مەن تۇغۇلغان جاي - قازاقپۇڭ
1979-يىلى، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىم بولۇپ ، ساۋاقداشلار ئارىسىدا يۇرتىنى سۈرۈشتۈرۈشتەك بىر خىل قىزغىن كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى . ئويلاپ باقسام مەنمۇ شۇ ۋاققىچە نەدە تۇغۇلغانلىقىمنى ئاتا-ئانامدىن ئېنىق سوراپ باقماپتىمەن . ئەقلىمنى بىلسەم بالىلىق چاغلىرىم مۇشۇ باگاڭ (1-ئاۋغۇت پولات-تۆمۈر زاۋۇتى) دىگەن يەردە ئۆتۇپتۇ .
بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئاپامدىن « مەن نەدە تۇغۇلغان ؟ » دەپ سورۇدۇم . ئاپام « سەن قازاقپۇڭ دىگەن يەردە تۇغۇلغان » دىدى . دادام تولۇقلاپ زاۋۇتنىڭ بەزى خام ئەشيالىرىنى ۋە كېرەكلىك كۆمۈرلىرىنى توپاخاڭ ، لىۇ خاڭگۇ دىگەن تاغ ئىچىدىكى كانلاردىن ئەكىلىدىغانلىقىنى ، دەسلەپ ئىشقا چۇشكەندە مۇھىتى ۋە تۇرمۇشى تولىمۇ ناچار بولغان شارائىتتا مۇشۇ تاغ ئىچىدە ئىشلىگەنلىكىنى ، شۇ چاغدا مەن قازاقپۇڭ دىگەن يەردە دۇنياغا كۆز ئاچقانلىغىمنى ، كېيىن زاۋۇتقا قايتىپ كېلىپ ئىشلەش جەريانىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن ئىدى .
مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن مەن تۇغۇلغان يېرىمنى دىسەم ساۋاقداشلىرىمغا قىزىق تۇيۇلۇپ ، بولۇپمۇ قىزلار مېنى « سەن قازاق ئوخشىمامسەن » دەپ كۇلۇشۇپ ، چاقچاق ئارىلاپ چېقىپمۇ ئالاتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ، بارا بارا نەزەر دائىرەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئۆزەم تۇغۇلغان يەر نامىنىڭ نىمە ئۈچۈن « قازاقپۇڭ » دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى بىلگۇم كېلىپ ، كۆپ سۇرۇشتە قىلغان بولساممۇ بىلىدىغانلار چىقمىدى . لېكىن بۇ چېگىش قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يېشىلىشنى كۈتۈپ تىنىپ قالدى . ھەش-پەش دىگۈچە ئوقۇش پۈتتۈرۇپ خىزمەتكىمۇ چۇشۇپ بولدۇم . تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بولغاچقا ، رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر مىللەت بالىلىرى ئوقۇشقا كېلەتتى . يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقتىم بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەپ ئۆتەتتىم . قازاق ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەتتە ئىدىم . قىش كۇنلىرىنىڭ بىرى ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن رايونىنىڭ شىياۋچۇزى دىگەن يېرىدىن كەلگەن مۇراد ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى . تاغلارغا چىقىشنى ئۆزەممۇ ياخشى كۆرگەچكە، ئۇ دىگەن كۈنى بىللە ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ گەنگۇ دىگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ ، قالغان يولنى پىيادە يۇرۇپ ، ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان نەچچە تاغنى ئاتلاپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باردۇق . ئاتا-ئانىسى مېنى ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن كۈتىۋالدى . توك يوق بولغاچقا ، بۇ يەر كەچ كىرىشى بىلەن جاھان جىمىپ كېتەتتى . قىشلاق بولغاچقا ئۆيلىرىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى . كەچتە يان تەرەپتىكى بىر كىچىك ئۆيدە چىن چىراقنى يورۇتۇپ قويۇپ ، كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسىنى كۆرۇپ ، كۆڭلۈمدە بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىم بىردىنلا ئاشتى . چۇنكى مۇشۇنداق يەردە تۇرۇپمۇ كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئۆزى ھەر قانداق ئادەمنىڭ بۇ ئادەمگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغىماي قالمايتتى . مېنى كۆرۇپ قولىدىكى كىتاپنى قويۇپ ، مەن بىلەن سىردىشىشقا چۇشۇپ كەتتى . مەن سۆز ئارىلاۋېتىپ بىر ئىش خىيالىمغا كەلگەندەك بولۇپ ، ئىچىمدە ئۇزۇن يىل جاۋاپسىز قالغان ، يېشىلمىگەن تۈگۇننى سوراپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ سوراپ باقتىم . بۇ ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى مۇشۇ ئۆمرىنى چارۋىچىلىق بىلەن ئۆتكۇزگەن كىشى ماڭا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى : « قازاڭپۇڭ » دىگەن بۇ بىر يەرنىڭ نامى بولۇپ ، سانجى ئوبلاس تەۋەلىگۈدىكى لىۇ خاڭگۇ دىگەن كۆمۈركاننىڭ جەنۇپ تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان، ئىككى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇقنى كۆرسىتىدۇ . بۇ يەرگە قازاقلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىدىن باشلاپ تۇگەپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنى دەپنە قىلىپ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە تەدرىجىي ھالدا قەبرىستانلىق شەكىللىنىپ قالغان . باشتا خەنزۇچە «哈萨坟墓 خاسا فېنمۇ » ( قازاقلار قەبرىستانلىقى ) دەپ ئاتالغان . كېيىن بۇ ئاتالغۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا قىسقارتىلىپ « خاسا فېڭ » دەپ ئاتىلىپ ، كېيىنچە تىلغا يېقىن قىلىپ ، ئالدىدىكى سۆزنى « قازاق » قا ، كەينىدىكى سۆزنى « پۇڭ » غا ئۆزگۇرۇپ « قازاقپۇڭ » دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ مۇقىملىشىپ قالغان ؛ دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى . ئۆزەمگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە مەزمۇنىنى چۇشۇنۇپ يەتكەنلىگىمدىن ھەم بىر تەركىزىگە ئائىت بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم .