقىرار،قۇلاقنى دىڭ تۇت،
بېلىڭنى باغلا ھەم سەن يېڭىڭنى ساپ!



مەنبە: ئىجادىيىتىم.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
220
تۆھپە
80
UID
444
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 14:54:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىللىي شېئىرىيىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي  شەكىللەرنىڭ گۈلتاجىلىرىدىن بىرى بولمىش تۇيۇق شەكلى شائىرىدىن مول تىل بايلىقى، ئەمەلىي ئىپادىلەش ئىقتىدارى، يۇقىرى  بەدئىي ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، تۇيۇقلىرىڭىز خېلىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك  چىققان، مۇبارەك!
    سەمىمىي تەكلىپ:

         
ئەل يۇرتقا كۆي بالام ، بولغىن باشپاناھ.
ئىش كەلسە غودۇراپ: دېمە  يا پانا...
نادانلىق ئىلكىدە غەپلەت بېسىشتىن،
ئىلاھىم ساقلىسۇن، تىلىگىن پانا!
   بۇ تۇيۇقنىڭ 1-مىسرا ئاخىرىدىكى سۆز بىلەن 2- ۋە 4-مىسرا ئاخىرىدىكى سۆزلەر شەكىلداش سۆز ھاسىل قىلالامدۇ-يوق؟ ئويلىشىپ باقسىڭىز.


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
368
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:34:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2012-9-17 14:54
مىللىي شېئىرىيىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي  شەكىللەرنىڭ گۈ ...

ARKZAT  ئاكىمىزنىڭ تەكلىپى ئۇرۇنلۇق


Rank: 3Rank: 3

تىللا
160
تۆھپە
85
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 11:47:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزات ئەپەندىمنىڭ سەمىمى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىمەن....
مۇنبەرگە ئەسەر يوللاشتىن مەقسىتىممۇ دەل شۇ ئۇستازلارنىڭ سەمىمى پىكرىنى ئېلىپ،قەلىمىمنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ.....
رەھمەت.... ئەسەرلىرىمگە سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دېھقانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 11:48  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-28 03:29, Processed in 0.072191 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991