ئەڭ سۆيۈملۈك بىرىنچى خوتۇن 
       بىر باينىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن . ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن . ئۇنىڭغا ئىېسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ، ياخشى نازۇ -نېمەتلەرنى يېگۈزىدىكەن . ئۇنى ئىنتايىن ئاسرايدىكەن، ھەمىشە ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەن.       ئۇ ئۈچىنچى خوتۇنىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىكەن ، ھەمىشە دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنى كۆز - كۆز قىلىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، دەككە - دۈككىدىلا يۈرىدىكەن.       ئۇ ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ناھايىتى كۆيۈمچان ، سەۋرچان ئىكەن، ئەمەلىيەتتە باينىڭ سىردىشى ئىكەن . باي قانداق ۋاقىتتا مەسىلىگە يولۇقسا ئىككىنچى خوتۇننى ئىزدەيدىكەن ، ئىككىنجى خوتۇنىمۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن .      باينىڭ بىرىنچى خوتۇنى ناھايىتى ساداقەتمەن مەزلۇم ئىكەن ، باينىڭ بايلىقى ۋە تىجارىتىنى باشقۇرۇش ، پۈتۈن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىدىكەن .ئەمما ، بىرىنچى خوتۇنى باينى ناھايىتى ياخشى كۆرسىمۇ، باي ئۇنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن.        بىر كۈنى باي ئاغرىپ قاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆزنىڭ پات ئارىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ .  ئۇ ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىگە : << ھازىر يېنىمدا تۆت خوتۇنۇم بار ، ئەمما مەن ئۆلگەندىن كېيىن يالغۇز قالىمەن . مەن نېمىدىگەن بىچارە - ھە >> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى چاقىرىپ :  - سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن ، ساڭا ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم ، ھەممىدىن ياخشى باقتىم . ھازىر مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىمەن، مەن بىلەن كېتەمسەن ؟ - دەپتۇ.  - جۆيلىمىسلە ، - تۆتىنچى خوتۇنى شۇنداق دەپلا بىر ئېغىزمۇ گەپ - سۆز قىلماي كېتىپ قاپتۇ .  ئۇنىڭ جاۋابى باينىڭ يۈرىكىگە خەنجەر تىققاندەك بىلىنىپتۇ : باي قاتتىق ئازاپلانغان ھالدا ئۈچىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ :  - بۇ ئۆمرۈمدە سېنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ كەلدىم . ھازىر مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىمەن ، مەن بىلەن كېتەمسەن ؟  - ياق ، - دەپتۇ ئۈچىنچى خوتۇنى ، بۇ يەردىكى تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ، سىلى ئۆلگەندىن كېيىن مەن قايتىدىن توي قىلىمەن .  باينىڭ يۈرىكى ئېغىپ مۇزلاپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى خوتۇندىن سوراپتۇ :  - مەن ھەمىشە سەندىن ياردەم سورايتىم ، سەنمۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقىتىن قۇتۇلۇشىمغا ياردەم بېرەتتىڭ . مەن ھازىر سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج . مەن ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا ھەمراھ بولالامسەن ؟  - كەچۈرسىلە ، بۇ قېتىم سىلىگە ياردەم قىلالمايمەن ، - دەپتۇ ئىككىنچى خوتۇنى ، - ئەڭ بولغاندىمۇ سىلىنى قەبرىستانلىققىچە ئۇزۇتۇپ بارالايمەن .  بۇ جاۋاپ خۇددى چاقماق سوققاندەك بايغا قاتتىق زەربە بوپتۇ .  بۇ چاغدا بىر ئاۋاز جاراڭلاپتۇ :  - مەن سىلى بىلەن كېتىمەن . نەگە بارسىلا سىلىگە ھەمراھ بولىمەن .  باي بېشىنى كۆتۈرۈپ قارسا بىرىنچى خوتۇنى ئىكەن . ئۇ ئورۇقلاپ قاقشال بولۇپ قالغان ، قارىماققا ئۇزۇن مۇددەت ئاش - تاماق يېمىگەندەك كۆرۈنىدىكەن . باي قاتتىق ئازاپ بىلەن :  - ئەسلىدە سىنىڭ ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالسام بوپتىكەن ، - دەپتۇ .  ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشمىزدا تۆت خوتۇن بار :  ئا . تۆتىنچى خوتۇن بىزنىڭ بەدىنىمىز .  مەيلى بىز قانچىلىك ۋاقتىمىزنى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىمىزنى سەرىپ قىلىپ ، ئۇنى ياخشى باقايلى ، بىز ئۆلگەن ۋاقىتتا ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ .  ب . ئۈچىنچى خوتۇن بىزنىڭ ئورنىمىز ۋە مال - دۇنيايىمىز .  بىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلار باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ .  س . ئىككىنچى خوتۇن ئۆيىمىزدىكىلەر ۋە دوستىلىرىمز . ھايات ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن قانچىلىك يېقىن بولايلى ، ئۇلار ئەڭ بولغاندىمۇ بىزگە قەبرستانلىققىچە ھەمراھ بولالايدۇ .  د . بىرنچى خوتۇن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ روھىمىز .  بىز مال - دۇنيا ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى لەززەتنى قوغلاشقان ۋاقتىمىزدا ، ئۇ ھەمىشە سەل قارىلىدۇ .  ئويلاپ باققانمىدىڭىز ؟ مەيلى نەگىلا بارايلى ، بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولدىغىنى روھ . شۇڭا ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا پۇشايمان قىلىپ ھەسرەت چەككەندىن كۆرە ، ھازىر روھىمىزنى تەربىيلىسەك، ئۇنىڭغا كۈچ بەرسەك زىيىنى بولماس .  شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى
  |