ئۇيغۇرلاردا «سەن » دېيىش ئېغىر ئەخلاق مەسلىسىمۇ ؟ 
 
 (بۇ تېمىدىكى مىسال ھەقىقىي بولغان ئىش ) 
       ھاياتلىق يەنى ياشاش ،ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن يەككە يىگانە ھالدا تاماملاش ئېلىپ بارىدىغان ، بىرخىل قائىدە ئىچىدىكى تەبىئىي ھالەت بولۇپ قالماستىن بەلكى ، ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىغان ، ئىجتىمائىي ھالەتتىكى ئۆزگىرىشچان جەريان . بۇنى مەن ئەمەس ھەممە ئادەم بىلىپ كىتەلەيدۇ .       ئەمدى مۇشۇنداق بىر سەينادا سىز دائىم بىر خىل ياشتىكى ياكى بىرخىل كەسىپتىكى، ئوخشاش جىنىستىكى  ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىپلا قالماي بەلكى ، ھەر ساھەدىكى ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىدىكەنسىز .     ئۇلار ئارىسدا چوڭلارمۇ ،كىچىكلەرمۇ ، قىزلارمۇ ، ئاياللارمۇ ، ئوغۇللارمۇ ۋە ئەرلەرمۇ شۇنداقلا ئاددى بولسۇن ياكى يۇقىرى بولسۇن، ھەر خىل ئىمتىيازدىكى ئادەملەر بولىدىكەن .      ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر زامانىۋىي ئالاقىلىشىش ۋاستىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى سەۋەبلىك، ئالاقە ۋاستىسى بىلەن ئالاقە مۇھىتى مۆلچەرلىگۈسىز ئاۋۇدى ۋە كېڭەيدى ، ئىلگىرىكىدەك پارچە ھالەتتىكى بىر مەھەللە ئىچىدىلا ياشاش ۋە شۇ مەھەللە ۋە يۇرت ئادەملىرى بىلەن ئالاقە قىلىش شارائىتى كۆپ ئۆزگەردى .      شۇڭلاشقا بۇ ياشاش مۇھىتى بەزىدە نۇرغۇن ئىجتىمائى  مەسىلىلەرنى ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىكى پەرقنى ھەدەپ ئاشكارىلاپ قويماقتا.       ئەگەر يۈز-تۇرانە ئالاقە قىلىش جەريانىدا بولسىغۇ، يۈز بەرگەن مەسىلە بولسا بىۋاستە چۈشەنچە بېرىش ئارقىلىق تېزلا ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.     ئەمما زامانىۋىي ئالاقىلىشىش ۋاستىسى ھىسابلنىدىغان، يانفۇن، چ چ ، قىسقا ئۇچۇر ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلخەت قاتارلىق ۋاستىلەردە بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسىڭىز ئادەمگە ئويلىغۇسىز ئېغىر كېلىدىغان سۆزلەر ۋە راست شۇنداق دېگەنمىدۇ؟ دېگەندەك گۇمانلار كەينى- كەينىدىن تۇغۇلۇپ  ، ئادەمنىڭ مەيدىسىدىن پەسكە پەقەت چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. ئاشۇنداق ئاددىي ھالەتتىكى بەزى مەقسەتىسىز شەكىللەندۈرۈرپ قويغان سەۋەنلىك (قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئىغىر خاتالىق ) يۈز بەرگەندە، سىز تېخىمۇ ئېغىر ۋە ئويلىمىغان جاۋاپقا ئېرىشىدىكەنسىز . نەتىجىدە بۇ سىزگە ئەڭ ئېغىر كەلگەن بىر ئىش بولۇپ قالىدىكەن .       شەخسەن مەن ئۆزۈمنى مىسال ئالسام ، مەن مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە 14 يىل ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقى قىپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ ئوقۇتقۇچىلىقنى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ماكان،  يەنى خوتەن دىيارىدا قىلغان بولغاچقا ، ئۇ ئوماق پەرزەنتلىرىمنى كۆپىنچە بالام، ياكى قوزام ، ئىنىم ، سىڭلىم دەپ ئادەتلەنگەچكە ، ئۆزۈمدىن كىچىكلەرنى بەزىدە بىلىپ، بىلمەي سەنلەپ سالىدىغان ئادىتىم بار، بۇنى مەن قەستەن شەكىللەندۈرگەن ئىش دېسەم توغرا بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا مەقسەتسىز شەكىللەندۈرگەن ، باشقىلارنى چاقىرىش ئادىتىم . ئەمما مەلۇم سەۋەبتىن تا بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ ئادىتىمنىڭ باشقىلار نەزىرىدە ئېغىر ئەخلاق مەسىلىسى پەيدا قىلدى دېگەن ئىنكاسقا قېلىشى مېنى بەك ئازابلىدى ، كۆڭلۈم يېرىم بولماي تۇرالمىدىم ، تا ھازىرغىچە بۇ ئىشتا نېمىشقا شۇنداق باشقىلارنى سەنلەپ سالغاندىمەن ، دەپ ئۆكىنىۋاتىمەن ، چۈنكى مېنىڭ بۇ سەنلەپ قىلغان سۆزۈم شۇ سەنلىگەن قارشى تەرەپكە نىسبەتەن بىر ئېغىر ئەخلاق مەسلىسى ، يەنە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلماسلىق بولۇپ تۇيۇلۇپ ، مەندىن قاتتىق خاپا بولۇپ كەتتى. مەن يېنىشلاپ ئەسلى مەقسىتىمنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن بولساممۇ ، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ سەنلەش خارەكتىرىدە قىلغان سۆزۈمنى چ چ ئالاقىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ ، بۇ سۆزلەرنىمۇ تولۇق يازغۇم كەلدى.      چۈنكى بۇ يەردە مەن قىلغان سۆزنىمۇ بىللە دېيىشىم كېرەك، مېنىڭ دېگىنىم « يەر ئۈستىدە بارمۇ سىز ؟ » دېدىم .، بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى،  ئۇدا بىر ئايغىچە ئۇچۇر يازسام جاۋاپ قايتىمىغان ئىدى .       بۇنىڭغا نىسبەتەن  « مەن بار  ، جىددىي بىر ئىمتاھانغا تىزىملاتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراش » دېگەن جاۋاپ بولدى ، شۇنىڭ بىلەن مەندىن قارشى تەرەپ كىچىك بولغاچقا ،ئۇقمايلا « ئىمتاھاننى ياخشى بەرگىن ، نېمىگە تىزىملاتتىڭ ؟» دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ساپتىمەن . مۇشۇ سۆزگە  قارشى تەرەپنىڭ ماڭا قايتۇرغان  ماۋۇ جاۋابى ، « قانداق ئادەم سىز ، نېمە مەن بىلەنلا قالدىڭىز ، گەپلىرىڭىز نېمانداق بىر-بىرىدىن قوپال ۋە زەھەرلىك »«نېمە سەنلەپ گەپ قىلىسىز ، مېنى ھەتتا  دادام ، ئانام، ئاكام ، ئۇكام ۋە مۇھەببىتىممۇ سەنلەپ باقمىغان » «باشقىلارنى ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپسىەن بولمىسا تاپمايسەن دەپتىكەن ، سىز مېنى ھۆرمەت قىلمىڭسىز ، مەنمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن » دېگەن ئىنكاس بولدى. مەزكۇر  ئىنكاس تا بۈگۈنگىچە راستلا مەيدەمدىن پەسكە چۈشۈپ كەتمىدى. راست گەپ قىلسام  بار گەپ شۇ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق گەپ قىلمىغان ئىدىم . لېكىن قارشى تەرپ ئېغىر ئېلىپ ماڭا قايتۇرغان ئىنكاسمۇ ماڭا راسلا ئېغىر كەلدى .      ئەمدى سورىشىڭلار مۇمكىن، قارشى تەرەپ بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولغان ئىدى دەپ ، بۇ يەردە ئېنىق دېسەم قارشى تەرەپ ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ،ئۆزى  كەسپىي رىياسەتچى ، قىز ، مەندىن تەخمىنەن 6 ياش  كىچىك ، پەقەت مېنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان تەرىپىملا بار ،  نورمال كەسپىي ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن ، ئۇ تەرەپمۇ مېنى ئاكىسى ئورنىدا تۇرۇپ مەسلىھەت ئالاتتى ،پەقەت  كەسپىي جەھەتتىلا مۇناسىۋەت قىلاتتۇق . ۋە ئازىراق ھۆرمەت قىلاتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۆزى شۇنداق ياخشى گەپ قىلغان، تۇيۇقسىزلا مەن « سەن» لىگەن ئىش ئۇنىڭغا مېڭىسىگە چىقىپ كېتىپتۇ ، ھەم ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق تۇيۇقسىز مېڭىسى تېز ئىنكاس قىلىدىغان ۋە چايقىلىدىغان  قىزلار بەك كۆپمىكىن دەيمەن ، يەنە ھازىر كۆپىنچە قىزلار شۇنداق نورمال گەپ قىلىپ تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا ،نەق مەيداندا ئادەم تىللىيالايدىغان ۋە ئاغىرىنالايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى.        دېمەك ، بىكاردىن بىكار بىر سەنلەپ گەپ قىلغان سەۋەنلىككە ،مەن مۇشۇنچە گەپلەرگە قالدىم، ھەم مەن بۇ ئىشتا قاتتىق رەنجىگەن قارشى تەرەپكە ناماقۇل بولدۇمدە ، بۇ مەسىلىنى  تونۇلغان رىياسەتچىلەردىن يەنى ئۈرۈمچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال رىياسەتچىدىن مەسلىھەت ئالسام، ئەسلى بەك يېقىن بولسىڭىز سەنلىسىڭز توغرا بولىدۇ . بولمىسا سىز دەيسىز دەپ مەسلىھەت بەردى.       مېنىڭچە مەن سەنلەپ باققان ئادەمنى بەلكىم ئۆزى دېگەندەك ھېچكىممۇ سەنلەپ باقمىغان بولسا كېرەك . مىڭ تەستە خاپا بولماڭ دەپ كەچۈرۈم سورىدىمدە چ چ ۋە مىكرو بىلوگلاردىن دەرھال ئۆچۈرۋەتتىم ۋە ئەمدى پەقەت ئالاقە قىلماسلىققا نىيەت باغلاپ ئۆزىگىمۇ شۇ ئالاقىنى ئەۋەتتىم .       ئەمدى بۇ تېمىنى يېزىش ئارقىلىق مەن كەڭ تورداش دوستلاردىن زادى «سەن» لەپ گەپ قىلىش قانداق ھالەتتە قىلىنسا مۇۋاپىق؟ زادى قانداق ئادەملەرنى سەنلەپ گەپ قىلىمىز ، ئۇيغۇرلاردا سەنلەپ گەپ قىلىش راستلا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىكمۇ ؟ زادى «سەن» دېيىش بىلەن «سىز »دېيىشىنىڭ  ئۆلچىمى، ئوبېيكتى ۋە قائىدىسى  قانداق بولىدۇ ؟ دېگەن مەسىلىدە تەلىم ئېلىش ئۈچۈن بۇتېمىنى يوللىدىم .       بۇ گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ ،ئەمما ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ئىش شۇڭا دوستلارنىڭ توغرا مۇنازىرە قىلالايدىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،شۇنداقلا كۆپنىڭ ئەقلى دېگەن راستلا ئازغا قارىغاندا بىر قەدەر پىشقان بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ تېمىنى قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىپ يازغان ئەمەس. پەقەت ئۆزۈمدىن ئاغرىنغان ، شۇنداقلا ھەقىقىي ئەقىل تېپىش ئۈچۈن يازغان، شۇڭا دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.  2012-يىلى 10-سىنتەبىر. 
  |