ئىگىسى: isyankar

ئۇيغۇرلاردا «سەن » دېيىش ئېغىر ئەخلاق مەسلىسىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
27514
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 20:36:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yolbash يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 17:12
بىر قېتىم دىققەتسىزلىكتىن «سەن» لەپ قويغانغا بۇنچىلىك ...

مەن پىكىرىڭىزنى قوللايمەن

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 03:13:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيمەن، يۇقارقى خېلى كۆپ ئىنكاسلاردىن قارىغاندا «سەن» دېگەن سۆزنى ئەڭ يېقىن كىشىلەر ۋە مۇناسىۋېتى يىرىكلىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغانلار ئۆز ئارا ئىشلىتىدىكەن. «ئالىم بىلەن ساراڭنىڭ ئارىلىقى بىر غېرىچ» دېگەندەكلا بىر ئىش بولدىغۇ بۇ؟
مەن ياشىغان شۇنداق بىر يۇرت باركى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن ئۆزئارا «سەن» دىيىشىدۇ، ھەرگىزمۇ بىر بىرىدىن ئاغرىنىپ قالمايدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى، چوڭلار كىچىكلەرنى ئوخشاش «سەن» دەپ ئاتىشىدۇ. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقا جايلارنىڭ مەدەنىيىتى تەسىر قىلىپ «سىز» دېگەن سۆز پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1388
تۆھپە
610
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:44:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
san يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 11:45
قارىغاندا بۇ تېمىنى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىچىدە ئالدى بىلە ...

مېنىڭچە بۇ قىزنىڭ كۆڭلى نازۇك ئەمەس ، مېڭىسى نازۇك ئوخشايدۇ.
باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1388
تۆھپە
610
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 11:46:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى قىزلارنىڭ ئاچچىقى شۇنداق يامان بولۇپ كېتىپتىمۇ؟
باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 1

ئىسىمى
ئادىلە
تىللا
53
تۆھپە
9
UID
27362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 14:21:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ مەسىلىنى بۇنچە تالاش-تارتىش قىلىپ كىتىشنىڭ ئورنى يوققۇ دەيمەن، چۈنكى سىز كۆڭلىڭىزنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپسىز، دىققەتسىزلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ، دىققەتسىزلىكتىن سەنلەپ يېزىلىپ قالغان بولسا كەچۈرۈم سوراپسىزغۇ يەنە رەنجىش كەتمەيدىغۇ؟ بۇ مىنىڭ چۈشەنچەم ئەگەر ياختۇرمىسىڭىز دىمىگەن بولاي

Rank: 6Rank: 6

تىللا
501
تۆھپە
246
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 00:28:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىدە شىنجاڭنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەرنىڭ «سەن»لەش ياكى «سىز»لەشكە بولغان چۈشۇنىشى ئوخشاش ئەمەش. قەشقەردە ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «سىز» دىگەن سۆزنى كىشىلەر ئومۇمەن ئىشلەتمەيتتى، ھەتتا ھۆرمەتلەپ«سىز»لىسە خاپا بولىدىغانلارمۇ ئۇچرىغان ماڭا. يېقىنقى يىللاردىن بويان قاتناش ۋە ئۇچۇر ۋاستىلىرى تەرەققى قىلىپ، قەشقەرلىكلەرنىڭ سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىسى كۆپۈيىپ،«سىز» لىشىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرۇشىدىغانلار كۆپەيگەنسىرى، ئەمدىلىكتە «سىز»دىگەن شۆزنىڭ ھۆرمەت سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى بولغاي، ھازىر قەشقەرلىكلەرنى «سىز»لىسە خاپابولمايدىغان بولدى.

Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
12
UID
27129
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 03:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئەڭ ياخشىسى باشقىلارنى سەن دىمىگىنى ياخشى.. ، سەن دىسە بەك قوپال ئاڭلىنىدۇ ، ئايال كىشىگە ياراشمايدۇ..

Rank: 2

تىللا
78
تۆھپە
30
UID
27170
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 11:19:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يوقۇرىدا ئېيتىلغادەك،بۇ تېما ئۈستىدە كۆپ توختىلىشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك ،دەپ ئويلايمەن.
چۈنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا ئوخشىمىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرىمىز.ئوخشىمىغان كىشىلەرگە،ئەھۋالغا قاراپ مۇئامىلە ۋە سۆز ئىشلەتسەكلا بولغىنى. بىزدە:‹‹ سەن،دىگەن سېسىق سۆز،سىز ،دىگەن سىللىق سۆز،ئۆزلە،دىگەن ئىللىق سۆز››دېگەن ئىبارىلەر بار.ئەقەلىسى،سۆز ئىشلەتكەندە،كىشىلەرې بىلەن ئالاقە قىلغادا،ئورۇن،سورۇن ۋە ئادەملەرگە قاراپ سۆزلىسەكلا بولغىنى.......

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
590
تۆھپە
331
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 17:08:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇدىكى مەسىلە ‹‹سەن››نى قانداق چۈشۈنىشىڭىزگە باغلىق.

Rank: 4

تىللا
283
تۆھپە
96
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 21:02:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تۇككانلا سەن دىيىشسە بولىدۇ بۇ يقىنلىقنى بىلدۇردۇ، بىراق باشقىلار بىلەن سىز دىيىشكان تۇزۇك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 01:50, Processed in 0.065475 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991