كۆرۈش: 53193|ئىنكاس: 24

ئەڭ سۆيۈملۈك بىرىنچى خوتۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
159
تۆھپە
97
UID
20801
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:09:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەڭ سۆيۈملۈك بىرىنچى خوتۇن



     بىر باينىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن . ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن . ئۇنىڭغا ئىېسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ، ياخشى نازۇ -نېمەتلەرنى يېگۈزىدىكەن . ئۇنى ئىنتايىن ئاسرايدىكەن، ھەمىشە ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەن.
     ئۇ ئۈچىنچى خوتۇنىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىكەن ، ھەمىشە دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنى كۆز - كۆز قىلىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، دەككە - دۈككىدىلا يۈرىدىكەن.
     ئۇ ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ناھايىتى كۆيۈمچان ، سەۋرچان ئىكەن، ئەمەلىيەتتە باينىڭ سىردىشى ئىكەن . باي قانداق ۋاقىتتا مەسىلىگە يولۇقسا ئىككىنچى خوتۇننى ئىزدەيدىكەن ، ئىككىنجى خوتۇنىمۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن .
    باينىڭ بىرىنچى خوتۇنى ناھايىتى ساداقەتمەن مەزلۇم ئىكەن ، باينىڭ بايلىقى ۋە تىجارىتىنى باشقۇرۇش ، پۈتۈن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىدىكەن .ئەمما ، بىرىنچى خوتۇنى باينى ناھايىتى ياخشى كۆرسىمۇ، باي ئۇنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن.
      بىر كۈنى باي ئاغرىپ قاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆزنىڭ پات ئارىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ .
ئۇ ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىگە : << ھازىر يېنىمدا تۆت خوتۇنۇم بار ، ئەمما مەن ئۆلگەندىن كېيىن يالغۇز قالىمەن . مەن نېمىدىگەن بىچارە - ھە >> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى چاقىرىپ :
- سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن ، ساڭا ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم ، ھەممىدىن ياخشى باقتىم . ھازىر مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىمەن، مەن بىلەن كېتەمسەن ؟ - دەپتۇ.
- جۆيلىمىسلە ، - تۆتىنچى خوتۇنى شۇنداق دەپلا بىر ئېغىزمۇ گەپ - سۆز قىلماي كېتىپ قاپتۇ .
ئۇنىڭ جاۋابى باينىڭ يۈرىكىگە خەنجەر تىققاندەك بىلىنىپتۇ : باي قاتتىق ئازاپلانغان ھالدا ئۈچىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ :
- بۇ ئۆمرۈمدە سېنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ كەلدىم . ھازىر مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىمەن ، مەن بىلەن كېتەمسەن ؟
- ياق ، - دەپتۇ ئۈچىنچى خوتۇنى ، بۇ يەردىكى تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ، سىلى ئۆلگەندىن كېيىن مەن قايتىدىن توي قىلىمەن .
باينىڭ يۈرىكى ئېغىپ مۇزلاپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى خوتۇندىن سوراپتۇ :
- مەن ھەمىشە سەندىن ياردەم سورايتىم ، سەنمۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقىتىن قۇتۇلۇشىمغا ياردەم بېرەتتىڭ . مەن ھازىر سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج . مەن ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا ھەمراھ بولالامسەن ؟
- كەچۈرسىلە ، بۇ قېتىم سىلىگە ياردەم قىلالمايمەن ، - دەپتۇ ئىككىنچى خوتۇنى ، - ئەڭ بولغاندىمۇ سىلىنى قەبرىستانلىققىچە ئۇزۇتۇپ بارالايمەن .
بۇ جاۋاپ خۇددى چاقماق سوققاندەك بايغا قاتتىق زەربە بوپتۇ .
بۇ چاغدا بىر ئاۋاز جاراڭلاپتۇ :
- مەن سىلى بىلەن كېتىمەن . نەگە بارسىلا سىلىگە ھەمراھ بولىمەن .
باي بېشىنى كۆتۈرۈپ قارسا بىرىنچى خوتۇنى ئىكەن . ئۇ ئورۇقلاپ قاقشال بولۇپ قالغان ، قارىماققا ئۇزۇن مۇددەت ئاش - تاماق يېمىگەندەك كۆرۈنىدىكەن . باي قاتتىق ئازاپ بىلەن :
- ئەسلىدە سىنىڭ ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالسام بوپتىكەن ، - دەپتۇ .
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشمىزدا تۆت خوتۇن بار :
ئا . تۆتىنچى خوتۇن بىزنىڭ بەدىنىمىز .
مەيلى بىز قانچىلىك ۋاقتىمىزنى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىمىزنى سەرىپ قىلىپ ، ئۇنى ياخشى باقايلى ، بىز ئۆلگەن ۋاقىتتا ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ .
ب . ئۈچىنچى خوتۇن بىزنىڭ ئورنىمىز ۋە مال - دۇنيايىمىز .
بىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلار باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ .
س . ئىككىنچى خوتۇن ئۆيىمىزدىكىلەر ۋە دوستىلىرىمز . ھايات ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن قانچىلىك يېقىن بولايلى ، ئۇلار ئەڭ بولغاندىمۇ بىزگە قەبرستانلىققىچە ھەمراھ بولالايدۇ .
د . بىرنچى خوتۇن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ روھىمىز .
بىز مال - دۇنيا ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى لەززەتنى قوغلاشقان ۋاقتىمىزدا ، ئۇ ھەمىشە سەل قارىلىدۇ .
ئويلاپ باققانمىدىڭىز ؟ مەيلى نەگىلا بارايلى ، بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولدىغىنى روھ . شۇڭا ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا پۇشايمان قىلىپ ھەسرەت چەككەندىن كۆرە ، ھازىر روھىمىزنى تەربىيلىسەك، ئۇنىڭغا كۈچ بەرسەك زىيىنى بولماس .
شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
-★★★★★-
تىللا
613
تۆھپە
23
UID
15907
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:27:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ..........

Rank: 4

تىللا
259
تۆھپە
137
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 18:05:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخىشى تېما ئىكەن.

Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 20:05:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئەقەلى ساۋاقكەن ھە

Rank: 4

تىللا
300
تۆھپە
162
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 20:14:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق ئوخشۇتۇش بۇپتۇ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:33:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما ئىكەن  ئاڭلاپ چۈشۈنۈپ قويسا بولدىكەن.

Rank: 2

تىللا
64
تۆھپە
25
UID
8575
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:46:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى جەۋھەرلەش تەكلىپىنى بىرىمەن

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6742
تۆھپە
3408
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 00:21:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوبېل مۇكاپاتىغا يوللاپ باقايلى بولمىسا
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1462
تۆھپە
1136
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:39:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى ئوخشىتىش ئىلىپ بىرىلغان تىما ئىكەن

Rank: 3Rank: 3

تىللا
209
تۆھپە
52
UID
24737
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 13:13:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ياخشى تىمىكەن ،ئوخشىتىشلىرى شۇنداق جايىدا،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 14:37, Processed in 0.080726 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991