يىلدا قانچىلىك كىتاب ئوقۇيسىز؟
ئابدۇغەنى توختى
دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم، ئارىلىقتا ئۇ مەندىن:
_ سىزچە دۇنيادا قايسى مىللەت ئەڭ كۆپ كىتاب كۆرىدۇ؟ - دەپ سوراپ قالدى.
_ ئاڭلىشىمچە يەھۇدىيلارنى كۆپ كىتاب كۆرىدۇ دەيدىكەن، لېكىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ماتېرىيال ياكى ئاخبارات خەۋىرى ئالغىنىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. لېكىن بىر كىتابتىن ياپۇن مىللىتىنىڭ ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىغى توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. يەنى ئۇلار كىتاب ئوقۇپ كىلىپ بىر خام سۆزگە دۇچ كەلسە، ئۇدۇل كىتابخانىغا كىرىپ بىر لوغەت سېتىۋېلىپ، شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالىدىكەن؛ يەنە بىر ماقالىدىمۇ « كىتاب-فىرانسىيەلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ 'يىلىغا يۈز كىتاب ئوقۇمىغان كىشى فىرانسىيەلىك ئەمەس' دەيدىغان شۇئارى، ئۆلچىمى بار. ئاپتوبۇستا، مېترودا، پويىزدا، بانكىدا، ھەتتا تېز تاماقخانا، قەھۋەخانىلاردىمۇ كىتاب، گېزىت-ژورنال كۆرۈش ئومۇمىيەتكە ئايلانغان. فىرانسىيەدە كىتابخانىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن توملۇق كىتابلار باپ ياكى قىسىملار بۇيىچە كىچىك، يىنىك، ئەپلىك ئىشلىنىپ نەشىر قىلىنغان، شۇڭا بۇنداق ئەپلىك كىتابلار پارىژلىقلارنىڭ ئەڭگۈشتەرىگە ئايلىنالىغان... فىرانسىيەلىكلەر بىر-ئىككى كۈن كىتاب ئوقۇيالماي قالسا ئۆزلىرىنى دۆتلىشىپ قالغاندەك سېزىپ، بىئاراملىق ھىس قىلىشىدىكەن » دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغىنىم ئېنىق ئېسىمدە، شۇڭا مەن فىرانسۇزلارنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەت بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن،- دېدىم.
_ ۋاي شۇنداقمۇ، فىرانسۇز مىللىتى دۇنيا بۇيىچە كىتاب ئوقۇشقا چېمپىيونمۇ قانداق؟_ دىگىنىچە دوستۇم ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
شۇ ئارىدا ئويلىمىغان يەردىن دوستۇمغا تېلېفۇن كىلىپ قالدى، دوستۇم تېلېفۇننى ئېلىپ قارشى تەرەپ بىلەن ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ئاز كىتاب كۆرىدىغان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىۋېدى، قارشى تەرەپ بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەپ، ئۆزئارا بىر-بىرسىگە تىنچ-ئامانلىق تىلىشىپ، ئىللىق خوشلىشىپ تېلېفۇننى قۇيۇۋېتىشتى.
_كىمكەن تېلېفۇن بەرگەن؟ نېمە دەيدۇ؟ _دەپ سورىدىم مەن ئۇلارنىڭ تېلېفۇندا قىلىشقان پارىڭىغا قىزىقىپ:
_ مۇئەللىم ئىكەن، دەرسكە چىقمامسەن دېۋىدى، گەپتىن-گەپ چىقىرىپ ئەرەبلەرنى ئەڭ ئاز كىتاب كۆرىدىغان مىللەت دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى دېسەم، سەن ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن بىر مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇشى بىلەن بولماي، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭدىن سوراپ كۆر، سەن يىلدا، ئايدا، كۈندە قانچىلىك كىتاب كۆرىۋاتىسەن، شۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورىنى دەپ باق دەيدۇ،_ دېدى دوستۇم خىجالەت ئىلكىدە.
مۇئەللىمنىڭ يۇقۇرى سۆزىنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن قوزغىلىپ دەرسكە ماڭاي دەپ ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا دوستۇم:
_ ئاداش سەن ھازىرغىچە يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە كىتاب ئوقۇپ باقتىڭ؟ ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورى كىملىكىنى بىلەمسەن؟ بۇنىڭدىن كىيىن يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇش ئارزۇيۇڭ بار!_دەپ سوراپ قالدى.
مەن دوستۇمنىڭ بۇ سۇئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشمنى بىلەلمەي، ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ دەرسخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىنمۇ بىراۋ مەيلى تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە باشقا بىر پاراڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغىچە يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇپ باقتىڭىز؟ ئۇ كىتابلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتورى كىم؟ بۇنىڭدىن كىيىن يىلدا قانچە كىتاب ئوقۇماقچى دەپ سوراپ قالسا، سىز نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟!
مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
http://yarp.cn/forum.php