كۆرۈش: 3281|ئىنكاس: 7

يىلدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇيسىز؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
683
تۆھپە
278
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 16:09:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىلدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇيسىز؟
                              
ئابدۇغەنى توختى



    دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم، ئارىلىقتا ئۇ مەندىن:
  _ سىزچە دۇنيادا قايسى مىللەت ئەڭ كۆپ كىتاب كۆرىدۇ؟ - دەپ سوراپ قالدى.
  _ ئاڭلىشىمچە يەھۇدىيلارنى كۆپ كىتاب كۆرىدۇ دەيدىكەن، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ماتېرىيال ياكى ئاخبارات خەۋىرى ئالغىنىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. لېكىن بىر كىتابتىن ياپۇن مىللىتىنىڭ ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىغى توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. يەنى ئۇلار كىتاب ئوقۇپ كىلىپ بىر خام سۆزگە دۇچ كەلسە، ئۇدۇل كىتابخانىغا كىرىپ بىر لوغەت سېتىۋېلىپ، شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالىدىكەن؛  يەنە بىر ماقالىدىمۇ  « كىتاب-فىرانسىيەلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ 'يىلىغا  يۈز كىتاب ئوقۇمىغان كىشى فىرانسىيەلىك ئەمەس' دەيدىغان شۇئارى، ئۆلچىمى بار. ئاپتوبۇستا، مېترودا، پويىزدا، بانكىدا، ھەتتا تېز تاماقخانا، قەھۋەخانىلاردىمۇ كىتاب، گېزىت-ژورنال كۆرۈش ئومۇمىيەتكە ئايلانغان. فىرانسىيەدە كىتابخانىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن توملۇق كىتابلار باپ ياكى قىسىملار بۇيىچە كىچىك، يىنىك، ئەپلىك ئىشلىنىپ نەشىر قىلىنغان، شۇڭا بۇنداق ئەپلىك كىتابلار پارىژلىقلارنىڭ  ئەڭگۈشتەرىگە ئايلىنالىغان... فىرانسىيەلىكلەر بىر-ئىككى كۈن كىتاب ئوقۇيالماي قالسا ئۆزلىرىنى دۆتلىشىپ قالغاندەك سېزىپ، بىئاراملىق ھىس قىلىشىدىكەن » دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغىنىم ئېنىق ئېسىمدە، شۇڭا مەن فىرانسۇزلارنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەت بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن،- دېدىم.  
   _ ۋاي شۇنداقمۇ، فىرانسۇز مىللىتى دۇنيا بۇيىچە كىتاب ئوقۇشقا چېمپىيونمۇ قانداق؟_ دىگىنىچە دوستۇم ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.  
   شۇ ئارىدا ئويلىمىغان يەردىن دوستۇمغا تېلېفۇن كىلىپ قالدى، دوستۇم تېلېفۇننى ئېلىپ قارشى تەرەپ بىلەن ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ئاز كىتاب كۆرىدىغان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىۋېدى، قارشى تەرەپ بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەپ، ئۆزئارا بىر-بىرسىگە تىنچ-ئامانلىق تىلىشىپ، ئىللىق خوشلىشىپ تېلېفۇننى قۇيۇۋېتىشتى.
  _كىمكەن تېلېفۇن بەرگەن؟ نېمە دەيدۇ؟ _دەپ سورىدىم مەن ئۇلارنىڭ تېلېفۇندا قىلىشقان پارىڭىغا قىزىقىپ:
_ مۇئەللىم ئىكەن، دەرسكە چىقمامسەن دېۋىدى، گەپتىن-گەپ چىقىرىپ ئەرەبلەرنى ئەڭ ئاز كىتاب كۆرىدىغان مىللەت دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى دېسەم، سەن ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن بىر مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇشى بىلەن بولماي، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭدىن سوراپ كۆر، سەن يىلدا، ئايدا، كۈندە قانچىلىك كىتاب كۆرىۋاتىسەن، شۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورىنى دەپ باق دەيدۇ،_ دېدى دوستۇم خىجالەت ئىلكىدە.
  مۇئەللىمنىڭ يۇقۇرى سۆزىنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن قوزغىلىپ دەرسكە ماڭاي دەپ ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا دوستۇم:
_ ئاداش سەن ھازىرغىچە يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە كىتاب ئوقۇپ باقتىڭ؟ ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورى كىملىكىنى بىلەمسەن؟ بۇنىڭدىن كىيىن يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇش ئارزۇيۇڭ بار!_دەپ سوراپ قالدى.
  مەن دوستۇمنىڭ بۇ سۇئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشمنى بىلەلمەي، ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ دەرسخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىنمۇ بىراۋ مەيلى تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە باشقا بىر پاراڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغىچە يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇپ باقتىڭىز؟ ئۇ كىتابلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورى كىم؟ بۇنىڭدىن كىيىن يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇماقچى دەپ سوراپ قالسا، سىز نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟!
  مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى http://yarp.cn/forum.php

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
475
تۆھپە
232
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 00:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى مەسىلە- ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇرلارئارىسىدا «سىز ئۆمرۈڭىزدە قانچە كىتاب ئوقۇدىڭىز؟»دەپ سورىسا يالغان جاۋاب بېرىدىغانلار ۋە بۇ سۇئالنىڭ ئۆزىدىن سورالغىنىدىن رەنجىيدىغان ئاز بولماسلىقى مۇمكىن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 11:13:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      
    مىللىتىمىز ئارىسىدا  نۇرغۇن پۇل خەجلەپ شاھانە سارايلارنى سالدۇرغان بىلەن  ، كىتاپخانىدىن بىر پارچە كىتاپ  سېتىۋالمايدىغان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس . ئېسىل كىيىم - كېچەكلەرنى  سېتىۋالغان بىلەن بىر پارچە كىتاپ سېتىۋېلىشقا قورسىقى ئاغرىيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
340
تۆھپە
178
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:38:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن جىڭ گەپ قىلسام يىلدا 5 كىتاب ئوقىۋاتمەن  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 20:20:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ئادەملەر دەپ بىرەلمەيدۇ ،كىتاپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، تۇغۇلغان كۈندە ، كېسەل يوقلاشتا كىتاپ سوۋغا قىلسا ، بەزى كىشلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغان ئىشلار چۇ تېخى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 21:06:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭغۇ شۇنداق كۆپ كىتاب ئوقۇغۇم بار (نادىر كىتابلاردىن بولسا) ئىدى. لېكىن ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلار بىر - بىرىدىن پاخال كىتابلارمىكىن دەيمەن... ياخشى كىتابلارمۇ يوق ئەمەس، سەل سانى ئاز شۇ.


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 21:08:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇنداق پاخال كىتابلارنىڭ قىممەتلىكىچۇ تېخى؟ پۇلىسىغا چۇشلۇق بىلىم ئالغىلى بولمىغان. يا ساقلاش قىممىتى يوق. ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ شۇ ئۇنداق كىتابلار.


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
189
تۆھپە
87
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 21:13:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابلام بولىدىكەن ئۇنىڭدا چوقۇم بىلىم بولىدۇ ، ئاددىيسى كۈندىلىك خاتىرىدىنمۇ تېپىلىدۇ بىلىم دىگەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:01, Processed in 0.076940 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991